guide
Photoshop تىكى بىر نەچچە  كىچىك ﻫۈنەرلەر
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
886 قىتىم


Photoshop تىكى بىر نەچچە  كىچىك ﻫۈنەرلەر :



ﻫەممىمىزگە مەلۇمكى تەكشىىكتە لايىﻬەلەش ساﻫەسىدە ئەلۋەتتە بىز Adobeشىركىتىنىڭ  Photoshop تىن ئىبارەت بۇ مۇﻫىم قورالىدىن ئايرىلالمايمىز، لايىﻬەشكە قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ ﻫەممىسى ئاۋۋال Photoshop تىن ئىش باشلايدۇ مەنمۇ ﻫەم شۇنداق،  نەچچە يىل بۇرۇن بۇ قورالغا قىزىقىپ قېلىپ ﻫازىرغىچە ئۆگىنىپ، مەشىق قىلىپ، ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن،  ﻫازىرمۇ بىر ئۆگەنگۈچى خالاس ، بۇ جەرياندىكى بەزى تەجىربىلەرنى كۆپچىللىك بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساممىكىن  دەيمەن ... 

ﻫەممىسى كۆپ ئۇچرايدىغان كىچىك ﻫۈنەرلەر، بىلىدىغانلار خاتاسىنى توغىرلاپ قويساڭلار، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسا ...



              ( بەزى ئاتالغۇلار چۈشىنىشكە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن خەنزۇچە ئېلىندى، توغرا چۈشىنەرسىزلەر)



1.      تېز سۈرئەتتە يېڭى ﻫۈججەت ئېچىش:

Photoshop تىكى قۇرۇق جايغا (ئادەتتە ﻫۈججەت ئەتراپىدىكى كۈل رەڭ رايون ) قوش چەكسەك، ﻫۈججەت ئېچىش كۆزنىكى چىقىدۇ؛


2.      ﻫۈججەت ئەتراپىدىكى كۈلرەڭ رايوننىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش:

سىرتۇڭى قورالىنى تاللاپ، Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كۈل رەڭ رايوننى چەكسەك، بۇ تەگلىك رايوننىڭ رەڭگى سىز تاللاپ قويغان رەڭ (前景色) گە ئۆزگىرىدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز 前景色 نى 25٪ لىك كۈل رەڭ  (R192G192B192) قىلىپ تەڭشەپ بايقىدەك Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، ﻫۈججەت ئەتراپىدىكى تەگلىك رايونىنى چەكسىڭىز بولىدۇ.



3
.      تېز كۇنۇپكىلار ئارقىلىق قورال تاللاش:

مەشخۇلات قىلىۋېتىپ قورال ئالماشتۇرماقچى بولىسڭىز، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى كۇنۇپكىلار ئارقىلىقلا قورالنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.  ﻫەرقايسى كۆپ قوللىنىلىدىغان قوراللارنىڭ ماس كېلىدىغان كۇنۇپكىللىرى:


  选框-M 移动-V 套索-L 魔棒-W
  喷枪-J 画笔-B 铅笔-N 橡皮图章-S
  历史记录画笔-Y 橡皮擦-E 模糊-R 减淡-O
  钢笔-P 文字-T 度量-U 渐变-G
  油漆桶-K 吸管-I 抓手-H 缩放-Z
  默认前景和背景色-D 切换前景和背景色-X
  编辑模式切换-Q 显示模式切换-F
 

4، نۇر بەلگىنى ئېنىقلاشتۇرۇش

Caps Lock كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز 画笔ۋە 磁性工具  قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىۋاتقاندا نۇر بەلگە قوشۇش بەلگىسى كۆرۈنىشىگە كېلىدۇ، تاللىماق تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ،  بۇ كۇنۇپكىنى يەنە بىر باسسىڭىز ئەسلىگە قايتىدۇ.


5،  باشقۇرۇش تاختىلىرىنى يوشۇرۇش:

Tab كونۇپكىسىنى باسسڭىز، Photoshop كۆرۈنمە يۈزىدىكى قورال سىتونى، رەڭ، رەسىم قەۋىتى سىتونى قاتارلىق ستون تاختىلارنىڭ ﻫەممىسى يوشۇرۇن ﻫالەتكە ئۆتىدۇ، يەنە بىرنى باسسىڭىز ئەسلىگە كېلىدۇ.
Shift  كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ Tab  نى باسسىڭىز، قورال سىتونى يوقىمايدۇ، باشقا سىتونلار يوشۇرۇن ﻫالەتكە ئۆتىدۇ.


6. تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە قايتۇرۇش:
بەزىدە قوراللارنى ئىشلىتىۋېتىپ، بەزى يەرلىرىنى تەڭشەپ قويۇپ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق ئەﻫۋالدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك قىلساق بولىدۇ. 

 

 

 

7.       لومپائەينەك قورالى: 

ﻫۈججەتنى چوڭلىتىشى ياكى كىچىكلىتىشتە بۇ قورال كۆپ ئىشلەيدۇ، Z كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بۇ قورالنى قوزغىتىمىز  ۋە ياكى Ctrl بىلەن + ياكى  Ctrl بىلەن   -  كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ﻫۈججەت كۆرۈنىشىنى چوڭلىتىپ كىچىكلەتكىلى بولىدۇ.

 

8.       يۆتكەش قورالىنى (Move Tool(移动工具نى ئىشلەتكەندە :

كۇنۇپكا تاختىسىدىكى  يۆلىنىش كۇنۇپكىللىرى ئارقىلىق ﻫۆججەت ئۈستدىكى سۈرەتلەرنى  بىر پېكسىلدىن يۆتكىگىلى بولىدۇ، Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ يۆلىنىش كۇنۇپكىللىرىنى باسساق 10 پېكسىلدىن يۆتكىگىلى بولىدۇ،  Alt  كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ يۆتكىسەك، شۇ رەسىم قەۋىتىنى كۆچۈرۈپ يۆتكىگىلى بولىدۇ.  (移动选区的拷贝)

 

 


ۋاقىت مۇناۋسىۋېتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي ... ئاخىر داۋاملىق يوللىنىدۇ.

مەنبە: ئۆزۈم.  بۇرۇن ئۇزﻫال تورىدا ئېلان قىلغان