ماركىسىز يانفوندا تېلېفون دەپتىرىنى زاپاس
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 717 قىتىم
سالام مۇنبەرداشلار :
نەچچە مىڭ سومغا ئالغان يانفونىڭىز ئوغرىلانغان، چۈشۈپ قالغان ۋە ياكى ۋاقىتلىق ، ۋاقىتسىز سىزدىن ئايرىلغان بولسا، مېنىڭچە بىرىنچى بولۇپ خەجلىگەن پۇلىڭىزغا قارنىڭىز ئاغرىشى، كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇشى مۇمكىن .
لېكىن مەندەك ماركىسىز يانفون ئىشلىتىدىغانلار ئويلايدىغاننى سىز ئىككىنچى بولۇپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، مىنىڭ ئويلايدىغىنىم يانفونۇم ئىچىدىكى نەچچە يۈز كىشىنىڭ ئالاقە نومۇرى .....
كىشىلىك تۇرمۇشتا ئالاقە ناﻫايىتى مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا مۇشۇ ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئالاقە نومۇرىنى ئوبدان ساقلاش كېرەك، ئەلۋەتتە .
تۆۋەندە مەن ماركىسىز يانفونلاردا يانفون نومۇرنى زاپاسلاشنىڭ ئىككى خىل ئاددىي ئۇسۇلىنى سۆزلىمەكچىمەن .
بىرىنچى ئۇسۇل :
يانفونىڭىز نومۇر دەپتىرىدىكى ساقلىماقچى بولغان نومۇرنى تېپىپ تاللاش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ، ئەڭ تېگىدىكى ئىسىم كارتوچكىسى ئەۋەتىش دېگەننى تاللاڭ ، چىققان كۆزنەكتىن تېگىدىكى ﻫۆججەت شەكلىدە ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مۇۋاپىق ئورۇنغا ساقلاڭ .
مۇشۇ يوسۇندا سىزگە لازىملىق بارلىق نۇرمۇنى سىغىم كارتىسىغا ساقلاپ ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ياكى دىسكىڭىزنىڭ مەلۇم بۈرجىكىگە زاپاسلاپ قويسىڭىز كۆپ ئورۇننى ئىگىلىمەيدۇ .
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە يانفونىڭىز ۋە يانفون كارتىسى ئىچىدىكى نومۇرلاردىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، كېرەك يوق، زاپاسلاپ قويغان نومۇرنى يانفون ساقلاش كارتىسىغا كۆچۈرۈپ يېڭى بېجىرگەن كارتىڭىزغا يوللاپ قويسىڭىز يېڭى كارتىڭىزدا كونا نومۇرلىرىڭىز پەيدا بولىدۇ .
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل :
ئالدى بىلەن قوش كارتىلىق يانفون ﻫەمدە كېرەكسىز كارتىدىن بىرنى تېپىڭ (پارولىنى خاتا بېسىش ئارقىلىق بۇزۇلغان، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قايتا بېجىرىش ئارقىلىق ئەسلى كارتا ئەمەلدىن قالغان ۋە بەشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت بولمىغان كۆچمە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى كارتىسى ۋە ياكى زېرەك كارتىسى بولسىمۇ بولىدۇ ).
كېرەكسىز كارتىنى يانفوننىڭ 2-كارتا ئورنىغا سېلىڭ، ئەسلى كارتىڭىزنى 1-كارتا ئورنىغا سېلىڭ، تېلېفون دەپتىرى ئورنىدىن ﻫەممىنى كۆچۈرۈش تۈرى ئارقىلىق 1-كارتىدىن 2-كارتىغا كۆچۈرۈش، يانفوندىن 2-كارتىغا كۆچۈرۈش بۇيرۇقى ئارقىلىق نەچچە سېكۇنتتا نەچچە يۈز نومۇرنى ﻫېلىقى كېرەكسىز كارتىغا كۆچۈرۈپ بولىسىز .
ئاندىن ئۇ كېرەكسىز كارتىنى مۇقىم ساقلاپ قويۇپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسلى كارتىدىن ئايرىلىپ قالغاندا يېڭىدىن كارتا بېجىرىپ ئەسلى ئۇسۇل ئارقىلىق كېرەكسىز كارتىدىكى نومۇرنى يېڭى كارتىغا كۆچۈرۈپ ، يېڭى كارتىدا كونا نومۇرلىرىڭىزنى پەيدا قىلىسىز .
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ نۇمۇر زاپاسلاش كەسپى بارمىش ( ﻫەقسىز ) تەپسىلى ئەﻫۋالنى تازا ئىنىق بىلمەيمەن .
پېقىرنىڭ بىلىدىغانلىرى مۇشۇنچىلىك، شۇڭا كەم قالغان يەرلىرى بولسا تولۇقلاپ قويۇشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ پەقەت مىنىڭ ئۆزەمنىڭ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۈنۈمگە ئىرىشكەن نەتىجە خالاس .
قاينامدىن :
مەزكۇر مۇنبەردە يانفۇن سەﻫىپىسى يوقكەن ، شۇڭا يانفۇنغا ئائىت تىمىنى باشقا سەﻫىپىگە يوللاپ قويدۇم .