guide
ICP بېجىرىشنىڭ قانۇنىي تەرتىپى
يوللانغان ۋاقتى :
02-16
كۆرۈلۈشى:
1596 قىتىم
ICP بېجىرىشنىڭ قانۇنىي تەرتىپى :
1.بېكەت ئىگىسى بوشلۇق تەمىنلىگۈچى نىڭ ICP تىزىملاش سېستىمىسدىن كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ توردىن يوللايدۇ.
2. بېكەت ئىگىسى بوشلۇق تەمىنلىگۈچى نىڭ ئالدىغا بېرىپ رەسىمگە چۈشىدۇ ۋە كىملىك نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى، ۋە قولدا تولدۇرغان ۋە ئىمزا قويغان ‹بېكەت ئەنگە ئېلىش ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى › نى تاپشۇرۇش بىلەن بىرگە نەق مەيداندا بەلگىلەنگەن ئارقا كۆرۈنۈش ئالدىدا رەسىمگە چۈشىدۇ.
3. بوشلۇق تەمىنلىگۈچى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى دەلىللىگەندىن كىيىن دەسلەپكى قەدەمدە بېكەت ئىگىسىنىڭ توردىن يوللىغان ئۇچۇرىنى تەستىقلايدۇ ، ۋە ‹بېكەت ئەنگە ئېلىش ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى› نىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك جايلىرىنى تولدۇرۇپ تامغا بېسىپ ئۇنى بېكەت ئىگىسى تۇرۇشلۇق يەرلىكتىكى خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسگە يوللايدۇ. قەغەز يۆزىدىكىسنى يوللاپ بىلەن بىرگە icp تىزىملاش سىستېمىدىن بېكەت باشلىقى كىرگۈزگەن ئۇچۇرنى توردىن خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسگە يوللايدۇ.
4. خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسدىكى ICP تەستىقلاش خادىمى تەرتىپ بۇيىچە ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن سېستىمدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ئۆلچەمگە لايىق بولسا، توقۇنۇش ئەﻫۋالى كۆرۈلمىسە ئۇچۇرلارنى تەستىقلاپ icp نومۇرى چىقىرىپ بېرىدۇ، سىستېما ئاپتوماتىك ﻫالدا بېكەت ئىگىسىنىڭ خەت ساندۇقىغا ۋە قول تېلېفونىغا تەستىقلىغانلىق ئۇچۇرنى ياكى تەستىقلىمىغانلىق ئۇچۇرىنى ئەۋەتىدۇ، تەستىقلانسا icp نومۇرى ۋە ئۇ نىڭ مەخپىي نومۇرى نى قوشۇپ ئەۋەتىدۇ، تەستىقلانمىسا، تەستىقلىمىغانلىق ئۇچۇرىنى ئەۋەتىدۇ، ۋە سەۋەبىنى بوشلۇق تەمىنلىگۈچىدىن سوراڭ دەپ ئەسكەرتىدۇ.
تەستىقلىماسلىقنىڭ سەۋەبى:
1- تەمىنلىگەن كىملىك نومۇرغا بۇرۇن ICP ئېلىنىپ بولغان ﻫەم ﻫازىرغىچە مەۋجۇت. بۇنى ئۇلار 主办者冲突 دەپ ئەسكەرتىدۇ.
2- تەمىنلىگەن تور نامىنىڭ ICPنومۇرى بار، ياكى بۇ تور نامىنى باشقىلارمۇ يوللىغان ﻫەم تەستىقلاش باسقۇچىدا، بۇنى ئۇلار 域名冲突 دەپ ئەسكەرتىدۇ.
3- تەمىنلىگەن تور نامى قارا تىزىملىكتە، قارا تىزىملىكتە بولۇشنىڭ سەۋەبى بۇ تور نامىدا بۇرۇن قانۇنسىز تور بەت ئېچىلغان ۋە ﻫۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن. ئۇمۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا ICP بېجىرىشنىڭ تەرتىپى يۇقىرىقىدەك. 
لېكىن دۆلىتىمىز چوڭ، بېكەت باشلىقلىرى ﻫەرقايسى رايون شەﻫەرلەرگە تارقاقلاشقان، دۆلىتىمىزدە ﻫەم بوشلۇق تەمىنلىگۈچىلەر ساماندەك جىق، شۇنىڭ ئۈچۈن ICP نى بەلگىلەنگەن قانۇن تەرتىپكە %100 چۈشۈرۈپ بېجىرىش نۇرغۇنلىغان بېكەت باشلىقلىرىغا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈردۇ. بولۇپمۇ نەق مەيداندا رەسىمگە چۈشۈش بۇنىڭ تىپىك مىسالى . شۇنىڭ ئۈچۈن ﻫەر قايسى بوشلۇق تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ۋە ﻫەر قايسى رايونلاردىكى خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ ICP بېجىرىش تەرتىپىگە نىسبەتەن قىسمەن ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەن .ئەمما ICP بېجىرىشنىڭ تۈپ نىزامىغا خىلاپ بولمىغان. مەسىلەن، بوشلۇق تەمىنلىگۈچىلەرنى ئېلىپ ئېيتساق قەغەز يۈزىدە تاپشۇردىغان ‹بېكەت ئەنگە ئېلىش ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى › نى بېكەت باشلىقى ئۆزى توردىن چۈشۈرۈپ پىرىنتېردا بېسىپ چىقىرىپ قولدا تولدۇرۇپ ئاندىن ئۇنى سىكانىرلاپ كومپىيۇتېردا رەسىم ﻫالىتىدە بوشلۇق تەمىنلىگۈچىگە يوللاش، ياكى ئۇنى قەغەز ﻫالىتىدە پوچتىدىن يوللاش بوشلۇق تەمىنلىگۈچىگە يوللاش. نەق مەيداندا چۈشىدىغان رەسىمنى بولسا بېكەت باشلىقى ئۆزى تەگلىكنى توردىن چۈشۈرۈپ بەلگىلەنگەن چوڭلۇقتا بېسىپ چىقىرىپ تامغا چاپلاپ ئالدىدا تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈپ شۇنى توردىن بوشلۇق تەمىنلىگۈچىگە يوللاش، ۋە ياكى كەينى كۆرۈنۈشى سىدام كۆك رەڭدە بولغان سىپىرلىق ئاپىراتتا تارتىلغان رەسىمنى توردىن يوللاش دېگەندەك. ئاخىردا بۇ ماتېرىياللارنى بوشلۇق تەمىنلىگۈچى رەتلەپ بېكەت باشلىقى تۇرۇشلۇق جاينىڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسگە توردىن، فاكس ياكى پوچتىدىن ئەۋەتىدۇ . ﻫەر قايسى جايلارنىڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ICP ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۇسۇلى ۋە تاپشۇرۋالىدىغان ماتېريالى ئوخشىمايدۇ. قانداق ئوخشىمايدۇ دېگەندە، بەزى جايلارنىڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پوچتىدىن ئەۋەتكىنىنى قوبۇل قىلىدۇ، بەزىلىرى توردىن ئەۋەتكىننىلا قوبۇل قىلىدۇ، ۋە بەزىلىرى ئاۋۋال فاكس ئارقىلىق ئاندىن پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكىنىنى قوبۇل قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا توردىن ئەۋەتىش بىلەن بىرگە ﻫەم پوچتىدىن ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەلەپ قىلىدىغان ماتېريالى ئوخشىمايدۇ دېگەندە بەزى خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تور نامى كىنىشكىسىنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەزىلىرى تەلەپ قىلىدۇ.
ICP نىڭ تەستىقلىنىش ۋاقتىغا كەلسەك يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئوخشاش بولمىغان جايلارنىڭ ماتېرىيال قوبۇل قىلىش شەكلى ئوخشىمىغانلىقى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت سىجىللىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا 20 كۈن ئىچىدە دېيىلگەن، بەلكىم 20 كۈندىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا ﻫەرخىل ئىشلار سەۋەب بۇلالايدۇ. ۋە بەلكىم بىرنەچچە سائەتتىلا تەستىقلىنىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەمدى بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ماتېرىيال ۋە ئەۋەتىش شەكلىگە كەلسەك، قوبۇل قىلىدىغان ماتىريالدا تور نامىنىڭ كىنىشكىسى تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئەۋەتىش شەكلى بولسا توردىنلا ئەۋەتكەننى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا ﻫازىرچە شىنجاڭنىڭ 新ICP سى تېز چىقىدۇ.ئەگەر سىز يوللىغان ICP خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسگە يوللىنىپ بولغان بولسا لېكىن تېخىچە تەستىقلانمىغان بولسا، ئەگەر بەك ئالدىراپ كەتكەن بولسىڭىز 0991-5832086 غا تېلېفون قىلىپ سۈيلىسىڭىز بولىدۇ.