پۇل تىپىشتا توغرا تەپەككۇر ئىنتايىن مۇﻫىم
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 726 قىتىم

ئامېرىكىلىق بىر سودىگەر ئۈچ ئوغلىغا باﻫاسى يۈز دوللارلىق ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى دېگەن كىتابنى، مىڭ دوللار قىممىتىدىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى ۋە 500 دوللار پۇلنى مىراس قالدۇرۇپتۇ. چوڭ ئوغۇل كىتابنى، ئوتتۇرانچى ئوغۇل يۈك ئاپتوموبىلىنى، كەنجى ئوغۇل 500 دوللارنى ئاپتۇ . بىر يىلدىن كېيىن بۇ ئۈچ قېرىنداش بىر يەرگە جەم بولۇپ ، بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى، تاپقان پۇللىرى توغرىلىق پاراڭلىشىپتۇ. ئاۋۋال چوڭ ئوغۇل گەپ باشلاپ: مەن يېرىم يىلدا ﻫېلىقى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى دېگەن كېتابنى ئوقۇپ، ئىقتىساد ئىلمىنى تەتقىق قىلدىم، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نوتۇق سۆزلەپ، 5مىڭ دوللار كىرىم قىلدىم دەپتۇ. ئارقىدىنلا ئوتتۇرانچى ئوغۇل مەغرۇر ﻫالدا: مەن بىر يىلدا، ﻫېلىقى ئاپتوموبىل بىلەن يۈك توشۇپ، بەكلا جاپاتارتتىم. لېكىن تارتقان جاپايىمغا يارىشا 20 مىڭ دوللار كىرىم قىلدىم دەپتۇ.
نۆۋەت كەنجى ئوغۇلغاكەلگەندە ئۇ: ئەسلىدە مېنىڭ ئەينى چاغدا ئاپتوموبىلنى بەكلا ئالغۇمبار ئىدى. بىراق ئۇنى ئوتتۇرانچى ئاكام تاللىۋالدى. مەن 500 دوللارنى ئالغاندىن كېيىن، كونا ئاپتوموبىللار بازىرىغا بېرىپ بىرىنى 100 دوللاردىن 400 دوللارغاكونا يۈك ئاپتوموبىلدىن تۆتنى سېتىۋالدىم. 80 دوللارغا ئاپتوموبىللارنى ئارزاق رېمونت قىلدۇردۇم. قالغان 20 دوللارغا مەخسۇس كونا كېتابلارنى ساتىدىغان دۇكاندىن چوڭ ئاكام تاللىۋالغان ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى دېگەن كېتابتىن بىرنى سېتىۋالدىم – دە، سېتىۋالغان ئاپتوموبىللىرىمغا شوپۇر ياللاپ ، ئۇلارنى ئوزۇن يوللۇق يۈك توشۇشقا سالدىم، ئۆزۈم مال، يۈك ئۇقۇشۇشقا مەسئۇل بولدۇم، بىكار قالساملا كىتاب كۆرۈپ ئۆگەندىم، كىتابتىكى نەزەرىيىلەرنى يۈك ترانسىپورتكەسپىگە جانلىق تەتبىقلىدىم.بۇنىڭ بىلەن بۇ كەسپتە ئاسان پۇل تېپىشنىڭ يوللىرىنىمۇ بېلىۋېلىپ،كىرىمىمنى كۆپەيتىشكە باشلىدىم. تاپقان پۇلۇمغا يەنە كونا يۈك ئاپتوموبىلىدىن بىر قانچىنى سېتىۋېلىپ يۈك توشۇش مىقدارىنى ئاشۇردۇم. ﻫازىر ئومۇمىي مەبلىغىم1 مىليون دوللاردىن كەم ئەمەس، دەپتۇ.
كەنجى ئوغۇل چەكلىك مەبلەغنى تېز كۆپەيتىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلگەن، كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىنى پۇل تېپىش ئەمەلىيىتىگە جانلىق تەدبىقلىغان. ئۇ شۇ مەزگىلدىكى يۈك ترانسىپورت بازىرىنىڭ ياخشىلىقىنى توغرا پەرەز قىلىپ، دەسمايىسىنى ئاۋۇتقان.
ئىستېمال ئېﻬتىياجىمىزنىڭ ئېشىشى، مال باﻫاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى ﻫەممىمىزگە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئارزۇسىنى ئويغاتماقتا. لېكىن شۇنچە كۆپ توي – تۆكۈن، مېﻬمان كۈتۈش، باشقا تۈرلۈك خىراجەتلەر، مۇﻫىمى، ئائىلىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان كۈندۈلۈك چىقىملىرىدىن تېجەپ قېلىپ ئايمۇ – ئاي بانكىغا قويۇپ يىغقان پۇللىرىمىزنى بىرەر ئىشقادەسمايە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز – يۇ، بىرەرسىنىڭ پاي بازىرىدا پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى، نەچچە ئونمىڭ يۈەنگە فوند سېتىۋېلىپ، نەچچە ئايدىلانۇرغۇن پايدا ئالغانلىقىنى ئاڭلىساق ئولتۇرالماي قالىمىز – دە، ئەتىسلا بىزنىڭمۇ پاي، فوندسېتىۋالغىمىز كېلىدۇ. نەچچە كۈن ئۆتمەيلا پاينىڭ باﻫاسى چۈشۈپ، فوندنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ پايچىلار، فوندسېتىۋالغانلارنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساق: ئالماي تۇرغىنىم ياخشى بوپتىكەن دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز. بەزىلىرىمىز توختىماي لاتارىيە سېتىۋېلىپ، بىر كۈندىلا مىليونېر بولۇش چۈشىنى كۆرىمىز. باشقا بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىشنى، ﻫېچ بولمىغاندا بىرەرسى بىلەن شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىشنى ئويلايمىز، مەبلەغ سالماقچى بولغان ئىشنى باشلىماقچىمۇ بولىمىز، لېكىن پۇل چېكىنى ئېلىپ بانكىغابارغۇچە: ﻫەي، بۇ ئىشنىغۇ قىلارمەن، ناۋادا ئەپلەشتۈرەلمەي زىيان تارتىپ قالسام قانداق قىلىمەن، يا مەن ئىلگىرى سودا قىلىپ باقمىغان تۇرسام، بولدىلا، سىڭگەن نېنىمنى يەپ، مۇشۇ كۈنۈمگە شۈكرى قىلاي دەپ باشتىكى پىلانىمىزدىن ۋازكىچىمىز. ﻫازىر بىز بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، ﻫەممىمىزپۇلىمىزنىڭ كۆپ بولۇشىنى، بالىلىرىمىزنى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلىمىز، لېكىن پۇل تېپىش ﻫەققىدەئىزدەنمەيمىز. بىزدىكى كەمچىلىك دەل مۇشۇ يەردە بولسا كېرەك.
كېلىش مەنبەسى :شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى