guide
تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ﻫەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
994 قىتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ﻫۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
كەڭ ئۇيغۇر تورتېخنىكا ساﻫەسىدىكى ئاتامانلارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ۋە تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە PHP لىق نادىر سېستىمىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك فىلىم ۋە PDF لىق دەرسلىكلەر ئۆز ئانا تىلىمىزدا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. PHP تېخنىكىسىنىڭ دىيارىمىزدا يەنىمۇ بىر قەدەم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەڭ PHP ﻫەۋەسكارلىرىغا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان سەﻫنە ﻫازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ بىر مەزگىللىك تەييارلىقلاردىن كېيىن ئۇزدىل تورى باشچىلىقىدا «تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ﻫەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى» ئويۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق، مۇناسىۋەتلىك ئەﻫۋاللار تۆۋەندىكىچە، يېقىندىن قوللاپ بېرىشىڭىزلارنى ۋە ئاكتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتنىشىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

«تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ﻫەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى» لايىﻬەسى
(داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ...)

1. مۇسابىقە مەزمۇنى ۋە مۇكاپات سوممىسى
مۇسابىقە سېستىما گۇرۇپپىسى (A گۇرۇپپا)، ئۇسلۇب گۇرۇپپىسى (B گۇرۇپپا) ۋە ماقالە گۇرۇپپىسى (C گۇرۇپپا) بولۇپ 3 گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ﻫەمدە ﻫەربىر گۇرۇپپىغا ئايرىم-ئايرىم مۇكاپات تەسىس قىلىنىدۇ.
سېستىما گۇرۇپپىسى (A گۇرۇپپا) PHP+MySQL دا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى تۈزۈش بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 500 يۈەن.
ئۇسلۇب گۇرۇپپىسى (B گۇرۇپپا) WordPress بلوگ سېستىمىسىغا ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش(ياكى ياساش)تا مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 300 يۈەن.
ماقالە گۇرۇپپىسى (C گۇرۇپپا) LAMP تېخنىكىسىغا ئالاقىدار ماقالىلەرنى يېزىشتا مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 100 يۈەن.
لايىﻬە گۇرۇپپىسى: مۇكاپات سوممىسى 100 يۈەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن تۇغ رەسىمى ۋە تەشۋىقات ئېلان رەسىمى لايىﻬەلەپ بەرگەنلەرگە بېرىلىدۇ.
2. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇسۇلى
مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئۆز ئەسىرىنى ئۇزدىل مۇنبىرىنىڭ PHP ﻫەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى سەﻫىپىسىگە يوللىسا ياكى باشقا توربېكەت ياكى بلوگلاردا ئېلان قىلسا بولىۋېرىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بولۇشى ﻫەم مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قىلىنغان بولۇشى شەرت:
تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ﻫەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر.
3. ئەسەر باﻫالاش
مەخسۇس باﻫالاش ﻫەيئىتى ۋە باﻫالاش ئۆلچىمى بېكىتىلىپ شۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
4. پائالىيەت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
2013.يىلى 1.ئاينىڭ 5.كۈنىدىن 2013.يىلى 1.ئاينىڭ 31.كۈنىگىچە تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ.
يەنى تەشۋىقات ئېلان رەسىمى لاﻫىيەلەش، ﻫەمكارلىق ئورنىتىش، باﻫالاش ﻫەيئىتى ۋە باﻫالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش، تەكلىپ- پىكىر قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار.
2.ئاينىڭ 1.كۈنىدىن 4.ئاينىڭ 1.كۈنىگىچە ئەسەر ئېلان قىلىش ۋە تاپشۇرۇش باسقۇچى.
4.ئاينىڭ 1.كۈنىدىن 4.ئاينىڭ 20.كۈنىگىچە ئەسەرلەرنى باﻫالاش.
4.ئاينىڭ 21.كۈنى نەتىجىنى ئېلان قىلىش ۋە مۇكاپات سوممىسىنى نەقلەشتۈرۈش.

ئۇزدىل تورتېخنىكا تورى
http://www.uzdil.com
يانفون: 15026303509
2013.يىلى 1.ئاينىڭ 4.كۈنى