guide
Alipay ﻫېسابىڭىزدىكى پۇلنى كارتىغا ئاغدۇرۇپ چىقىرىش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
817 قىتىم
1) Alipay ﻫېسابىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن سول تەرەپتە كۆرۈنگەن «پۇل ئېلىش 提现» نى بېسىڭ.
图片18.png
 
ئەگەر Alipay ﻫېساباتىغا قايتا كىرىشنى تەلەپ قىلسا، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ۋە پارولىڭىزنى قايتا بېسىپ كىرىڭ.
2) ئېچىلغان بەتتە پوچتا بانكىسى كارتىڭىزنى تاللاپ، چىقىم قىلماقچى بولغان پۇل سانىنى كىرگۈزۈڭ.
图片19.png
 
3) كېيىنكى بەتتە كارتا ئۇچۇرلىرىڭىزنى جەزملەشتۈرىسىز. يەنى «بانكا كارتىڭىزنىڭ ئاخىرقى 4 خانىسى ئوخشامدىكەن؟» ياكى «ئىسمىڭىز شۇمۇ» دېگەندەك. ئەگەر ئۇچۇرلار توغرا بولسا پۇل تۆلەش پارولى 支付密码نى كىرگۈزۈپ، «پۇل ئېلىشنى جەزملەيمەن 确认提现» نى باسسىڭىزلا Alipay دىكى پۇللىرىڭىز كارتىغا ئاغدۇرۇلىدۇ.
图片20.png
 
4) ئەگەر مەشغۇلاتلار توغرا بولسا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. بەتتە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار چىقىدۇ. ئاخىردا «تەڭشەكلەرنى ساقلىۋېلىش 保存设置 » نى بېسىپ ساقلاپ قويسىڭىز، كېيىنكى قېتىمدا پۇل ئاغدۇرغاندا مۇشۇ خىل تەڭشەكنى ئىشلىتىدۇ.
مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر كۈندە 3 قېتىم پۇل ئاغدۇرۇپ چىقىم قىلغىلى ﻫەمدە ﻫەر قېتىمدا 5000 يۈەن ئاغدۇرغىلى بولىدۇ.