guide
Java ئاساسىي بىلىم دەرسلىكلىرى: 1-دەرس Java تىلى بىلەن تونۇشۇش
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1195 قىتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن يانتاقتىن كەڭ تورداشلارغا ئوتلۇق سالام! بۈگۈن ﻫەرقايسىڭلارنىڭ ﻫۇزۇرىغا بىلىگ تورى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ، تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى يۈرۈشلۈك دەرسلىك فىلىم << Java ئاساسىي بىلىم دەرسلىكلىرى>> نىڭ 1-قىسمىنى ئېلىپ كەلدىم. كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى  ﻫەمدە پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. فىلىم مەنبەسى: بىلىگ تورى



未标题-1.jpg

بىلىگ تورى تەشۋىق فىلىمى:



بىلىگ تورى ﻫەققىدە: بىلىگ تورى ئۇيغۇرچە دەرسلىك، تەرجىمە دەرسلىك، تەرجىمە لېكسىيە ۋە كارتون فىلىم قاتارلىق نادىر فىلىملەر مۇجەسسەملەنگەن تور بېكەت بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 4 ئاي جەريانىدا پۈتۈن ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى ﻫەمدە كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىگە خاس بولغان توربېكەت خاسلىقىنى بەرپا قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئىزچىل ئىزدىنىپ كەلمەكتە! ئىشىنىمىزكى تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر ئاستىدا، بىز توختىماستىن ئىلگىرلەپ، ئەڭ يېڭى ﻫەمدە نادىر بولغان ئىدىيەلەرنى كەڭ قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرىمىز!

شۇنداق، تور بېكەت تەرەقىياتى ۋاقىت  ۋە خالىس ياردەملەردىن ئايرىيالمايدۇ ئەلۋەتتە. بىلىگ ئەترىتىمۇ مانا شۇنداقتۇر. تور بېكىتىمىز شۇنداقلا كەڭ تورداشلار ئارىسىدىن خالىس ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلارنى قارشى ئالىدۇ!

ئەترىتىمىزگە لازىملىق بولغان خىزمەت ۋەزىپىلىرى:

1. تەرجىمە خىزمىتى: بىلىگ تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئايرىم ئايرىم ﻫالدا تېد تەرجىمە، كارتون تەرجىمە، لېكسىيە تەرجىمە ۋە ﻫۆججەتلىك فىلىم تەرجىمە دەپ تۆت كىچىپ گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ﻫەممىسىگە خالىس تەرجىمانلارنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداق، ﻫازىرچە مالىيە جەﻫەتتىن سىزگە ﻫېچقانداق نەرسە تەمىنلىيەلمەيمىز، لېكىن ئىشىنىمىزكى،ئەترىتىمىزدە تېخنىكا، تەجرىبە جەﻫەتتىن چوقۇم يېڭى بىر پەللىگە چىقالايسىز!

2. تەكلىپلىك دەرس سۆزلىگۈچى: ئەگەردە سىزدە مەلۇم پىروگرامما تىلى ، مەلۇم يۇمشاق دېتال ، ياكى مەلۇم چەتئەل تىلى جەﻫەتتىن بەلگىلىك سەۋىيىرىڭىز بولسا بىزنىڭ تور بېكەتكە تەكلىپلىك دەرس سۆزلىگۈچى بولسىڭىز بولىدۇ، بىز دەرسنى سىنغا ئېلىش تېخنىكىسى ۋە باشقا جەﻫەتتىن سىز بىلەن ﻫەمبەﻫىر بولىمىز، ﻫەمدە دەرسلىكلىرىڭىزنى بىلىگ تورىدا ئېلان قىلىمىز.

3. تور بېكەت لاﻫىيلەش: پاتئارىدا ئەترىتىمىز بىلىگ تورى 2.0 نەشىرىگە كۆتۈرمەكچى، يېڭى نەشىردىكى بىلىگ تورى كۆپلىگەن يېڭى ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، سىز ۋە سىزنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىڭىزغا مۇﻫتاجدۇر، بۇ ئارقىلىق سىز بېكىتىمىز تەجىربىلىك تېخنىك خادىملار بىلەن بىرلىكتە بىلىگ دۇنياسىدىكى يېڭى رىۋايەتنىڭ باش پىرسوناژىز بولالايسىز!

قېنى بىزگە قېتىلىڭ! قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى توپقا كىرىپ باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
بىلىگ تورى ئەزا قوبۇل قىلىش QQ توپى: 299874837