guide
ASP.NET ﻫەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
يوللانغان ۋاقتى :
01-26
كۆرۈلۈشى:
1054 قىتىم
1 باپ NET. رامكىسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
ئېنتېرنېت تورىنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ تىز سۈرئەتتە كېڭىيشىگە ئەگىشىپ، ئېنتېرنېت تورىنىڭ ئىقتىدارى پەقەت ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئۇچۇر توپلاش بولۇپلا قالماستىن ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ، تور بانكىسى ، ئېلىكتىرۇنلۇق مەمۇرىيەت ، ئېلىكترونلۇق سودا قاتارلىق ساﻫەلەردە مۇلازىمەت قىلماقتا . بۇ خىل خىزمەتلەردە كۆپ مىقداردا سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قلىىش ، ﻫېسابلاش جەريانىدا ئابونت ۋە مۇلازىمەتچى ئوتتۇرسىدا مۇرەككەپ بولغان ئالاقە ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئەمىليەتتە بۇ خىل مۇلازىمەت ئاللىقاچان بىرخىل كۆپ قاتلاملىق تارقالما شەكىلدىكى قوللانما سېستىمىسى بولۇپ شەكىللىنىپ بولدى .
تور بېكەت بولسا : زىيارەت قىلغۇچ ياكى باشقا ئېلېكترونلىق ئۈسكۈنلەرنى ئابونت تەرەپ قىلغان قوللانما پروگراممادىن ئىبارەت .تور يوقارقىدەك مۇرەككەپ ئېﻬىتىياجغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولغاچقا ، تور بېكەت بىلەن ئۈستەل يۈزى قوللانما سېستىمىلىرى ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرق بولىدۇ . شۇڭلاشقا تور بېكىتى لاﻫىيلەش نۆۋەتتىكى پروگرامما لاﻫىيلەش ساﻫەسىكى ئىنتايىن مۇﻫىم تۈر ﻫېسابلىنىدۇ .
ASP.NET2.0 بولسا مىكروسوفت شىركىتى 2005- يىلى يىل ئاخىردا تارقاتقان يېڭى بىر ئەۋلات كارخانا دەرىجىلىك قوللانما سۇپىسىدۇر . ئەلۋەتتە ASP.NET2.0 بولسا ASP.NET1.1 تەرەققياتى ، بىراق كۆپ تەرەپتە ﻫەل قىلغۇچ ئىقتىدارلار قۇشۇلغان . تۆۋەندە بىز تور بېكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ باقايلى .
1.1 تور بېكىتىنىڭ قىسقىچە تەرەققىيات تارىخى







دەسلەپكى Web مۇلازمېترى يوللاپ بېرىدىغىنى پەقەت تىنىچ ﻫالەتتىكى تور بەتتىن ئىبارەت بولۇپ ، تور بېتى يىزىق ۋە سۆرەتنى كۆرسىتەلىسىمۇ بىراق بەت لاﻫىيەسىنى ئوزگەرتىش ئىنتايىن قىيىن ئىدى ، تور يۈزىدە بەت مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايتى . تىنىچ ﻫالەتتىكى تور بەتنى زىيارەت قىلىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ .
(1) ئابونت تەرەپ Web مۇلازېمېترنىڭ URL غا بەت ئىلتىماسىنى يوللايدۇ .
(2) مۇلازېمېتر ئابونت تەرەپكە ئىلتىماس قىلغان بەتنى قايتۇرىدۇ .
(3) ئابونت تەرەپ مۇلازېمېتر يوللىغان بەتنى قۇبۇل قىلىپ زىيارەت قىلغۈچتا كۆرسىتىدۇ .
(4) ئابونت ۋە مۇلازېمېتر ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلىدۇ .
پۈتۈن جەريان مۇشۇنداق ئاددى بولىدۇ ، ئابونت تەرەپ بەتنى قۇبۇل قىلىپ زىيارەت قىلغۇچتا كۆرسىتىپ پۈتۈن جەريان ئاخىرلىشىدۇ . تىنچ ﻫالەتتىكى تور بېكىتىنى لاﻫىيلەش ۋە تارقىتىش نىسبەتەن ئاددى بولىدۇ . بۇ خىل لاﻫىيە ئەمىليەتتە شۇۋاقىتقا نىسبەتەن يىتەرلىك ئىدى . چۇنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە تور بېكىتىنى ئاساسەن بىر قىسىم پەن تېخنىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار پەن تېخنىكىغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئالماشتۇرۇشقىلا ئىشلىتەتتى .
ئېنتېرنېتنىڭ ئىشلىتىش ساﻫەسىنىڭ كېڭىيشىگە ئەگىشىپ، ئابونت سانىمۇ ﻫەسسىلەپ ئېشىپ ماڭدى . ئۆز نۆۋىتىدە ئوخشىمىغان ئابونتلار ئوخشاش بولمىغان ئېﻬتىياجلارنى ئوتتۇرغا قويۇشقا باشلىدى . مەسلەن : بىر قىسىم ئابونتلار تور بېتى ئارقىلىق بانكىدىكى ﻫېساباتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەﻫۋالىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىشتى . بۇخىل ئارزۇنى قانائەتلەندۇرۇش ئۈچۈن مۇلازېمېتر تەرەپ ئالدى بىلەن ئابونتنىڭ ﻫېساباتىنى ئىزدەپ تېپىپ زۈرۈ بولغان ﻫېسابلاش ۋە سېستاتىستىكا قىلىپ ئاندىن ئۇچۇرنى ئابونت تەرەپكە ئىنكاس قىلىدۇ . دېمەك مۇلازېمېتر ئابونتنىڭ ئېﻬتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر يۈرۈش مۇناسىۋەتلىك پىروگىراممىنى ئىجرا قىلىدۇ . بۇ بۆلۈك پىروگرامما پەقەت ئابونت تەرەپ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپلا قالماستىن يەنە ئابونت تەرەپنىڭ ئۇچۇر بېخەتەرلىكىگە ، باشقىلارنىڭ كۆرىۋېلىشىنىڭ ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ .
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تور بەت مەزمۇنىنى چىقىرىپ بېرىشتە پروگرامما ئىجرا قىلىپ نەتىجىنى چىقىرىپ بېرىدىغان تور بېتى ﻫەركەتچان تور بېتى دەپ ئاتىلىدۇ . ﻫەركەتچان تور بەتنى زىيارەت قىلىش جەريانى مۇندان بولىدۇ .
(1) ئابونت تەرەپ Web مۇلازېمېترنىڭ URL غا بەت ئىلتىماسىنى يوللايدۇ .
(2) مۇلازېمېتر تەرەپ ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تور بەت پروگرامىسىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ .
(3) بىر تەرپ قىلىنغان پروگرامما نەتىجىسىنى HTML كودىغا ئايلاندۇرۇپ ئابونت تەرەپكە يوللىنىدۇ .
(4) ئابونت تەرەپ يوللانغا بەتنى قۇبۇل قلىپ زىيارەت قىلغۇچتا بەت مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ .
(5) مۇلازېمېتېر ئابونت تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ، باشقا ئابونتقا يۈزلىنىپ يېڭى بىر مۇلازىمەت قىلىدۇ .
تىنچ تور بەتكە سېلىشتۇرغاندا ﻫەركەتچان تور بەت بىر پروگرامما بىر تەرەپ قىلش جەريانىلا ئارتۇق بولىدۇ . پروگراممىنى مەيلى قانداق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلسۇن ئوخشىمىغان دەۋىردە ئوخشاش بولمىغان تېخنىكا قوللىنىلغان . ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك 3 باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ .
1.1.2 ﻫەركەتچان تور بەت تەرەققىياتىدىكى بىرقانچە جەريان
1. CGI جەريانى
CGI ئېنگىلىزچە Common Gateway Interface دىگەن سوزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ مۇلازىمېتېرنىڭ بىرخىل ئورتاق ئۇلىنىش ئېغىزىغا ۋەكىللىك قىلدۇ . ﻫەرقېتىم مۇلازېمېتىر ئابونت تەرەپنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بۇ ئېغىزدىن پايدىلنىپ سرتقى پروگراممىنى قوزغىتىپ ﻫېسابلاش،بىرتەرەپ قىلىش ۋە سانداننى زىيارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن نەتىجىنى Web مۇلازېمېترغا قايتۇرىدۇ. مۇلازېمېتر بەت مەزمۇنىنى قايتا زىيارەت قىلغۇچقا يوللاپ بېرىدۇ .سىرتقى قوللانما پروگرامما c, c++ pascal,Jawa ياكى باشقا پروگرامما تىلىدىن پايدىلنىپ يېزىلغان پروگراممىدۇر . پروگرامما مۇستەقىل بولغان ئادرېس بوشلۇقىدا ئىجرا بولىدۇ .
كونكىرنى ئەﻫۋال رەسىم 1.1 دىكىدەك بولىدۇ .


كىيىن “ISAPI” ۋە “NSAPI” تېخنىكىسى مەيدانغا كەلدى ، بۇلارنىڭ ئىقتىدارى CGI بىلەن ئوخشاش ئىدى ، بىراق تېخنىكا جەﻫەتتە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئىدى . سىرتقى قوللانما پروگرامما نىسپى ئۇلىنىش ﻫۆججىتى قىلىپ ئىشلىتىلىپ (DDL) ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى يوقۇرى كۆتىرىلدى . يوقارقى تېخنىكىلارنىڭ قايسى بىرسى بولمىسۇن ﻫەممىسىدە سىرتقى قوللانما پروگرامما يزىلدىغان بولغاچقا قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يوقىرى ئىدى .
2. قوليازما تىلى باسقۇچى
بۇ باسقۇچقا كەلگەندە كۆپ خىل قوليازما تىلى مەيدانغا كەلدى . مەسلەن JSP ,
بولۇپمۇ
3. ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن تېخنىكا باسقۇچى


ASP.NET ۋە Java(J2EE) تېخنىكى بۇ باسقۇچنىڭ ۋەكىللىرىدۇر . بۇ تىپ ۋە ئويبىكتىۋدىن تەركىپ تاپقان پۈتۈنلەي ئويبىكتپقا يۈزلەنگەن سېستىما بولۇپ چارە ۋە ﻫادىسىنى قوزغىتىش ئارقلىق ئىجرا قىلىندۇ . بۇ خىل سېستىما يوقۇرى ئۈنۈملۈك ، ئىشەنچىلىك ۋە كېڭەيتىشچانلىقتىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىققا ئىگە .
1.1.3 ASPنىڭ تېخنىكىلىق ئالاﻫىلدىلگى
1996- يىلى 11- ئايدا مىكروسوفت شىركىتى ASP تېخنىكىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى .
ئۇنداق بولسا ASP تېخنىكىسى دىگەن نىمە ؟
ASP بولسا ئېنگىلىسچە Active Server Page دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى . ASP تور بېتىنى زىيارەت قىلغاندا مۇلازېمېتىر ASP ﻫۆججىتىنى ئىجرا قلىپ ئاندىن مۇناسىپ HTML ﻫۆججىتىنى ﻫاسىل قلىپ ئاخىردا ئابونت تەرەپكە يوللاپ بېرىپ زىيارەت قىلغۇچتا كۆرسىتىدۇ .
ASP دا ئورگىنال تىلىنى ئىشلىتىش بىرقەدەر ئاسان بولۇپ سېستىما يەنە بىرقانچە ئىچكى ئوبىكىت بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ، ئولارنى ئىشلىتىپ ﻫەركەتچان تور بەت قۇرۇش ئىنتايىن ئاسان بولغاچقا ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى .
بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر تور بېكەتكە تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ يوقۇرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتى .بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تېخىمۇ يېڭى، ئىقتىدارى يوقۇرى بولغان تېخنىكىنىڭ چىقىشىغا تۆرتكىلىك رول ئوينىدى .
1.1.4 يېڭى بىر ئەۋلاد ASP.NET تېخنىكىسى
21- ئەسىرگە كەلگەندە مىكروسوفىت شىركىتى .NET تېخنىكىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ كىيىنكى بىر ئەۋلات ئىنتېرنېت سۇپىسغا ئاساس سالدى . بۇ كومپىيۇتېر ، كۆچمە ئالاقىلىشىش ئابونتلىرىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە كەلگۈسىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەرنىمۇ (كىر ئالغۇ ،تېلۋېزور،توڭلاتقۇ ،بولكا ماشىنىسى ، قەﻫۋە ماشىنىسى ...) ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلاپ ﻫەرخىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ .
بۇ خىل ئىنتېرنېت سۇپىسى 1)كۈچلۈك بولغان ئۈتۈشۈش ۋە ﻫېسابلاش . 2)كۈچلۈك سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش . 3)تىز سۈئەتتە لاﻫىيلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش . 4)كۈچلۈك بولغان ئۇچۇر بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ .
مۇشۇ خىل ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە مىكروسوفىت شىركىتى 2000- يىلى .NET رامكىسى ئاساسىدا ASP.NET1.0 نۇسخىسىنى ، 2002- يىلى ASP.NET1.1 نۇسخىسىنى ، 2005- يىلى ASP.NET2.0 نۇسخىسىنى ئوتتۇرغا چىقاردى(2008-يىلى ASP.NET3.0 نۇسخىسىمۇ ئوتتۇرغا چىقتى)
ASP.NET تېخنىكىسى ASP تېخنىكىسى ئاساسىدا تەرەققى قىلىپ مەيدانغا كەلگەن ، بىراق ئاددى ﻫالدىلا ASP تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ كۆتىرلىشى دەپ قاراشقا بولمايدۇ . ASP.NET تېخنىكىسدا ASP تېخنىكىسىدىكى يىتەرسىزلىكلەر تۇلۇقلانغاندىن سىرت يانە نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىقتىدارلار قۇشۇلغان .
ASP.NET بولسا .NET رامكىسى سۇپىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان پۈتۈنلەي ئوبىكتقا يۈزلەنگەن سېستىمىدىن ئىبارەت . ASP.NET بىلەن .NET رامكىسى سۇپىسىنىڭ زىچ بىرلەشتۈرلىشى ASP.NET نىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاﻫىلدىلگىدۇر .
1.2 .NET رامكىسىنىڭ سېستىما قۇرۇلمىسى
.NET رامكىسىنىڭ سېستىما قۇرۇلمىسى 5 چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان :
1. پروگرامما لاﻫىيلەش تىلى ۋە ئورتاق تىل ئۆلچىمى (قېلىپى ) (CLS)
2. پروگرامما سۇپىسى (ASP.NET ۋە Windows قوللانما پروگراممسى )
3. ADO.NET ۋە تىپ ئامبىرى
4. ئورتاق تىل ئىجرا مۇﻫىتى ئامبىرى(CLR)
5. پروگرامما ئېچىش مۇﻫىتى (Visual Studio.NET)
ئۇنىڭ قۇرۇلما رەسىمى تۆۋەندىكى رەسىم 1.2 دىكىدەك . بۇ ئاددىلاشتۇرۇپ رەسىم 1.3 دىكىدەك ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ .


رەسىم (1.2) .NET رامكىسىنىڭ سېستىما قۇرۇلمىسى












رەسىم (1.3) .NET رامكىسىنىڭ ئاددىلاشتۇرۇلغان سېستىما قۇرۇلمىسى
تۆۋەندە .NET رامكىسى سۇپىسى ئىشلىتىدىغان تىل ۋە سۇپىنىڭ رولى ﻫەم ئالاقە كېلىشىمى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز .
1. .NET رامكىسى قوللايدىغان پروگرامما تىلى
.NET رامكىسىدا نۇرغۇنلىغان پروگرامما تىلىنى قوللايدۇ ، بۇ .NET نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاﻫىلدىلگىنىڭ بىرسى . .NET رامكىسىدىكى CLS بولسا ئەمىليەتتە بىر خىل تىل ئۆلچىمىدىن ئىبارەت . .NET رامكىسى كۆپ خىل تىلنى قوللىغانلىقتىن ،ئوخشاش بولمىغان تىل ئوبىكتلىرى ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا ئۈتىشىش بولغاندا چۇقۇم ئورتاق بولغان ئۆلچەمگە ﻫۆرمەت قىلىشى كېرەك . ئورتاق تىل ئۆلچىمى (قېلىپى ) (CLS) ئوخشاش بولمىغان تىللارنىڭ ئورتاق ئۆلچىمىگە ئېنىقلىما بېرىدۇ . ئۇ سانلىق مالۇمات تىپى ، تىل قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
نۆۋەتتە .NET رامكىسى قوللايدىغان تىللاردىن C# .NET、VB .NET、J# .NET、Jscript .NET、 C++ .NET قاتارلىقلار بار . بۇ تىللارنىڭ ﻫەممىسى .NET رامكىسىدا ئىجرا بولىدىغان بولغاچقا ئىقتىدارى ئاساسىي جەﻫەتتىن ئوخشاش بۇلۇپ پەقەت گىراماتىكىسىدىلا پەرق بار . پروگرامما ئاچقۇچىلار ئوزى ياقتۇردىغان خالىغان تىلنى تاللاپ پروگرامما ئاچسا بولىدۇ .
2. تىپ ئامبىرى
.NET رامكىسىنىڭ يەنە بىر مۇﻫىم تەركىبى قىسمى تىپ ئامبىرى بولۇپ ، ئۇ نەچچە مىڭلىغان تەكرا ئىشلىتىشكە بولىدىغان <<تىپ>>نى ئۆز- ئىچىگە ئالىدۇ . ﻫەرخىل پروگرامما ئېچىش تىللىرى <<تىپ>>دىكى تىپلاردىن پايدىلنىپ ئەنئەنىۋى پروگرامما ۋە كۆرۈنمە يۈزلۈك (GUI) پروگرامما ئاچىدۇ .
.NET رامكىسىدىكى <<تىپ>>لار <<نام>>(NameSpace) ئارقىلىق ﻫەرخىل لوگىكىلىق تۈرلەرگە ئايرىلىپ قاتلام بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ﻫەر بىر <<نام>> رولىغا ئاساسەن تۈرلەرگە بۈلۈنگەن مۇناسىۋەتلىك <<تىپ>>لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇخىل ئورۇنلاشتۇرۇش ناﻫايىتى چوڭ بولغان .NET <<تىپ>> لىرىنى چۇشۇنۇش ۋە ئىشلىتىشتە ئىنتايىن قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ .
مەسلەن :
بارلىق مىكروسوفت تەمىنلىگەن <<تىپ>>لار ﻫەممىسى System ۋە Microsoft باشلانما <<نام>> دا بولىدۇ .
تور كېلىشىمى ۋە پروگرامما ئۇلىنىش ئغىزىغا ئائت <<تىپ>>لار System.Net نام بوشلىقىدا بولىدۇ .
ﻫۆججەت I/O ، ئىچكى ساقلىغۇچ I/O ۋە مۇستەققىل ساقلاشقا ئائىت <<تىپ>>لار System.IO نام بوشلىقىدا بولىدۇ .
Windows قوللانما پروگرامملىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە ئائىت <<تىپ>>لار System.Windows.Forms نام بوشلىقىدا بولىدۇ .
تور مۇلازىمىتىگە ئائىت <<تىپ>>لار System.Web نام بوشلىقى ۋە تارماق نام بوشلىقىدا بولىدۇ .
3. ئورتاق تىل ئىجرا مۇﻫىتى ئامبىرى(CLR)
ئورتاق تىل ئىجرا مۇﻫىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، .NET رامكىسىنىڭ يادرولۇق بۆلىكى . ئۇ پروگرامما ئىجرا بولغان ۋاقىتتا ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش ، ئەخلەت ئۇچۇرلارنى ئاپتۇماتىك يىغىۋېلىش ،قاتلاملىق باشقۇرۇش ۋە يىراقتىن بىر تەرەپ قلىش مۇلازىمىتى ﻫەم باشقا سېستىما مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمنلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پروگراممىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش ، بىخەتەرلىك تەكشۇرشى ئېلىپ بېرىش، سېستىمىنى ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەنى ئورۇنداپ ،پروگراممىنىڭ ئىشەنچىلىك ، توغرا ، بىخەتەر ئىجرا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .