ئىلقۇت كەسپىي يانفۇن مۇنبىرى ئېچىۋېتىلدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 915 قىتىم
[align=justify]ئەسسالام تورداشلار،
ئالدى بىلەن ئۇزۇندىن بىرى ئىلقۇت تورى ۋە ئىلقۇت بلوگىنى قىزغىن قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ تورداشلارغا ئالىي سالام يوللايمىز.
ئەمدى ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك:
ئىلقۇت تورى ئۇزۇندىن بىرى بىر مەزگىللىك تەمتىرەپ يۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، بۇ قېتىم ئىلقۇت تورىنىڭ ئەسلىدىكى قۇرغۇچىلىرى، تۇتۇش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىلقۇت بلوگى شۇنداقلا ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت بۇ بىر نەچچە كۈچنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە ئىلقۇت مۇنبىرى قايتىدىن پىلانلىنىپ ئاخىرى يېڭىچە قىياپەت بىلەن تۇلۇق ئېچىۋېتىلدى.
مۇنبەر ئادىرىسى: http://bbs.ilqut.com/
باش بەت ئادرىسى: http://ilqut.com/
بۇ قېتىم ئىلقۇت مۇنبىرى قايتا-قايتا پىلانلىنىش ۋە لايىﻬەلەش ئارقىلىق رايۇنىمىزدىكى يانفۇن رېمىنۇتچىلىقىدا كەم بولىۋاتقان يانفۇن رېمىنۇتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەڭ رېمىنۇتچى ئۇستىلارنىڭ ئۆز-ئارا تېخنىكا ئالماشتۇرۇشى (ئانا تىل يېزىقىدا)، بىر قىسىم خەنزۇچە سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان (خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن نورمال پايدىلىنىشتا قىينىلىۋاتقان) قېرىنداشلارنىڭ ئەڭ يېڭى يانفۇن رېمىنۇتچىلىقى ﻫەققىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە بولغان ئېﻬتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە يانفۇن، MPn (MP3, MP4, MP5..) رېمىنۇتچىلىقىنى ئاساس، كومپىيوتىر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ﻫالدا كەڭ تورداشلارغا ئېچىۋېتىلدى. مۇنبىرىمىز يۇقىرىقىلاردىن باشقا ﻫەرقانداق مەزمۇننى يوللاشنى قارىشى ئالمايدۇ. مەقسىتىمىز ئىلقۇت مۇنبىرىنى كەسپىي بولغان مۇنبەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. ئەگەر سىز يانفۇن رېمىنۇتچىلىقى، MPn (MP3, MP4, MP5..) رېمىنۇتچىلىقى ۋە كومپىيوتىر بىلىملىرى جەﻫەتتە بىلمىگەنلىرىڭىز بولسا سورىسىڭىز ياكى ئۆزىڭىز بىلگەن تېخنىكىلارنى يوللاپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ. بىز ﻫەر ۋاقىت سىزنىڭ ﻫاجىتىڭىزدىن چىقىشقا تىرىشىمىز.
ﻫازىر ئىلقۇت مۇنبىرى ئاقا سېپىدە كەسپىي رىمىنۇت خادىمى (كوئىنلون يانفۇن رىمىنۇتچىلىقى)، ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىىسى (ئاساسلىقى ئەڭ يېڭى يانفۇن رىمىنۇتچىلىقىدىكى تېخنىكىلىق ماتىرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرنى بېيىتىدۇ.) ئەسلىدىكى ئىلقۇت تورىنىڭ تېخنىكى، تۇتۇش تورىنىڭ تېخنىكى قاتارلىقلار ئىلقۇت مۇنبىرىنىڭ سېستىما جەﻫەتتىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە مەسئول، دېمەك مېنىڭچە ﻫازىر ئىلقۇت مۇنبىرىنىڭ ئارقا سېپىنى يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. بىز ﻫەممىمىز كۆپچىلىكنىڭ ئېﻬتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىمىز.
ئەمدى گەپ، مۇنبەر قۇرۇلدى، ﻫەم خېلى كۈچلۈك ئارقا سەپكە ئىگە بولدى. شۇنداق بولسىمۇ مۇنبەر تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ ئىلقۇت مۇنبىرىنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلەپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
مۇنبەر يېڭى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولغاچقا، ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەردىن ساقلىنىش قىيىن، شۇڭا مۇنبەرنى تېخىمۇ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كەڭ تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.