guide
باغلانما كارتا (支付宝卡通) دېگەن نېمە؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
601 قىتىم

باغلانما كارتا بولسا، سىزنىڭ پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتىڭىز بىلەن بانكا كارتىڭىزنى باغلايدىغان بولۇپ، سىز تور بانكا كەسپىنى بىجىرمىسىڭىزمۇ توردا بىۋاستە پۇل تۆلىيەلەيسىز ﻫەمدە پۇل تۆلەش گۆﻫىرى تەمىنلىگەن «ئاۋۋال مالنى كۆرۈپ، ئاندىن پۇل تۆلەش» تەك كاپالەتلىك مۇلازىمەتتىن بەﻫرىمەن بولالايسىز. باغلانما كارتا تۆۋەندىكىدەك ئالاﻫىدىلىكلەرگە ئىگە:.
1. پۇل تۆلەش گۆﻫىرىنىڭ چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىزلا پۇل تۆلىيەلەيسىز ياكى ﻫېساباتىڭىزغا پۇل قاچىلىيالايسىز، تور بانكىسىنى ئاچقۇزۇش ﻫاجەتسىز.
2. سىزنىڭ ﻫەقىقىي كىملىكىڭىزنى تەستىقلىتىش (实名认证) مەشخۇلاتىڭىز ئاپتوماتىك تاماملىنىدۇ ﻫەمدە سىز باشقىلاردىن كەلگەن پۇلنى قۇبۇل قىلالايدىغان ئىشلەتكۈچىگە ئايلىنىسىز (ﻫەقىقىي كىملىكنى تەستىقلىتىش ئۆتمىگەن ﻫېساباتتا پەقەت پۇل چىقىم قىلىشقىلا بولىدۇ، باشقىلارنىڭ پۇلىنى قۇبۇل قىلىغىلى ۋە تاۋباۋدىن دۇكان ئاچقىلى بولمايدۇ).
3. بىر پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتىڭىزغا كۆپ دانە بانكا ۋە بانكا كارتىسىنى باغلىسىڭىز بولىدۇ.'
4. پۇل تۆلەش گۆﻫىرى تور بېتكىتىدە تۇرۇپلا، بانكا كارتىڭىزدىكى قالدۇق سوممىڭىزنى تەكشۈرۈلەيسىز. (قىسمەن كارتىلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان)
5. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا پۇل تۆلەش گۆﻫىرى ﻫېساباتىڭىزنى پۇلنى بانكا كارتىڭىزغا ئاغدۇرۇپ، نەق پۇل ئالالايسىز، ئازىراقمۇ ساقلىمايسىز. (قىسمەن كارتىلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان)