guide
ئىگىلىك تىكلەشتىكى 6 خىل ئۇسۇل
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
808 قىتىم

 
تىجارەت قىلغاندا قانداق تۈرلەرنى تاللاش كىرەك؟
تىجارەت تۈرىنى تاللاشتا مودا قوغلاشماسلىق، ﻫىچقانداق باﻫا بەرمىگەن كۆپ پۇل تىپىپ كەتكەن كەسىپلەرنى تاللىماسلىق كىرەك بىلىشىڭىز كىرەككى بۇ كەسىپلەرنىڭ بازىرى توشۇپ كەتكەن بولۇپ كىچىككىنە ئورۇن بولسىمۇ پايدىسى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولمايدۇ
ئۇنداقتا قانداق تاللاش كىرەك؟
1.ئۆزىگە مۇۋاپىق بولغان تۈرنى تاللاش كىرەك
ئۆزىنىڭ كەسپىگە، تەجرىبىسىگە قىزىقىشىغا مۇۋاپىق بولغان كەسىپلەرنى تاللاش كىرەك
2.تاللىماقچى بولغان تۈر ياكى كەسىپنىڭ نۆۋەتتىكى بازار ئەﻫۋالىغا قاراش كىرەك
تەرەققى قىلىۋاتقان تۈرنىڭ بىۋاستە پايدىسى بولۇش كىرەك بەزى مەﻫسۇلاتلارغا ئىﻬتىياچ يۇقىرى بولۇپ تەننەرقىمۇ يۇقىرى، ئەمما پايدىسى تۆۋەن نۇرغۇن مەبلەغ سىلىپمۇ تۇزۇككنە نەپكە ئىرىشكىلى بولمايدۇ
3.ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش كىرەك بەك كۆپ مەبلەغ سىلىشتىن ﻫەزەر ئەيلەش كىرەك
سىز مەلۇم بىر تۇرگە مەبلەغ سالماقچى بولغاندا كۆپ مەبلەغ سالماي مۇۋاپىق سىلىش ئارقىلىق مۇشۇ تۇرنىڭ بازار ئەﻫۋالىنى ئىگەللىشىڭىز كىرەك بىر مەزگىلدىن كىيىن ئىشەنىچ تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن چوڭ مەبلەغ سىلىش كىرەك ئاز مەبلەغ سالسام پايدىمۇ ئاز بولىدۇ دەپ ئويلىماڭ.‹‹تاما-تاما كۆل تولار ›› دىگەن ﻫىكمەت بار، ناۋادا خاتالىشىپ قالسىڭىزمۇ تۇزۇتىشكە پۇرسەت بار
4.كەلگۇسى تەرەققىياتى يۇقىرى ،ئىستىقبالى ياخشى تۈرلەرنى تاللاش كىرەك
تىجارەت تۇرىنى تالاشتا مودا قوغلاشماسلىق ﻫىچقانداق باﻫا بەرمىگەن كۆپ پۇل تىپىپ كەتكەن كەسىپلەرنى تاللىماسلىق كىرەك بىلىشىڭىز كىرەككى بۇ كەسىپلەرنىڭ بازىرى چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلار  بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ كىچىككىنە ئورۇن بولسىمۇ پايدىسى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولمايدۇ
5.ئەتىراپلىق كۇزۇتىش ۋە ئىلمىي تەﻫلىل قىلىپ تاللاش كىرەك
ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارنى كۆپ تەﻫلىل قىلىپ كۈزەتمىگەن ۋە كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەﻫۋالىنى بىلمەي تۇرۇپ ﻫەرگىز مەبلەغ سىلىشكا بولمايدۇ چوڭقۇر كۈزۈتىش كىرەك، بىرىنجىدىن: يەنى، يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ ئەمىلىيەتچانلىقى ۋە ئىشەنچىلىكىگە قاراش كىرەك.ئەڭ ياخشىسى سودا سانائەت ئورۇنلىرىغا بىرىپ شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئەﻫۋالىنى ئىگەللەش كىرەك ئىككىنجىدىن:مۇشۇ تۇرنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىگە، ئۇسكىنىلىرىنىڭ تولوق ياكى ئەمەسلىكىگە مۇلازىمەت ئەﻫۋالىغا، تىز سۇرئەتتە بازارغا يۇزلۇنەلەمدۇ؟ دىگەن تەرەپلەرگە قاراش كىرەك. ئۈچىجىدىن: بۇ تۈرنىڭ ئەمىلىيلىشى بازارنى قانچىلىق دەرىجىدە ئىگەللىدى تىجارەت ئەﻫۋالى قانداق دىگەنلەرگە قاراش كىرەك
6.‹‹ئۈچنى چوقۇم››قىلماسلىق كىرەك
(1). مۇشۇ تۈر ئەمىلىيلەشتۇرگەن جەرياندا ﻫەرگىزمۇ ئاۋال پۇل تاپشۇرۇپ كىيىن ئىش بىجىرمەسلىك كىرەك. ﻫەرگىزمۇ جاپا تارتىپ تاپقان پۇلىڭىزنى بىر قۇرۇق توختام كىلىشمگە تايىنىپلا پۇلىڭىزنى قارشى تەرەپكە بەرمەسلىكىڭىز لازىم
(2) ئاسانلا قارشى تەرەپنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ كەتمەڭ. توختاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىزگە بىر نۇسخا ئىلىپ قىلىڭ شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قەستەن كىلشىمنى بۇزۇپ سىزگە ئىلىپ كىلىدىغان زىيىنىدىن ساقلىنىشڭىز كىرەك.
(3).بىراقلا بەك كۆپ پۇل تىپىشنى ئارزۇلاپ كەتمەڭ. ئاسان پۇل تىپىشقا بولىدىغان تۈرلەرنى تاللىماڭ بۇنداق تۈرلەرنىڭ خەتىرى يۇقىرى بولۇپ زىييىنىمۇ بەك يۇقىرى.