تور سودا دۇكىنى ئېچىش شەرتلىرى ۋە تور سودىسىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-13
- كۆرۈلۈشى:
- 1620 قىتىم
تور سودا دۇكانلىرى ئېچىش ۋە توردا سودا قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۈستۈنلىكى ۋە قولايلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ ، ئۇ ﻫامان « ئۈجمە پىش ، ئاغزىمغا چۈش » دېگەندەك ئاددى ئىش ئەمەس . مەيلى تور دۇكىنى ئېچىپ تور سودىسى قىلىش بولسۇن ياكى توردىن مال سېتىۋىلىش بولسۇن ، ئۇنىڭغا مەلۇم ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . زۆرۈر شەرتلەرنى ﻫازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ . ﻫەر ئىككى تەرەپكە نېسپىتەن ئېيتقاندا ، ئورتاق بىر شەرت بار ، بۇنى چوقۇم ﻫازىرلاش كېرەك .ئۇ بولسىمۇ ، تورغا ئۇلانغان بىر كومپىيۇتېر بولۇش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلىشتىن ئىبارەت . تورغا چىقىشنى بىلىدىغان ﻫەر قانداق كىشى تور دۇكانلىرىدىن مال تاللىيالايدۇ ۋە سېتىۋالالايدۇ . ﻫازىر نۇرغۇن كىشىلەر دە بۇ شەرت ﻫازىرلانغان .
ﻫالبۇكى ، تور دۇكىنى ئاچماقچى بولغان كىشى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ . ئۇ يەنە مۇئەييەن سودا كەسپى ساپاسىغا ئېگە بولىشى ، يەنى سەمىمى ، ئادىل بولۇش روﻫىغا ئېگە بولىشى ،جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىش روﻫىغا ئېگە بولىشى ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش روﻫىغا ئېگە بولىشى ، بازار ئەﻫۋالىنى ئېگىلەشنى بىلىش ، سودا پۇرسىتىنى تۇتۇشنى بىلىش، كومپىيۇتېرغا مال كىرگۈزۈش ، مال ئەۋرىشكىلىرىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ئۇنى تور دۇكىنى بوشلۇقلىرىغا تىزىش ، كۆرگەزمە قىلىش ، مال تۈرلىرى كۆزنەكلىرىنى كۆركەم قىلىپ لايىﻬەلەش ( كومپىيۇتېر كەسپى لايىﻬەلىگۈچى خادىملىرىنى لايىﻬەلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ ، ئەلۋەتتە) ، ماللارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى ۋە باﻫاسىنى يېزىش ، تورداشلار (مال سېتىۋالغۇچىلار) بىلەن سىردىشىش، مودا بولىۋاتقان ماللارنى بىلىش ، تېز يەتكۈزگۈچىلەر بىلەن سودىلىشىشنى بىلىش قاتارلىق ئاساسى سودا ساۋاتلارغا ئېگە بولىشى كېرەك . ئۇندىن باشقا ، تور دۇكىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن ، ئۆگۈنۈشكە ئەﻫمىيەت بېرىش ، دوست تۇتۇشقا ماﻫىر بولۇش ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى بىلىش كېرەك . دېمەك ، تور دۇكىنى ئېچىش ئۈچۈن ئۇنۋېرسال ساپاغا ئېگە بولۇش كېرەك . ﻫەر قانداق بىر ياخشى ئىشنى قىلىشتا زۆرۈر بولغىنىدەك ، تور دۇكىنى ئېچىشتىمۇ ياخشى روﻫى ﻫالەتنى ﻫازىرلاشقا تورا كېلىدۇ . تور دۇكىنى ئاچقۇچىلار ئۆزىگە ئىشىنىپ، توغرا دەپ بېكىتكەن نىشاندا چىڭ تۇرالىشى ، ، جاپا ئىچىدىن راﻫەت تېپىشنى بىلىشى، ئىشچان ، تىرىشچان بولىشى ، بىر كۈندىلا باي بولۇش كويىدا بولماسلىقى ، مەغلۇبىيەت ئىچىدىن ساۋاق ئىزدەپ ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە يول ﻫازىرلىيالايدىغان بولىشى ، ئىشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك روﻫىغا ئېگە بولىشى كېرەك .
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كومپىيۇتېر ساۋاتى بەك تۆۋەنلەر ، ئۆزگەرمەس تۇرمۇشقا شۈكرى قىلىشقا كۆنۈپ قالغانلار، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنىلا ئارزۇ قىلىدىغان، غايە ۋە مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىشقا جۇرئەت قىلالمايدىغانلار ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىشنى خالىمايدىغانلار ، ئەركىن ﻫەرىكەت قىلىشنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغالار، يېنىدا مەدەت بېرىدىغان بىرمۇ ئۇرۇغ تۇققىنى ، دوستى يوق ياكى ئاتا ئانىسى ، جۆرىسى بۇ ئىشنى قىلىشقا قارشى تۇرغانلار ، مەغلۇبىيەتكە بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسى يوقلار ، تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئورگانلاردا خىزمەت قىلىشتىن ﻫوزۇرلۇق دەپ قارايدىغانلار ، بىر كۈن ئىشلەپ ئىككى كۈن ئارام ئالىدىغانلار ،قىسقا ۋاقىتتىلا تېز بېيىپ مىلىيۇنىر بولۇپ كەتسەم دەيدىغانلار ، سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن سودىدا ساختىپەزلىك قىلىپ ، ﻫارام پايدىغا ئېرىشمەكچى بولغانلار ، مېڭىسىنى ئىشلەتمەي ، باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچىلا ئىش قىلىدىغانلار ، ئارقا ئىشىكتىن قاتراپ ، مۇناسىۋەتكە تايىنىپ يول تېپىشقا كۆنۈپ قالغانلار ، مۇلازىمەت قىلىش روﻫى يوق ، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ژۈك دەپ بىلىدىغانلار ، يېزىق ساۋادى ۋە چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارى يوق كىشىلەر شەرت ﻫازىرلىنىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى توردا دۇكان ئېچىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكى لازىم.
توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار توردىكى ماللارنىڭ نامى ، تىپى، مالنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىشىنى ئەستائىدىل كۆرۈپ ، ئاندىن مال سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم . مەشغۇلات قىلىشتا قىيىنچىلىق بولغاندا ،مال سېتىۋېلىشتا خاتالىق سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، تور مەشغۇلاتىغا بىر قەدەر پىششىق كىشىلەرنى يارىدەملىشىپ مەشغۇلات قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش كېرەك .
توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار مال سودىگىرىدىن مالنىڭ ئېۋەرتىلىش ۋاقتى ، قايتۇرۇش ، ئالماشتۇرۇش مۇﻫلىتى ، ﻫەقسىز رېمۇنت قىلىش ، ئاسراش مۇﻫلىتى قاتارلىقلارنى سوراپ بىلىۋېلىشى ياكى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدىن ئېنىق بىلىۋېلىشى ۋە مال سودىگىرىنىڭ ئادېرىسى ، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى قولغا كەلتۈرىشى لازىم . شۇنداق قىلغاندا ، بەزى بىﻬۇدە ئۇقۇشماسلىقلاردىن خالى بولغىلى بولىدۇ .
توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، مالنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالالماسلىقتىن ياكى مالنىڭ خاتا ئېۋەرتىلىپ قېلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، مال تاپشۇرىۋالغۇچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ، ئادېرىسى ۋە ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرلىرىنى توغرا يوللاپ بېرىشى كېرەك .