guide
QQ نىڭ مەنىسى ....
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
947 قىتىم
QQ نىڭ مەنىسى ....

تېڭشۈن QQ قىسقارتىلىپ QQ دەپمۇ ئاتىلىدۇ،ئەسلى نامى OICQ  ياكى (OPEN-ICQ) بولۇپ ،شېنجىن

تېڭشۈن كومپىيۇتېر ئالاقە شىركىتى 1992-يىلى  2-ئايدا تارقاتقان

ﻫەقسىز ئۇچۇر تارقىتىش قورالى ئىدى.كېيىن ئامېرىكىنىڭ ICQ سى تېڭشۈننىڭ  “OICQ” دىتالىنى

نەشىر ﻫوقۇقىغا دەخلى -تەرۈز قىلدى دىگەچكە تېڭشۈن شىركىتى بۇ دىتالنىڭ نامىنى QQغائۆزگەرتكەن.

ئېتىلىشىچە تېڭشۈن شىركىتى نەچچە مىليون خەجلەپ QQ.COMدىگەن ئىسىمنى سېتىۋالغان ئىكەن.

ICQ بولسا دەسلەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ تېلئاۋىف Mirabilsشىركىتى ياسىغان.Mirabilsنىڭ مەنسى لاتىنچە "سىرلىق "

دىگەن مەنىدە.ICQ بولسا ئېنگىلىزچە "I SEEK YOU"نىڭ قىسقارتىلمىسى .مەنىسى :مەن سىزنى ئىزدەيمەن دىگەنلىكتۇر.

شۇچاغدا بۇدىتالنى ئىسرائىليەلىك بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ياساپ چىققان بولۇپ ئاساسلىغى توردا چاقىرىش ،ئۇچۇر يوللاش ،ﻫۆججەت،

ماتېريال يوللاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەن.

OICQبولسا OpenICQنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ئۇنى يۇقىرىدا دىگەندەك شېنجىن تېڭشۈن ئالاقە شىركىتى ياسىغان .

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى ئاتىشىمىزمۇ ﻫەرخىل .بەزىلەر چ چ دەيدۇ،بەزىلەر كىيۇ-كىيۇ دەيدۇ،يەنە بەزىلەر مۇڭداشقۇمۇ دەپ ئاتايدۇ.

يېڭى ﻫەۋەسكارلار قۇ قۇمۇ دەپ قويىدۇ.بۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلسەك توغرىسىنىڭ يەنىلا كىيۇ -كىيۇئىكەنلىكىنى ﻫېس قىلالايمىز.
مەنبە:
ياخو بىلىم سارىيى
http://ks.cn.yahoo.com/question/?qid=1307070500519
بەيدۇ  ئىزدىگۈچ
http://www.webicp.cn/new_24703_7.html