guide
مەبلەغ ۋە تەجرىبىسى يوقلار قانداق ئىگىلىك تىكلەيدۇ ؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
829 قىتىم
ﻫازىر نۇرغۇن ياش ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەبلىغى، بايلىقى ۋە تەجرىبىسى يوق. بۇلار ئىگىلىك تىكلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەردۇر. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ﻫەممىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇلارنى ئىزدەشكە ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا ماﻫىر بولۇش كېرەك.
دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەندە بۇ نەرسىلەر يوق بولسىمۇ، ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان قىزغىنلىق، كەسىپچانلىق بولسىلا بولدى، ئاندىن ئېﻬتىياجلىق نەرسىلەرگە قەدەممۇ قەدەم ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنىڭ بىر نەچچە ئۇسۇلى بار:
بىرىنچى، ئىشلەمچى بولۇش. ئەستايىدىللىق بىلەن باشقىلارغا ئىشلەمچى بولۇپ، ئىشلىگەچ ئۆزىگە ئېﻬتىياجلىق نەرسىلەرنى توپلاش.
ئىككىنچى، ئىشنى كىچىكىرەك تىجارەتتىن باشلاشقا جۈرئەت قىلىش، مەسىلەن: يايمىچىلىق قىلىش (ﻫەر قانچە بولسىمۇ، بىر ئادەمدىن يايمىچىلىق قىلغۇدەك پۇل چىقىدۇ)، بۇ ئادەمنى چېنىقتۇرىدىغان ياخشى ئۇسۇل. يايمىچىلىق قىلىشقا زور جۈرئەت ۋە ئىرادە لازىم، لېكىن يايمىچىلىق قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماسلىق كېرەك. يەنە ئۇلۇغۋار غايە بولۇشى كېرەك. يايمىچىلىق قىلىش مەقسەت ئەمەس، ئۇنىڭ بىر خىل ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ تىجارەتنى چۈشىنىش ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. كەلگۈسىدە تەۋرەتمەكچى بولغان ئىشى ئۈچۈن ئىستۇدېنتلار بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقسا بولىدۇ، بۇمۇ بىر خىل چېنىقىشتۇر.
شارائىت يېتەرلىك ﻫازىرلانمىغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى، يالغۇز تىجارەت قىلماسلىق كېرەك. يېڭى ئىگىلىك تىكلىگەنلەر قىزغىن كېلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزراق بولىدۇ. شۇڭا ﻫەمكارلاشقۇچى تېپىش كېرەك. ﻫەمكارلاشقۇچى تاللىغاندا، ئۆزىدىن ئىقتىدارلىقلارنى تاللاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى ﻫەم نۇرغۇن نەرسە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىككى ئادەم ﻫەمكارلىشىپ تىجارەت قىلغاندا، پايدا تەقسىماتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ﻫەمكارلىشىشتىن ئىلگىرى پايدىنى قانداق تەقسىم قىلىش توغرىسىدا بىردەك پىكىرگە كېلىشى، پايدىنى تەڭ تەقسىم قىلىشى كېرەك.
« شىنجاڭ گېزىتى » دىن ئېلىندى