guide
ماركىسىز يانفۇنلۇقلار دىققىتىگە :
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
884 قىتىم
سالام مۇنبەرداشلار:
ماقالە مەزمۇنىنى يېزىشتىن بۇرۇن ، مەزكۇر ماقالە تىمىسىدىكى ماركىسىز دىگەن ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي .
ماركىسىز دىگەننى ئۆزەم قويغان ئىسىم بۇلۇپ .  يانفۇننى بۇرۇن ئىنتىل ۋە باشقا مۇنبەرلەردە تاغتۇرا يانفۇنى دەپ تەرىپلەيتى ، بۇ نام خەنزۇچىدىكى 山寨 دىگەن سۆزنىڭ ئەينى تەرجىمىسى بۇلۇپ ، بۇ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىر قىسىم باﻫاسى ئەرزان ياكى باشقا داڭلىق ماركىلىق يانفۇنلارغا ئوخشۇتۇپ ئىشلەنگەن لىكىن ئىچىدىكى سېستىمىسى ئادەتتىكىچە باﻫاسى ئەرزان يانفۇنلارنى كۆرسىتىدۇ .
بۇنداق يانفۇنلارنىڭ تۈرى ماركىسى كۆپ بۇلۇپ ، ﻫەممىسىنىڭ سۆزلىشىشتىن ۋە تاشقى قېپىدىن  باشقا قىسمەن ئىختىدارنى ئىتۋارغا ئالمىغاندا ئاساسەن ئوخشاش خالاس .
يەنە كىلىپ بۇ يانفۇنلارنىڭ ماركىسىنىڭ تۈرى كۆپ بولغان بىلەن ئەنگە ئېلىنمىغان ماركىلارغا بولغاچ ، بۇنداق يانفۇنلارغا ماركىسىز دىگەن نامنى توغرا تاپتىم.
 بۇنداق يانفۇنلارغا ئادەتتە ئۆزىدە بار بولغان ئۇيۇن ۋە بىر قىسىم يۇمشاق دىتال شەكىلدىكى ئىختىدارلاردىن باشقا ، ئۆزىمىز خالىغان ئۇيۇن ۋە باشقا ئىختىدارلارنى قوشقىلى بولمايدۇ .
ئەكسىچە نەچچە مىڭ سوملۇق ئەقلى ئىختىدارلىق يانفۇنلارغا بولسا ئۇنداق نەرسلەر ساماندەك .
لىكىن ئىزدىنىش ۋە باشقىلاردىن بىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم بىر قىسىم ماركىسىز يانفۇنلارغىمۇ قىسمەن ئۇيۇن ، سېستما ، يۇمشاق دىتال شەكىلدىكى ئىختىدارلارنى قوشقىلى بولىدىغانلىقىنى ﻫىس قىلدىم .
قۇلىڭىزغا ئاشۇ مىنىڭكىدەك تۆۋەن باﻫالىق ماركىسىز يانفۇننى ئېلىڭ .
1) قەدەم :
 777755999    مەزكۇر ساننىڭ ئالدىغا يۇلتۇز قۇدۇق كۇنۇپكىسىنى ، ئاخىرىغا قۇدۇق كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ ، ياكى 220807 نىڭ ئالدى كەينىگىمۇ شۇنداق قىلىپ سىناپ بېقىڭ ( ئىككىسىدىن قايسى بولسا بولىدۇ ، ئالدىدىكىسىنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق ).
يانفۇنىڭىزدا ئىنكاس بولسا ( ئىنگىلىسچە خەت ياكى باشقا ئۇچۇر چىقسا ) تەبرىكلەيمەن ، يانفۇنىڭىزدا ئۈمۈت بار ، ئەگەر ئىنكاس بولمىسا داۋاملىق مەشخۇلات قىلماڭ .
( بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسلىق مەخسەت : يانفۇنىڭىزmrp ﻫۆججىتىنى تۇنۇش تۇنىماسلىق ﻫەققىدىكى سىناق)
2) قەدەم :
يانفۇنىڭىز ياكى يانفۇن سىغىم كارتىسىنى كومپىيۇتېرغا چېتىڭ .
ئىچىدە mythroade ياكى mulgam نامىدىكى ﻫۆججەت قىسقۇچ بارلىقىنى ﻫىس كۆرگەنسىز ، ئەمدى ئاشۇ mrp ﻫۆججىتىنى ئاشۇ ﻫۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە ساقلاڭ .

چۈشۈرۈش ئاددرىسى :
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/5503606.html
( پىرىستىن يەشكەندىن كىيىن ، ئىچىدىكى mrp ﻫۆججىتىنى تىمدا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قۇيۇپ مەشخۇلات قىلىڭ )

ئىزدەش توربىكەتلىرىدىن mrp دەپ ئىزدىسىڭىز ، نۇرغۇنلىغان mrp ئائىت ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز.

مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ، كارتىنى يانغۇنغا سېلىڭ ﻫەمدە يانفۇننى قوزغۇتۇپ 15 سىكنۇتتىن كىيىن يانفۇنغا  يۇلتۇز قۇدۇق 220807 قۇدۇق نى كىرگۈزىسڭىز قاچىلىغان نەرسىلىرىڭىز يېڭى تىزىملىك بۇلۇپ چىقىدۇ .
مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

دىققەت :
mrp كۆپ قىسىم ﻫۆججەتلىرىگە باشلىنىشتا ياكى مەلۇم مەزگىل ئوينىغاندىن كىيىن ﻫەق تۇتۇش ئىىتىدارى سەپلەنگەن .
ئەمىلىيەتتە ، بۇ ئۇيۇنچۇقلارنىڭ سەپلىمىسگە بىر قېتىم ئۇچۇر ماڭغانلىقى ئۇچۇرىنى يانفۇن تاپشۇرۇپ ئالسىلام سىزنىڭ داۋاملىق مەشخۇلات قىلىشىڭىزغا ( ئوينىشىڭىزغا ) يول قۇيىدۇ .
لىكىن بۇلارنىڭ ﻫەقسىز ئويناشقىمۇ بولىدۇ .
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇچۇر مەركىزىدىن +86138099****** دىگەندەك نۇمۇرنى باشقىچە نۇمۇرغا ياكى مەن ئىشىلتىۋاتقان +4478501299 دىگەن نۇمۇرغا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز ، سىزدىن ﻫەق تۇتالمايدۇ .
ئەگەر سىز مەشخۇلات جەريانىدا ﻫەق تۇتۇش ئۇچۇرى چىققان بولسا ، ئۇچۇر لايﻬەلەشتە مەن دىگەن قىلسىڭىز ئىككىلەنمەي ﻫەق تاپشۇرۇش دىگەننى بېسىۋىرىڭ ( سىزدىن تۇتالمايدۇ ).
قۇشۇمچە :
كەمىنىە سەل نامرات بولغاچ 1 يىل ئىلگىرى ﻫاجەتمەندىن ئالغان نەچچە يۈس سوملۇك كىسەك يانفۇننى ئىشلىتىۋاتىمەن ، لىكىن بەزىلەرنىڭ ئەقىلىفۇن دىگەندەك ئىلغار يانفۇنلارنى ئىشىلتىپ ، ﻫەرخىل يۇمشاق دىتال ئۇيۇنلارنى قاچىلاپ ئالدىمدا گىدىيىپ يۈرگىنىدىن بىزار بۇلۇپ ، مۇشۇ كىسىكىمگىمۇ ئانچە مۇنچە ، ئۇنى - بۇنى قاچىلىغىلى بولامدۇ دىگەن ئۈمۈتتە ئىزدىنىپ ئاخىرى نەتىجىگە ئىگە بولدۇم .
ئۇزۇندىن بىرى كىسىكىمدە پومچىك ، رۇسىيە خىش تىزىش ئۇيۇنى ، بىر قىسىم لوغەتلەرنى يانفۇنۇمدا بىمالا ئىشىلتىۋاتىمەن .
ئىشلەتكۈچىلەر دىققىتىگە :
مەن ئىشىلتىش ﻫەقسىز قىلىش ئۇسۇلىنى شۇنداق تەپسىلى چۈشەندۈردۈم ، لىكىن بەىبىر تېخنىكىلىق مەسىلە ۋە باشقا مەسىلە تۈپەيلىدىن سىزگە ئىختىسادى زىيان كىلىپ قالسا پىقىر ياكى مەزكۇر مۇنبەر مۇتلەق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .