guide
تىجارەتنى ئۇششاق ئىشلاردىن باشلاڭ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
833 قىتىم
بىز دۇنياۋى شۆﻫرەت قازانغان بايلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە قارىساق، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تىجارەتنى كىشىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان، كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلمايدىغان ئۇششاق – چۈششەك ئىشلاردىن باشلىغانلىقىنى ﻫېس قىلىپ قالىمىز. ئامېرىكا نېفىت ماگناتى روكفېللىرنى تىلغا ئالساق، ئۇ ئاپتوموبىل ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن چاغدائىشنى، ئالدى بىلەن، ئىشتىن توختاپ قالغان بىر نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىنى ﻫۆددىگە ئېلىشتىن باشلىغانىدى. ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرى بارغانسېرى روناق تاپقان. ئۇ ﻫەر خىل ئاماللارنى قىلىپ، تىجارەت دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئامېرىكىدىكى نېفىت ماگناتىغا ئايلانغان.
پۇل تېپىش ياكى ئىقتىسادىي جەﻫەتتە قەد كۆتۈرۈش پۇرسىتى ﻫەممىلا يەردە مەۋجۇت، پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماﻫىر كىشىلەرلا پايدىسىز ۋەزىيەتنى پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرۇپ، ئالتۇن قىرغاققا قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ماجالى يەتمەيدىغان، كىچىك ئىشلارنى قىلىشنى ياراتمايدىغانلار ئۆزىنى راۋاج تاپقۇزۇشتىكى بارلىق پۇرسەتتىن ۋاز كەچكۈچىلەر بولۇپ قالىدۇ. تىجارەتنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىغاندا، ﻫەر خىل تاسادىپىي ئەﻫۋاللارغا نىسبەتەن قارار قىلىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئەتراپتىكى بازار ئەﻫۋالى ﻫەم كىشىلەرنىڭ ئېﻬتىياجىنى چىقىش قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەﻫۋالىغا قاراپ، ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈپ پۇختا ئىش قىلسا، چوقۇم ئىگىلىكىنى بارا – بارا روناق تاپقۇزۇپ، باي بولۇش يولىغا قەدەم قويالايدۇ.
تىجارەتنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىغاندا، تەدرىجىي تەجرىبە توپلاپ، قولىغا كۆپرەك پۇل كىرگەندە تىجارەت دائىرسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىراقلا چوڭ ئىش تەۋرەتمەكچى بولغانلار مەبلەغنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئىگىلىك تىكلەشكە لازىملىق مەبلەغ مەسىلىسىنى ﻫەل قىلغان تەقدىردىمۇ، تىجارەتتە ئازراق پېشكەللىككە يولۇقسىلا، بىﻬۇدە زىيان تارتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. شۇڭا ﻫەر قانداق ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي ئەﻫۋالىنى چىقىش قىلىپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، كاپىتال كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تىجارەت دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشى لازىم.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى