سودىدا غەلبە قىلىشنىڭ ئون چوڭ پىرىنسىپى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 674 قىتىم

بىرىنچى پىرىنسىپ : سودىنى كىچىكىدىن باشلاش ، كىچىك دەپ ياراتماي قىلماي تاشلاپ قويماسلىق .
ئىككىنچى پىرىنسىپ : ئاۋال ئازراق پۇل تېپىشتىن باشلاش، نىشاننى سەل تۆۋەنرەك مۆلچەرلەپ ، غەلبە قازىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش.
ئۇچىنچى پىرىنسىپ : ئۇزلۇكسىز ﻫالدا مۇلازىمەتنى ۋە تېخنىكىنى يوقىرى كۆتۈرۇش ، ۋە يەنە ئۇزلۇكسىز ﻫالدا سودا يولىنى كېڭەيتىش ، ئۇزلۇكسىز ﻫالدا يوشۇرۇن خېرىدارنى ئاشۇرۇش.
تۆتىنچى پىرىنسىپ : ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىشقا ماﻫىر بولۇش.
بەشىنچى پىرىنسىپ : ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش،مەلۇم بىر ئىشنى قىلغاندا پەقەت ئۇچ ئادەمنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۇزگەندە ئاندىن قىلىشقا ئەرزىيدۇ . ئون ئادەمنىڭ ﻫەممىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۇزۇپ ئىش باشلغاندا خەۋىپ خەتىرىدىن ئەنسىرەشنىڭ ﻫاجىتى قالمايدۇ.
ئالتىنچى پىرىنسىپ : ئىشلەتكەن ئادەمدىن گۇمانلانماسلىق ، ﻫوقوق بىرىشكە تىگىشلىك بولسا ﻫوقۇق بېرىش.
يەتتىنچى پىرىنسىپ : تەننەرخنى كونتىرول قىلىش،پايدا نىسبىتىنى ئاشۇرۇش.
سەككىزىنچى پىرىنسىپ : ئىگىلمەس سۇنماس جەڭگىۋار ئىرادە بىلەن رىقابەتلىشىش .
توققۇزىنچى پىرىنسىپ : ئىگىلىك تىكلەشتە ياخشى ئىجاد قىلىش روﻫى بولۇش،باشقىلار دىققەت قىلمايدىغان سودا پۇرسىتىنى بايقاشقا ماﻫىر بولۇش.
ئونىنچى پىرىنسىپ : ئادەتتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ئالدىن تەييارلىق كۆرۇش،ئىش باشلىغاندىن كېيىن ئاندىن ﻫېچقانداق نۇقسانسىز مۇكەممەل تەييارلىق قىلىمەن دىيىش مۇمكىن ئەمەس.