guide
ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىگە ۋىروس ئۆلتۈرۈش دېتالى قاچىلاش زۆرۈرمۇ؟
يوللانغان ۋاقتى :
04-02
كۆرۈلۈشى:
2697 قىتىم
تېڭشۈن تورى خەۋىرى:
نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاندىرويىد بولسا بىر ئېچىۋىتىلگەن مەشغۇلات سۇپىسى، دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزگەرتىش ۋە ئەپ ئېچىش قاتارلىق تەرەپلەردە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەركىنلىكنى ئۆزىدە ﻫازىرلىغان، بۇ خىل ئەركىنلىكنىڭ  كەمچىلىكى بولسا، بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، بولۇپمۇ يامان نىيەتلىك پىروگراممىلارنىڭ ﻫۇجۇمىغا ئاسانلا ئۇچراپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاندىرويىد سۇپىسىدا نۇرغۇنلىغان ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش دېتاللىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن، مەسىلەن،AVG ۋە كاسپارسكى قاتارلىقلار، ئۇنداقتا، بۇ خىل ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش دېتاللىرىنى قاچىلاش زادى زۆرۈرمۇ ئەمەس؟!
 

كىشىلەرنىڭ ئاندىرويىدنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە بولغان كۆز-قارىشىدا ئىككى قۇتۇپلىشىش مەۋجۇت، گۇگېل شىركىتى ئوچۇق كودلۇق سىستېما بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى Chris DiBona نىڭ دېيىشىچە، ئوچۇق كودلۇق سىستېما ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك مەسىلىسى باشقىلار تەرىپىدىن ﻫەددىدىن ئارتۇق كۆپتۈرۈۋىتىلگەن. ئەمەلىيەتتە، ئابونتلار پەقەت كىلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئەپلەرنى قاچىلىمىسىلا، بىخەتەرلىك جەﻫەتتە ﻫىچقانداق چاتاق چىقمايدىكەن. بۇندىن باشقا، گۇگېل شىركىتى ئاندىرويىد سىستېمىسىغا قاچىلانماقچى بولغان ئەپ ۋە باشقا پىروگراممىلارغا قارىتا ئاكتىپلىق بىلەن تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قوشقان بولۇپ، بۇ ئىقتىدار ئەپ ئىچىدە يامان نىيەتلىك كود بار-يوقلۇقىنى بىلەلەيدىكەن.
 

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت كىلىش مەنبەسى ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك بولغان ئەپلەرنى قاچىلىغاندا، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش دېتاللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ﻫاجىتى قالمايدىكەن. بىراق، ئەگەر سىز تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ۋە كىلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئەپ دۇكىنى ۋە تور بېكەتلەردىن مەزمۇن چۈشۈرسىڭىز، ئۇ چاغدا ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش دېتالى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.