پۇل تۆلەش گۆﻫىرى 支付宝غا پۇل قاچىلاش ئۇسۇلى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1042 قىتىم

پۇل تۆلەش گۆﻫىرىگە پۇل قاچىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ خالىغان بىرىنى قوللانسىڭىز بولىدۇ ﻫەمدە مال سېتىۋالغاندا بىۋاستە ﻫالدا پۇل تۆلەش گۆﻫىرىدىكى قالدۇق سومما ئارقىلىق پۇل تۆلىسىڭىز ئىنتايىن قۇلايلىق بولىدۇ.
1. تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. سىز پۇل تۆلەش گۆﻫىرى شىركىتى بىلەن ﻫەمكارلاشقان خالىغان بىر بانكىنىڭ كارتىسى ئارقىلىق، توردا پۇل تۆلەش مۇلازىمېتىنى ئاچقۇزغاندىن كېيىنلا پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتىڭىزغا بىۋاستە پۇل قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
2. باغلانما كارتا (卡通) ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتىڭىز بىلەن بانكا كارتىڭىز ئۆز-ئارا باغلانغاندىن كېيىن، سىز پەقەت پۇل تۆلەش گۆﻫىرىنىڭ پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرى ئارقىلىقلا پۇل قاچىلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. نۆۋەتتە، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى (شىنجاڭ ئىچىدە يوق)، پوچتا پۇل ئامانىتى باغلانما كارتىسى قاتارلىق ئون نەچچە بانكا بۇ مۇلازىمەتنى قوللايدۇ.
3. پوچتىخانا ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پوچتىخانىغا بېرىپ، «تور پېرىۋوتى e كەسپىنى» (网汇e 汇款业务) بىجىرىمەن دېسىڭىز، مۇلازىمەتچى خادىم سىزگە بىر دانە تالون بېرىدۇ. تالوننى تەلەپ بويىچە تولدۇرۇپ، پۇلنى مۇلازىمەتچى خادىمغا بېرىسىز (ئەڭ تۆۋىنى 2 يۇەن، يۇقىرىسى 50 يۇەنگىچە مۇلازىمەت ﻫەققى ئالىدۇ)، ئاندىن سىز مەخپىي نومۇر بېكىتكەندىن كېيىن، سىزگە يەنە كىچىك بىر تالون بېرىدۇ، ئۈستىدە تالون نومۇرى بار. ئاشۇ تالون نومۇرى ۋە ئۆزىڭىز بېكىتكەن مەخپىي نومۇر ئارقىلىق پۇلىڭىزنى توردا (پەقەتلا توردا) چىقىم قىلالايسىز. ئەمدى مۇشۇ پۇلنى پۇل تۆلەش گۆﻫىرىگە قاچىلاش ئۈچۈن، پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتىڭىزغا كىرىپ، پۇل قاچىلاش دېگەن جاينى باسقاندىن كېيىن، «تور پېروۋوتى e» ئارقىلىق قاچىلاشنى تاللاپ، قولىڭىزدىكى تالون نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزسىڭىزلا بولدى. (تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزمىغان ۋە قانداق ئاچقۇزۇشنى بىلەلمەي يۈرگەنلەرنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدا سىزنىڭ تور بانكىڭىز بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، پوچتىخانىغا نەق پۇل كۆتۈرۈپ بېرىپلا بىجىرەلەيسىز).
4. بانكا (تور مۇلازىمەت پونكىتى 网点)غا بېرىپ پۇل قاچىلاش . سىز يەنە بىۋاستە
5. دوستلىرىڭىز ۋاكالىتەن پۇل قاچىلاپ بېرىش. ئەگەر سىزنىڭ دوستىڭىزنىڭ پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتى بار بولۇپ ﻫەمدە تور بانكا مۇلازىمېتى ياكى باغلانما كارتا مۇلازىمېتىنى ئاچقۇزغان بولسا (قىسقىسى، دوستىڭىزنىڭ پۇل تۆلىشى سىزدىن ئاسان بولسا) ئۆزىڭىزنىڭ پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتى بىلەن سوممىسىنى دوستىڭىزغا ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋاكالىتەن پۇل قاچىلاپ بېرىشىنى ئۆتۈنسىڭىز بولىدۇ.
6. بىرلەشمە كارتا (百联卡) ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. ئىستىمال كارتىسى بولسا، سودىگەر تارقاتقان، كارتا ئىشلەتكۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە پۇلنى كارتىغا يۆتكەپ ساقلايدىغان، سودا قىلغاندا پۇلنى بىۋاستە كارتىدىكى قالدۇق سوممىسىدىن تۇتۇپ قالىدىغان، ئالدىن پۇل تۆلەش شەكلىدىكى بىر خىل كرىدىت كارتىسى. سىز ئىستىمال كارتىڭىزدىكى قالدۇق سوممىڭىزنى پۇل تۆلەش گۆﻫىرى تەمىنلىگەن پۇل قاچىلاش يولى ئارقىلىق پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتىڭىزغا ئاغدۇرسىڭىز بولىدۇ..
7. تېلفۇنغا قىممەت تولۇقلاش كارتىسى ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پۇل تۆلەش گۆﻫىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر دۆلەت ئىچىدىكى «ئالەم كېزەر» (全国神州行卡)، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ «بىر كارتا بىلەن قىممەت تولۇقلاش» (联通一卡充) كارتىسى ئىچىدىكى پۇلنى پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتىغا يۆتكىيەلەيدۇ.
8. قۇلايلىق كارتا (便利通卡) ئارقىلىق پۇل قاچىلاش. پۇل تۆلەش گۆﻫىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر يەنە قۇلايلىق كارتىدىكى پۇلىنى پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتىغا يۆتكىيەلەيدۇ.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پەقەت پۇل قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ قويدۇم، تەپسلىي مەشخۇلات جەريانى داۋاملىق سۆزلىنىدۇ، دىققەت قىلغايسىزلەر. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئۆزىڭىز قول سېلىپ سىناپ بېقىڭ، چوقۇم قىلالايسىز!