guide
CSS دېگەن نېمە؟
يوللانغان ۋاقتى :
01-26
كۆرۈلۈشى:
1456 قىتىم
CSS دېگەن نېمە؟
CSS قەۋەتلىنىش شەكلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ﻫەمدە HTML خاسلىقى ياكى بۇيرۇق قاتارلىقلارنى ئىزاﻫلاشتا ئىشلىتىدۇ، ئۇ يەنە ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان بىر قىسىم خۇسۇسىيەتلەرنى (مەسىلەن، خەت شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، رەڭگى قاتارلىقلارنى) كونترول قىلىپلا قالماستىن، بەلكى HTML نىڭ يەنە بىر قىسىم خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ كونترول قىلىدۇ، مەسىلەن ئوبيېكت ئورنى، رەسىم ئۈنۈمى، مائۇس كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلار. قەۋەتلىنىش شەكلى ئارقىلىق بىر قېتىمدا كۆپلىگەن تېكىست ﻫۆججەتلىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ﻫەمدە CSS دىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، تېكىست ﻫۆججەتلىرىنىڭ شەكلىنى ئاپتوماتىك يېڭىلىغىلى بولىدۇ. كۆچۈرۈپ يۆتكەش ياخشى ئىش ئەمەس .
CSS تېخنىكىسى تور بەت ياساشتىكى مۇﻫىم بولغان تېخنىكا بولۇپ، CSS تېخنىكىسى ئارقىلىق بېكەتنى بىزەش ئىلىپ بارغىلى، بەتنى كۆركەم، ئېچىلىش سۈرئىتى تېز قىلىپ ياساپ چىققىلى بولىدۇ