guide
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن 15 مەسلىﻬەت
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
906 قىتىم

سودا دېڭىزى پايانسىز، سودا پۇرسىتى چەكسىز. قانداق قىلغاندا ئەگرى يولنى ئاز مېڭىپ، تېز سۈرئەتتە ئىگىلىك تىكلەپ بايلىق يارىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟ بۇ، نۇرغۇن كىشى ئىجتىﻬات بىلەن ئىزدىنىۋاتقان، شۇنداقلا ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان تېما.

بىرىنچى، پۇل تاپقىلى بولىدىغان، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور كەسىپنى تاللاڭ.

ئىككىنچى، پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغان، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ﻫەم سىزگە ئېﻬتىياجلىق جايغا بېرىڭ. سىزنى ئەڭ ئوڭاي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان جايغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەڭ.

ئۈچىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، زېرەك ﻫەم قابىل، تەپەككۇرى جانلىق، ئاكتىپ ئىلگىرىلەيدىغان، قىزغىنلىق ﻫەم ﻫاياتىي كۈچكە تولغان كىشىلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈڭ. بۇرۇقتۇرما ۋە مەغلۇبىيەت پۇرىقى بىلەن تولغان مۇﻫىتتىن ۋە پاسسىپ كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ.

تۆتىنچى، پۈتۈن روﻫىڭىزنى بازار كەيپىياتى بىلەن تەدرىجىي جىپسىلاشتۇرۇپ، ياخشى كىرىزىس ئېڭى، ئالدىن كۆرەرلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈڭ.! 

بەشىنچى، مەلۇم بىر جايدا تەرەققىي قىلالماي بىر ئىزدا تۇرۇپ قالغاندا، داۋاملىق شۇ يەردە تۇرىۋەرمەي باشقا جايلارغا بېرىپ ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك.

ئالتىنچى، ﻫەممە ئىشقا ئېسىلىپ بېقىپ، ئاخىرىدا ﻫېچقايسىسىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان ﻫالەتنىڭ شەكىللىنىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئىرادىسىدىن قەتئىي قايتماي، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇشۇ نىشاننى بويلاپ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلغاندىلا، مۇۋەپپەقىيەت قەسىرىگە قەدەم قويغىلى بولىدۇ.

يەتتىنچى، كەسپىي بىلىم ۋە ئىقتىدار، ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرى، مەلۇم جەﻫەتلەردىكى ئارتۇقچىلىق، ئادەت، نوپۇز، ئەنئەنىۋى قاراش، باشقىلارنىڭ سۆز - چۆچىكى ۋە ئاددىي تۇرمۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ نەزەر دائىرىنى چەكلەپ، پۇت - قولنى چۈشەپ قويۇشىدىن ۋە سەزگۈرلۈك، جانلىقلىقنى يوقىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

سەككىزىنچى، تەتۈر يۆنىلىشتە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش، قارشىسىدىن چىقىپ چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە ئىجادىي پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

توققۇزىنچى، تارىخىي بۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، مۇﻫىم ۋەقەلەر، سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ باش قېتىنچىلىقى، پەن - تېخنىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىش، ﻫەر قايسى قاتلام، گۇرۇﻫ ۋە ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال شەكلى، ئىچكى ئېﻬتىياجى ﻫەم ئارزۇسى بىلەن غايىسى ئاساسىدا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن كەسىپ ۋە بازارنى ئىزدەشكە، بايقاشقا شۇنداقلا ﻫەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا ماﻫىر بولۇپ، كىشىلەرنى قولايلىق، مەنپەئەت، قىممەت ۋە ﻫۇزۇر بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 

ئونىنچى، پايدا ئالىدىغان يەردە قاتتىق قول، چاققان بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پايدىنى زورايتىش كېرەك. ئۆز مەﻫسۇلاتى ۋە كوللېكتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ماركىسى ۋە مۇلازىمىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تونۇتۇش كېرەك.

ئون بىرىنچى، ئەرزىمەس ئىشلار، ئائىلىدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان شەخسىي ﻫېسسىيات قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى بېكىتكەن يېتەكچى پىرىنسىپ ، كۈرەش نىشانى ۋە باشقا ئەڭ مۇﻫىم ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش لازىم.

ئون ئىككىنچى، قايسىلا جايغا بېرىشتىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن، ئەل ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بۇ جاينىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالاﻫىدىلىكلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، پەرقلەرنى، كەمچىلىكلەر ۋە باشقىلار بايقىمىغان ئېﻬتىياجنى بايقاش، دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىش، غەلىبە قىلىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ﻫەمكارلىشىش ۋە باشقىلارغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ماﻫىرلىق بىلەن پۇل تېپىش كېرەك.

ئون ئۈچىنچى، ئەمەلىيەتتە، قورقۇنچلۇق نەرسە يوق، قورقۇنچلۇق بولغىنى ﻫەممىلا نەرسىدىن قورقۇپ يۈرۈش، ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ گەپنىڭ چوڭىنى قىلىش، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىش ياكى بولمىسا باﻫانە - سەۋەب ئىزدەش، ئۆز - ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ، ئۆز - ئۆزىنى مەغلۇپ قىلىش. كۆز ئالدىڭىزدىكى رېئال پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاۋۋال قول سېلىپ ئىشلەڭ، شۇندىلا پارلاق كەلگۈسى سىزنىڭ يولىڭىزنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئون تۆتىنچى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كۆلەڭگىسىگە مەپتۇن بولۇپ، بىلىپ - بىلمەي ئۆتمۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە تەجرىبىلەر بىلەن بۈگۈنگە باﻫا بېرىشكە ۋە ئۇنى ﻫەرىكەت مىزانى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. دۇنيا ﻫەر كۈنى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالىغان ۋاقتىمىزدىلا، پۇرسەتنى ﻫەممىنىڭ ئالدىدا بايقىيالايمىز ۋە ئۇنى تۇتالايمىز.

ئون بەشىنچى، بۇ دۇنيادا ﻫەممىگە قادىر ئىنسان يوق، مەيلى سىز قانچىلىك ئەقىللىق ۋە ئىقتىدارلىق بولۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭلا كۈچىگە تايانسىڭىز، چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق، بىز نۇرغۇن نەرسىگە ئېﻬتىياجلىق، ئالدىمىزدىكى يول تېخى ئۇزاق. سىز زور مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ساﻫىبى بولالىغىنىڭىزدىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ﻫەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز.
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى