تورسودىسىنى تاللاشنىڭ ئاساسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-13
- كۆرۈلۈشى:
- 1497 قىتىم
1. تور دۇكانلىرى يېڭىچە ئىستېمال شەكلىنى بارلىققا كەلتۈردى
يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان توردىن مال سېتىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. نوپۇزلۇق ستاتىستىكا تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، مەملىكەت ئىچىدە ئېلېكترون سودىسىنىڭ سېتىش سوممىسى 2011- يىلى706 مىليارد يۈەن بولغان.
توردىن مال سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار. بۇ ئەﻫۋال كەلگۈسىدىكى خېرىدار ئاساسى توپىنىڭ تور سودىسىغا مەركەزلىشىدىغانلىقى شاﻫىتتۇر. دۆلىتىمىزدە ﻫازىر ﻫەر كۈنى بىر مىليونغا يېقىن ئادەم « تاۋباۋ تورى »،« يىچۈ تورى» قاتارلىق تور بېكەتلىرىنىڭ سودا سۇپىسىدا سودا قىلىدىكەن .بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىدىكى خالىغان ئون مىللىي ئىستېمالچىنىڭ بىرسى تۇردىن مال ئېلىپ باققان، ئوننىڭ ئىچىدە يەتتىسى توردىن مال سېتىۋېلىشنى خالايدىكەن، بىراق ئۇيغۇرچە تور سودا دۇكانلىرى بولمىغاچقا، ئۇلار بۇ خىل تور سودا دۇكانلىرىنىڭ تېزرەك بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
2. سېلىنىدىغان مەبلەغ ۋە خېيىم - خەتىرى ئاز، پايدا كۆپ
تور دۇكىنى ئېچىشنىڭ ئەڭ روشەن پايدىسى سېلىنىدىغان مەبلەغ ۋە خېيىم – خەتىرى ئاز بولۇپ ، مەغلۇپ بولۇشتىن ئەندىشە قىلىش ﻫاجەتسىز . بىرىنچىدىن ، تور دۇكىنى ئېچىش ﻫەقسىز، دۇكان ئىجارىسى ئادەتتە كۈنىگە پەقەت نەچچە يۈەن . ئىككىنچىدىن ، ئىشچى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ﻫاجەتسىز، يالغۇز ئىشلەپمۇ يېتىشكىلى بولىدۇ، ئىش ﻫەققىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ . ئۈچىنچىدىن، مالنى ئىسكىلاتقا بېسىپ قويۇش ﻫاجەتسىز ، سودىدا پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن مال كىرگۈزسىمۇ بولىدۇ. تۆتىنچىدىن ، دۇكان بېزەيمەن دەپ پۇل خەجلەش ﻫاجەتسىز ، كومپيۇتېر ئىچىدىكى دۇكاننى ياخشى بېزەپ قويسىلا بولىدۇ. بەشىنچىدىن، نۆۋەتتە، سودا سانائەت تارماقلىرىغا باشقۇرۇش ﻫەققى تاپشۇرۇش، تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ﻫاجەتسىز. ئالتىنچىدىن ، تىجارەت ۋاقتى ئېشىپ كەتتى دەپ چىقىمنى كۆپەيتىش ﻫاجەتسىز.
ئەنئەنىۋى دۇكانلارنى ئېچىشتا نۇرغۇن قوشۇمچە راسخوتلار چىقىم قىلىنغاچقا ، سودىگەر بۇ چىقىملارنى سېتىلىدىغان ماللارنىڭ باﻫاسىغا چېچىپ پايدا ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ . شۇڭا، سېتىلىدىغان ماللارنىڭ باﻫاسى شۇ مالنىڭ ئەمەلىي باﻫاسىدىن خېلى يۇقىرى بولىدۇ . ئوخشاش مالنى توردا ساتقاندا خېلى ئەرزان ساتقىلى بولىدۇ ،خېرىدارمۇ سېتىۋېلىشنى خالايدۇ . سېتىش مىقدارىمۇ خېلى يۇقىرى بولۇپ، ئالىدىغان پايدا ناﻫايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .
3. سودا ۋاقتىنى ئەركىن باشقۇرغىلى بولىدۇ
تور دۇكىنى ئاچقاندا ۋاقىتنى ئەركىن باشقۇرغىلى بولىدۇ . مەيلى كۈندۈزى مەيلى كېچىسى ، مەيلى يامغۇر قار ياغسۇن ، ئوخشاشلا تىجارەت قىلغىلى بولىدۇ. تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ، كىشىلەر ئادەتتە دەم ئېلىش كۈنلىرى توردىن مال سېتىۋالغاندا،ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ تور دۇكانلىرىدىكى خىلمۇ خىل ، رەڭگارەڭ ماللار ئىچىدىن ئۆزىگە لازىملىرىنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ . ﻫەتتا كېچىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇنمۇ تور دۇكانلىرىدىن مال سېتىۋالغىلى بولىدۇ . شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى ، تور دۇكانلىرىنىڭ شۇنچە تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن مۇﻫىم بىر سەۋەب دەل ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئېﻬتىياجىغا ماسلىشالىغانلىقىدا .
4. ئورۇن ۋە كۆلەم چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ
تور دۇكانلىرىنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاﻫىدىلىكى شۇكى ، ئورۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ .تور دۇكانلىرىدا مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك ماللار بولۇپ، ماللارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، دۇكان كۆلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئانچە ئۇچراپ كەتمەيدۇ . ﻫەر قانچە كۆپ مال بولسىمۇ بىمالال سىغىدۇ . بىر ئىشخانا بولسىلا كۇپايە ، ﻫەتتا ئائىلىدە ئېچىشقىمۇ بولىدۇ . تور دۇكانلىرى تور ئارقىلىق تۈرلۈك ماللارنى كۆرگەزمە قىلىپ ساتىدىغان سۇپابولۇپ، كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ماللار نىڭ ئوبيېكتى شۇ جايدىكى خېرىدارلار بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى، پۈتۈن ئۆلكە ، پۈتۈن مەملىكەت ،ﻫەتتا پۈتۈن دۇنيا . شۇڭا ، تور دۇكىنىدا مال بولسىلا، بۇ خېرىدار ئالمىسا ، ئۇ خېرىدار ئالىدۇ، بۇ يەردىكى خېرىدار ئالمىسا ، ئۇ يەردىكى خېرىدار ئالىدۇ. ياز بولۇۋاتقان جايدا كىشىلەر قىشلىق ماللارنى ئالمىسا، قىش بولۇۋاتقان جايلاردىكى كىشىلەر ئالىدۇ . قىش بولۇۋاتقان جايلاردىكى كىشىلەر يازلىق ماللارنى ئالمىسا ، ياز بولۇۋاتقان جايلاردىكى كىشىلەر ئالىدۇ . بۈگۈن ئالمىسا ، ئەتە ئالىدۇ .بۇ ئايدا ئالمىسا ، كېلەر ئايدا ئالىدۇ . بۇيىل ئالمىسا ، كېلەر يىلى ئالىدۇ . شۇڭا، تور دۇكاندىكى ماللارنىڭ سېتىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەش ﻫاجەتسىز .
5. مال سېتىۋېلىش تەننەرخى تۆۋەن ، خېرىدارلار نەپ ئالالايدۇ
مال سېتىۋالغۇچى ئۆيدە كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپلا توردىكى دۇكانلارنى ﻫېچقانچە ۋاقىت سەرپ قىلمايلا بىر بىرلەپ ئايلىنىپ چىقىپ ، ﻫەر قايسى تور دۇكانلىرىدىكى ماللارنى كۆرۈپ چىقالايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ باﻫالىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل مال بىلەن تونۇشۇپ چىقالايدۇ . بۇ ئىش ئەنئەنىۋىنى ئۇسۇل بىلەن مال سېتىۋېلىشتىكى پىيادە مېڭىپ ياكى قاتناش قورالىغا چىقىپ دۇكانلارغا بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ مال سېتىۋالغاندىن كۆپ قۇلايلىق بولۇپ ،پۇل، ۋاقىت ۋەكۇچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ .
ئۇندىن باشقا ، تور دۇكانلىرىدىكى ماللارغا قوشۇلىدىغان قوشۇمچە راسخوت ئاز بولغاچقا ، ماللارنىڭ باﻫاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ ، خېرىدارلارغا كېلىدىغان نەپ بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، ئۇلارمۇ سېتىۋېلىشنى خالايدۇ .
6. مال ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەش ئاسان، تېز ﻫەم قۇلايلىق
تور دۇكانلىرىدا مال سېتىشتا ، تور دۇكىنى ئاچقۇچىلار ماللارنىڭ رەسىملىرى، چۈشەندۈرۈش ماتېرىياللىرىنى تورغا چىقارسا ياكى ماللارنىڭ ئۇچۇرلىرى،باﻫادىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرسىلا، خېرىدارلار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى توردىن كۆرەلەيدۇ . تور بېكەتلىرىدە باش بەتكە كىرىپ ئۇنى چەكسە، ماللارنىڭ تەپسىلىي تۈرلىرى چىقىدۇ . بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدىن لازىملىق ماللارنى تېپىش ناﻫايىتى ئاسان . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماللارنى سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا مال يەتكۈزگۈچىلەر مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ .
7. تور دۇكانلىرىدىن مال سېتىۋېلىش بىخەتەر ، كاپالەتكە ئېگە
تور سودىسىدا ئىستېمالچىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش پىلانى ،خېيىم – خەتەرنى كونترول قىلىش سىستېمىسى، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش تەپتىش سىستېمىسى ۋە ئىستېمالچىلار نازارەت قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش بىخەتەر سودا سىستېمىلىرى شەكىللىنىپ، سودا بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى. ئىستېمالچىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىدىكى « ساتقۇچىلار ئاۋۋال تۆلەمنى ئۈستىگە ئېلىش » ، « بىرسى ساختا چىقىپ قالسا ، ئۈچنى تۆلەش »، « 7 كۈن ئىچىدە مالنى شەرتسىز قايتۇرۇش » ،« سېتىۋالغۇچى ئەرز قىلسا ، ساتقۇچى ئىسپات كۆرسىتىش »، « قىممەت تولۇقلاش كارتىسى ئارقىلىق مال سېتىۋالسا چاقماق تېزلىكىدە مال يوللاش»، «مالنىڭ ئەﻫۋالىنى ئەينەن چۈشەندۈرۈش » قاتارلىق تەدبىرلەر تور سودىسى كەسپىنىڭ ﻫەرىكەت قېلىپىغا ئايلاندى . بەزى تور دۇكانلىرى تور سودىسىدا ۋاسىتىلىك پۇل تۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ،مال سېتىۋالغۇچى مالدىن رازى بولغاندىن كېيىن ،ئاندىن مال پۇلىنى مال ساتقۇچى ﻫېساباتىغا يوللاپ بېرىش، مال سېتىۋالغۇچى رازى بولمىسا ، دەلىللىگەندىن كېيىن پۇلنى مال سېتىۋالغۇچىغا قايتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ ، ﻫەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئادىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مال ساتقۇچى ۋە مال سېتىۋالغۇچىنىڭ ﻫوقۇق مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈردى