guide
تاۋباۋغا تاپشۇرغان1000يۇەن كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۋىلىش كۆرسەتمسى
يوللانغان ۋاقتى :
12-13
كۆرۈلۈشى:
1793 قىتىم
توردا دۇكان ئىچىۋاتقانلارنىڭ ﻫەممىسى دىگۈدەك بىلىدۇ، تاۋباۋ تورى تاۋباۋدا دۇكان ئاچقان دۇكاندارلاردىن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىستىمالچىلار كاپالەت پۇلى ئىلىشنى يولغا قويغان بولۇپ، دۇكاندارلار 1000 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ. بۇ پۇلنى قايتۇرۋالغىلى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ، سىز كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن خالىغان ۋاقتىڭىزدا پۇلنى ئۆز ﻫىساباتىڭىزغا يۆتكىۋالسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندە مەن ئەڭ ئاددى ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
ئالدى بىلەن (卖家中心)  دۇكاندارلار مەركىزىگە كىرىمىز، سول تەرەپ تىزىملىكنىڭ ئاستىغىراق قارىساق (客户服务) دىگەن تىزىملىكنىڭ ئىچىدىن (消费者保障服务) نى بىسىپ كىرىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

(消费者保障服务) نى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكى بەت ئىچىلىدۇ

(申请解冻保证金) كاپالەت سوممىسىنى قايتۇرىۋىلىش ئىلتىماسى دىگەننى باسىمىز، باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكى ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ :

ئەسكەرتىش مەزمۇنى : كاپالەت پۇلىنى قايتۇرغاندىن كىيىن، دۇكىنىڭىزنىڭ كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ بولغانلىق بەلگىسى يوقايدۇ، قايتۇرۇشنى جەزىملەشتۈرەمسىز؟  ئەگەر قايتۇرماقچى بولسىڭىز مۇقۇملاشنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.