guide
توردا پۇل تېپىش دەرسلىكى(بىرىنجى دەرس)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1174 قىتىم
تور ئارىلاپ تۇرۇپ ئۇچۇر تورىدىكى بىر مەزمۇنغا، يەنى توردا پۇل تېپشنى ئۆگىتىمىز،200يۇەنگە دېگەن بىر ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم، قىززىق ئىشلار بەك كۆپ جاﻫاندا، ئۆز مىللىتىگە تور بىلىمى ئۆگەتسىمۇ پۇل ئېلىپ ئاندىن ئۆگىتىدىغان دېگەندەك.
 گەرچە مەن ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىدىكىدەك ئېيىغا 1000يۇەن ئەتراپىدا پۇل تاپالمىساممۇ ،ئەمما ئېيىغا 200يۇەن ئەتراپىدا پۇل تېپىشنى بىلىمەن،  بۇ ئۇسۇلدا پۇل تېپىشقا دەسمايىمۇ كەتمەيدۇ، ئۆگىتىشكىمۇ مۇز ئەرۋاﻫ ئۆزەم مەسئۇل بولىمەن، يەنىلا ﻫەقسىز.
بۇرۇن باشقا  تورلاردا ئېلان چىكىپ پۇل تېپىش توغىرىلىق تېما يوللىغانىدىم، ئۇ ۋاقىتتا دەرسلىك يوللىمىغان ئىدىم ،شۇنداقتىمۇ بىر قانچە تورداش مېنىڭ چ چ رىمدا مەندىن بۇنى ئۆگىنىپ بولدى.چ چ دا  ئۆگىتىش جەريانىدا شۇنى ﻫېس قىلدىمكى بىر دەرسلىك بولمىسا چ چ دا ئۆگىتىش ئېلىپ بېرىش تولىمۇ تەسكە توختايدىكەن. تۆۋەندە مەن تەپسىلىي ﻫالدا بۇ بىلىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
مېنىڭ بايقىشىمچە كۈندە بەش مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بىر ئېلان تور بېتىدىن ئېلان چىكىپ قويسىڭىز 0.05ەتراپىدا كىرىم قىلالايسىز،مۇشۇنداق تور بەتتىن ئەگەر ئون دانە تور بەتكەتىزىملىتىپ ئون تور بەتنىڭكىنى باسسىڭىز0.5دوللار بولىدۇ، ئەگەر 20 تور بەتكە تىزىملاتسىڭىز1دللار بولىدۇ،كۈنىگە شۇنچىلىكتىن بولسا بىر ئايدا قانچىلىك بولىدىغىنىنىمۇ ئۆزۈڭلار ﻫېسابلاپ باقساڭلار بولىدۇ. بۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرسا قانچە پۇل بولىدىغىنىنى ئۆزەڭلار ﻫېسابلىۋىلىڭلار.
توردا ئېلان چىكىپ پۇل تېپىش ئەمەلىيەتتە سىز باشقا تور بەتلەرگە ئېلان چىكىپ بەرسىڭىز ئۇلار سىزگە ﻫەق بەرگەن ﻫېسابتا ماڭىدۇ. بۇنى بىلوگىغا ئېلان قويۇپ قويغانلار بىلىدۇ. سىز بلوگ ئىگىسىنىڭ قويغان ئېلانىنى چەكسىڭىز ئۇنىڭغا بەلگىلىك دەرىجىدە كىرىم بولىدۇ.
ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى 0.01يۇەن بىلەن چەتئەلدىكى 0.01دوللارنى سېلىشتۇرساق ،  يەنىلا پەرق چوڭ.  شۇڭا بىز مەخسۇس چەتئەل تور بېتىدىكى ئېلانلارنى چېكىمىز.
بۇگۈنكى دەرسىمىز ئېلان چىكىپ پۇل تېپىشتىكى ئەڭ مۇﻫىم ۋە ئەڭ ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان، شۇنداقلا ئادەمنى ﻫارغۇزۇپ قويىدىغان دەرس، ئەمما بۇنىڭدىن زېرىكمەڭ.  چۈنكى بۇلارنى بىرلا قېتىم قىلىۋالسىڭىز قالغان ئىشلار ناﻫايىتى ئاددىي.
1-دەرس توردا ئېلان چىكىشنىڭ تەييارلىق قەدەملىرى.
تەپسىلىي قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-بىزنىڭ چوقۇم بىر خەلىقئارالىق ئېلخەت بار بولىشى كېرەك.
بۇنىڭدا بىز گوگۇل خەت ساندۇقى ياكى خوتمايىل خەت ساندۇقىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. گوگۇل ئېلخەت تىزىملىتىش ئادرىسى:www.gmail.com
2- بىزنىڭ چوقۇم بىر خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ۋاكالەتچىمىز بولىشى كېرەك ،  بۇنىڭدا بىز پايپال  ۋە ئالېرت پاي دېگەن ئىككىسىنى ئىشلىتىمىز.
پايپالنىڭ تىزىملىتىش ئادرىسى:https://www.paypal.com
پايپالنىڭ خەنزۇچە تىلىدا مۇلازىمىتى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدا ئارتۇقچە توختالمايمىز.
ئالېرت پاي نىڭ تىزىملىتىش ئادرىسى:https://www.alertpay.com
تۆۋەندە بۇنىڭغا تىزىملىتىش ﻫەققىدە توختالماقچى. توردىن بۇنىڭ تىزىملىتىش جەريانىنىڭ خەنزۇچە چۈشەندۈرۈلىشىنى تېپىپ يوللاپ قويدۇم.  خەنزۇچىنى بىلمەيدىغانلار بولسا ئىنكاس ئارقىلىق قايتا سورىسا بولىدۇ.


يۇقارقى بويىچە توشقۇزىلىدۇ. تۇغۇلغان كۈنىنى تاللىغاندا ئاي  - كۈن - يىل شەكلىگە چوقۇم دىققەت قىلىڭ. توشقۇزۇپ بولۇپ كېيىنكى قەدەم دېگەن يەرنى باسىسىز.ئاندىن تۆۋەندىكى جەدۋەلنى توشقۇزىسىز.
بۇنىڭغا توشقۇزغان ئېلخەت ئادرىسڭز سىزنىڭ ئالېرتپاي نۇمۇرىڭىز بولىدۇ.  بۇ قەدەمدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار، تۆۋەندىكىنى ئوبدان كۆرۈڭ.


كېيىنكى قەدەم دېگەننى باسسىڭىز  سىزنىڭ ئېلخەت ساندۇقۇڭۇزغا  بىر خەت بارىدۇ ،  شۇ ئېلخەتتىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق نۇمۇرىڭىزنى رەسمىيلەشتۈرىسىز.
 
يۇقارقى ئىككىلى ۋاستىچى تور بانكىسىغا چوقۇم تىزىملىتىڭ ، چۈنكى كۆپ قىسىم ئېلانچى تور بەتلەر ئىككىلىسىنى قوللىسىمۇ يەنە بەزى ئېلانچى تور بەتلەر بۇلارنىڭ خالىغان بىرسىنىلا قوللايدۇ.
3- بەزى تور بەتلەرنىڭ ئېلان چىكىش بېتىنى IE تور زىيارەتچىسى نورمال ئاچالمايدۇ، شۇڭا سىز ئەڭ ياخشىسى ئوت تۈلكە تور زىيارەتچىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، ئېلان چەككەندە شۇنى ئىشلىتىڭ. چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://g-fox.cn/

تەييارلىق قەدەم باسقۇچلىرى تۈگىدى.    ئەمەلىيەتتە ئەڭ قىيىن بولغىنى مۇشۇ  تەييارلىق قەدەم باسقۇچلىرى، تەييارلىق قەدەم باسقۇچلىرىنى تۈگىتىپ بولسىڭىز ، ئېلانچى تور بەتلەرگە تىزىملىتىپ بولسىڭىز قالغان ئىشلار ناﻫايىتى ئاددىي.
1-دەرس  شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى، مۇشۇ ئىشلارنى قىلىپ تەييار بولۇڭلار،2-دەرستىن باشلاپ ﻫەقىقىي پۇل تېپىشقا چۈشۈپ كېتىمىز.

مۇنبەرنىڭ رەسىم چىقىرىش ئىقتىدارى ﻫازىرچە  بولمىغانلىقى ئۈچۈن يۇقارقى  رەسىملەر چىقىرىلمىدى، تورداشلارنىڭ گوگۇل تەرجىمە بېتىدىن پايدىلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
گوگۇل تەرجىمە قىلغۇچ بەتنىڭ ئادرىسى:http://translate.google.cn/#