guide
كەلدى ئايەم ، كۈلدى ئالەم
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
660 قىتىم
 

 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزدوستلار ئالدى بىلەن بارلىق دوستلىرىمغا ئۇلۇغ ئاللاﻫتىن سالامەتلىك ۋە ئىمان تىلەيمەن، ئايىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تۇرمۇشۇڭلارغا بەخىت، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، ﻫەر بىر كۈنۈڭلەرگە شادلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن! كۈنلۈرۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۈن، ئائىلەڭلار تىنىچ ئامان بولسۇن، شادلىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن! مول- ﻫوسۇللۇق كۈندە يېتىپ كەلگەن قۇربان ﻫېيتىمىزدا بارچە دىللار شادلىققا تولسۇن! قۇتلۇق ئايەمنىڭ خاسىيىتىدىن ئۆي- ئۆيلەردە بەخت كۈلكىسى ياڭرىسۇن، ئۇلۇغ ئايەم كۈنىمىزدە قەلىبلەردىن قەلىبلەرگە مېﻬىر ئوتلىرى تۇتاشسۇن.، ئۇلۇغ ئايەم كۈنلىرىمىزدە بارلىق مىسكىن دىللار شادلىققا تولسۇن! ئۇلۇغ ئايەم كۈنىمىزدە چېﻬىرلەردىن يامرىغان شادلىق ئۈچقۇنى پۈتكۇل دۇنيانى شاد-خوراملىققا تولدۇرسۇن، بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ ئائىلىسىدە شادلىق كۈلكىسى ياڭرىسۇن!! ئاللاﻫ ﻫەممىمىزنى ساق - سالامەت قىلسۇن، كىلەر يىلى مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەرگە ساق-سالامەت يەتكۈزۈشكە نىسىپ قىلسۇن ، ئۇلۇغ ئايىمىڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن.......