تور ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرىپى بار؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-05
- كۆرۈلۈشى:
- 1805 قىتىم

تور ئالاقىسىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى بىلەن قوللىنىشى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى بىلەن دائىرىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى ۋە كېڭەيتتى . كشىلەر ﻫەتتا ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ ، تېز سۈرئەتتە ئۆزى ياخشىى كۆرىدىغان تاۋارنى سېتىۋالالايدىغان بولدى . بۇنى تور ئارقىلىق سېتىۋېلىشنىڭ تۆﻫپىسى دېيىشكە بولىدۇ . تور ئارقىلىق مال سېتىۋالغاندا ۋاقىت ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىدىن ﻫالقىغىلى ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى ، بىردەمدىلا نەچچە يۈز ، نەچچە مىڭ تور ماگىزىنلىرىدىكى تاۋارلانى كۆزىدىن كەچۈرگىلى ، دۇكان ئارىلاشقا كېتىدىغان نۇرغۇن ۋاقىتنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا تور دۇكىنى سودىگەر بىلەن ئىستىمالچىنى بىۋاستە ئالاقىلاشتۇرۇپ ، ئوتتۇرىدىكى ﻫالقىنى قىسقارتىدۇ ، شۇنداقلا ماگىزىن بىلەن سېتىش خادىملىرىنىڭ خىراجىتىىنى تېخەپ قالغىلى بولىدۇ. تور ئارقىلىق مال سېتىۋالغاندا ، ئادەم ۋە ماددىي كۈچنى زور دەرىجىدە تېجەپ قىلىپ ، سودا تەنەرخىنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەتكىلى ، سودا پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ . شۇڭا ، ئادەتتە « توردا سېتىلىدىغان » تاۋارنىڭ باﻫاسى ئاساسەن « دۇكان ئىچىدىكى باﻫا» دىن تۆۋەن بولىدۇ . بۇ نەرسە سېتىۋالغاچقا نۇرغۇن پۇل تېجەپ بېرىدۇ .