guide
توردا مال سىتىۋىلىشنى ئۈگۈنۈش دەرىسلىكى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
862 قىتىم
ئەسسالام تورداشلار ياخشىمۇسىزلەر .
مەن ئۆتكەندە چ چ نەرسىلىرىنى سىتىش توغۇرلۇق 2 تىما يوللىغان ، شۇڭىشقا نۇرغۇن دوسلار مەن بىلەن سودىلىشىش ئۈچۈن ئاتايىن بانكىغا بىرىپ ماڭا پۇل ئۇرۇپ بىرىشقا توغرا كەلدى ، ئەلۋەتتە سىز  ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز مىنىڭ كارتەمگە پۇل سىلىپ بەرسىڭىز قوشۇمچە ﻫەق ئالمايدۇ لىكىن باشقا يۇرۇتلۇق دوسلار مىنىڭ كارتەمگە پۇل ئۇرسا ئەلۋەتتە قوشۇمچە ﻫەق ئۈچۈن 1~2 يۈەن ئالىدۇ ،سىز بۇنداق پۇل تۆلىگىلى تۇرسىڭىز قاملاشمايدۇ شۇ سەۋەپلىك مەن بۇ دەرىسلىكنى نۇرغۇن ۋاقتىمنى چىقىرىپ يىزىپ چىقتىم ، ئەلۋەتتە يازغانغا لايىق ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن، بۇ ئۆزىڭىزگە پايدىلىق ، ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتۇردا ﻫەقىقى يىتىلىپ چىقىش ئارزۇيىڭىز بولسا تۇلۇق ئوقۇپ چىقىڭ ،بۇنى قانچىكى مەزمۇنلۇق قىلىپ ئوقۇپ چىقسىڭىز كومپىيۇتۇرغا شۇنچىكى ئۇستا بولۇپ كىتىسىز دوستۇم ، ئۇنداقتا كۆزىڭىز بىلەن كاللىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن ....


ئادەتتە تور بانكا كارتىلىرىنى ﻫەممە بانكىلاردا بىجىرگىلى بولىدۇ ، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەلۇم بانكىغا بىرىپ تور بانكا كارتىسىنى بىجىرىڭ ...
مەن تۆۋەندە سىلەرگە جوڭگۇ سودا سانائەت بانكىسىنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرەي .... (تۆۋەندىكى بارلىق چۈشەندۈرۈشلەر جوڭگۇ سودا سانائەت بانكىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى)
جوڭگۇ سودا سانائەت بانكىسىنىڭ تور بانكا كارتا تۈرى ئادەتتە ئۈچ خىل بولۇپ :

1. U دىسكا (U盾) :بۇ كارتىنى ﻫەر قانداق ئابونىت بىجىرەلەيدۇ ...
ئالاﻫىدىلىكى : بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ، توردا سودا قىلىش پۇل سانى چەكلىمىسى يوق ،بارلىق تور بانكا مۇلازىمەتلىرىدىن بەﻫرىمان بولالايسىز ..
بىجىرىش باﻫاسى : 58~60 يۈەن ..
بۇ تۈردە بانكا سىزگە 1 دانە U دىسكا بىرىدۇ ، سىز ئۇ دىسكىنى بىۋاستە كومپىيۇتۇرىڭىزنىڭ  USB چاتقۇچ يىرىگە چىتىپ بىمالال مەشغۇلات قىلالايسىز ، ئەلۋەتتە بەزى تورخانىلاردا بىخەتەر بولماسلىقى مۇمكىن ، چۈنكى بەزى قارا نىيەتلىك كىشلەر كومپىيۇتۇرغا بەزى بىر  木马,漏洞  دىگەندەك ۋىروس خارەكتىرلىك دىتاللارنى قاچىلاپ قويۇپ سىزنىڭ دىسكىڭىزدىكى ماتىرياللاغا ئىرىشۋىلىپ پۇللىرىڭىزنى ئوغۇرلاش دىگەندەك يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ ، شۇڭا سىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ : سىز تورخانىلارغا كىرسىڭىز ئالدى بىلەن كومپىيۇتۇرنى قايتىدىن قوزغۇتۇپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىڭ ..  ئەلۋەتتە بۇ تۈر ئۆيىڭىزدە ئىشلىتىشقا تولىمۇ مۇۋاپىق ...

2.تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) : بۇ كارتىنى پەقەت U كارتا (U盾)  نى بىجىرمىگەن ئابونىتلار بىجىرەلەيدۇ .
ئالاﻫىدىلىكى : بىخەتەرلىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى ،توردا مال سىتىۋىلىش ، ﻫىساۋات يۆتكەش ،توردا پۇل تۆلەش قاتارلىق جەﻫەتلەردە پۇل سانى چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ ، پۇل سانى چەكلىمىسى :300 يۈەندىن تۆۋەن بولۇشى كىرەك .
بىجىرىش باﻫاسى : ﻫەقسىز ...
ﻫەر بىر قىتىملىق سودا قىلىشىش پۇل نەرقى 300 يۈەننىڭ تۆۋىنىدە بولۇشى كىرەك ، سىز توردا بىر قىتىملىق سودىدا 300 يۈەن چەكلىمىسىدىلام پۇل تۆلەپ مال سىتىۋالالايسىز ياكى بولمىسا مال ساتالايسىز دىگەنلىك . ئەگەر سىز توردا بىر قىتىمدىلام 300 يۈەندىن يۇقىرى بولغان مالنى سىتىۋىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا ئۇنداقتا سىز ئاشۇ مالنى 300 يۈەندىن تۆۋەن ﻫالەتتە ﻫەسسىلەپ سىتۋالسىڭىز بولىدۇ ، مەسىلەن : 450 يۈەن قىممىتىدىكى مال بولۇپ قالسا سىز مال ساتقۇچىغا ئەﻫۋالنى ئىيتىپ كۆرىسىز ، مال ساتقۇچى: سىز  ﻫەسسىلەپ ئالسىڭىز بولىدۇ ، دىگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭ مىلىنى 450 يۈەن قىممىتىدە ﻫەسسىلەپ سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر مال سىتىش توغرا كەلسە سىزمۇ ئالدى بىلەن توردا دۇككان ئىچىشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تورغا 1 يۈەنلىك دۇككان ئادىرىسى قۇرۇپ قويسىڭىز سىزدىن مال ئالىدىغانلار ئاشۇ 1 يۈەننى ﻫەسسىلەپ مال سىتىۋالسا بولىدۇ  ، مەسىلەن: سىز 600 يۈەنلىك مال ساتسىڭىز ، مال سىتىۋالغۇچى ئاشۇ 1 يۈەنلىك دۇككان ئادىرىسقا كىرىپ 600 ﻫەسسىلەپ مال سىتىۋالسا بولىدۇ دىگەنلىك...

3.تىنىچ ﻫالەتتىكى مەخپى نۇمۇر (静 态 密 码):   ئەگەر سىزنىڭ مۇنۇ بانكىنىڭ ئادەتتىكى كارتىسى بولسىلام بۇ كارتىنى پەقەت توردىلام ئۆز ئالدىڭىزغا بىۋاستە  قىلالايسىز ، بۇ تۈرنى ئەلۋەتتە يۇقىرىقى ئىككى تۈرنى بىجىرمىگەن ئابونىتلارلام بىجىرىلەيدۇ .
ئالاﻫىدىلىكى :بىخەتەرلىك دەرىجىسى نورمال ئادەتتىكىچە ، مۇلازىمەت تۈرلىرى ئاز ﻫەمدە سودا قىلىش پۇل سانى چەكلىمىسىگە ئۇچۇرايدۇ ،ئابونىت ناﻫايىتى ئىﻬتىياتچان مەخپى نۇمۇرنى ئوبدان ساقلىشى كىرەك ، ئەگەر مەخپىي نۇمۇرنى ئوبدان ساقلىيالماي پۇلى ئوغۇرلىنىش قاتارلىق ئىشلارغا ئۇچۇرىسا بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىش كىرەك ..
بىجىرىش باﻫاسى : ﻫەقسىز ...
بۇ تۈر ناﻫايىتى ئاددى تۈر بولۇپ ، بۇ تۈرنى: ئۆزىڭىزنىڭ QQ سىنىڭ مەخپى نۇمۇرىغا ئوخشاتساق بولىدۇ ، سىزنىڭ مەخپىي نۇمۇرىڭىزنى بىرسى كۆرۈپ قالسىلام سىزنىڭ كارتىڭىزدىكى بارلىق پۇللار ئوغۇرلىنىپ كىتىشى مۇمكىن . شۇڭا بۇ تۈرنى ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن  .

دوسلار سىزنىڭ ﻫازىرقىدەك مەزگىلىڭزىگە يۇقىرىقى 2- تۈر مۇۋاپىق ، مۇشۇ تۈرنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
سىز ئالدى بىلەن بانكىغا بىرىپ تور بانكا كارتىسىنى بىجىرىسىز ، ئەگەر سىزنىڭ ئاشۇ بانكىنىڭ ئادەتتىكى بىر كارتىسىلام بولىدىكەن ئاشۇ كارتىغا <تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) دىگەن كارتىنى بىجىرىسىز ، ئەگەر سىزنىڭ ﻫىچ قانداق كارتىڭىز بولمىسا بانكىغا بىرىپ ئادەتتىكى كارتا بىلەن يۇقىرىقىدەك <تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) دىگەن كارتىنى بىجىرىسىز ...  (جەمىي ئىككى كارتا)
<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) رەسىملىك نۇسخىسى :

<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نى بىجىرىش ئۇسۇلى :
2006-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ بۇ تۈر يولغا قويۇلغان بولۇپ ئەگەر سىزنىڭ مۇشۇ بانكىنىڭ 牡丹 كارتىسى يەنى ئادەتىىكى كارتىسى بولسىلام سىز  ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ﻫەمدە كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلىپ بىۋاستە بانكىغا بىرىپ <تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡)  نى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ ..

بانكىدا <تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡)  نى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار :
1. كىملىك نۇمۇرى ﻫەمدە ئىسمى چوقۇم سىز ئۆزىڭىزنىڭ بولۇشى كىرەك .
2.  ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا بانكا خىزمەتچىللىرى سىزگە ئۆزىڭىز خالايدىغان مەلۇم بىر جۈملە خەنزۇچە سۆزنى مەلۇم بىر كاتەكچىگە قالدۇرۇپ قويۇشىڭىزنى ئىيتىدۇ ، سىز ئاشۇ قالدۇرغان جۈملە سۆزنى چوقۇم ئىنىق يادىڭىزدا تۇتۇۋىلىشىڭىز كىرەك ... چۈنكى سىز كارتىنى بانكىدا بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن بۇ كارتىنى يەنە توردا 激活 قىلىشقا توغرا كىلىدۇ ، 激活 قىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ مۇنۇ كارتىنى بىجىرگەن كىملىك نۇمۇرى شۇنداقلا ئىسىم ﻫەمدە  ﻫىلىقى كاتەكچىگە قالدۇرغان ئاشۇ جۈملە سۆزىڭىزنى قايتىلاپ ئەينى تولدۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ ، شۇڭا سىز يۇقىرىقى ئىككى جەﻫەتكە ئالاﻫىدە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك ...
3. سىزگە بانكا مۇلازىمەتچىللىرى كارتىنى بەرگەندە چوقۇم كارتىنىڭ سۈپىتىگە قاراپ بىقىشىڭىز زۆرۈر  كارتا چوقۇم (ئادەتتىكى يانىفۇن قىممەت تۇلۇقلاش كارتىلىرىغا ئوخشاش مەخپى نۇمۇرى بار يەر سويۇلمىغان بولۇشى كىرەك ، ئەگەر كارتىنىڭ مەلۇم بىر يىرى سويۇلغان بولسا دەل ۋاقتىدا پىچىتىگە ئالماشتۇرۇش كىرەك .(تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)



<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نى ئەمىليەتتە ئىشلىتىش ئۇسۇلى :

<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نى ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كىيىن سىز توردا بىمالال مال سىتىۋىلىش ، توردا پۇل تۆلەش ، توردا دۇككان ئىچىش ، توردا ئۆزىڭىزنىڭ كارتىڭىزدىكى ﻫىساباتتىن خالىغان دوستىڭىزنىڭ كارتا ﻫىساباتىغا پۇل يۆتكەش دىگەندەك نۇرغۇن ئالاﻫىدە مۇلازىمەتلەرگە ئىرىشەلەيسىز .
بىز ﻫازىرچە قىسقىچە قىلىپ توردا سىرىتقا قارىتا ﻫىسابات يۆتكەشنى سۆزلەپ ئۆتىلى :
<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) ئەمىليەتتە بىر كوردىنات سىستىمىسى بولۇپ ، ئۇ كارتا سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىنچە A ﻫەرىپىدىن J ﻫەرىپىگىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تەرتىپ بويىنچە 1دىن 8 گىچە كوردىنات سىستىمىسىدىن تەشكىل تاپقان ... سىزنىڭ مۇنۇ كارتىڭىزدىكى ئەڭ مۇﻫىم ﻫالقىلىق نۇقتا دەل ئاشۇ كوردىنات سىستىمىسىدىكى سانلار ..
مەسىلەن : سىز توردا مەلۇم بىر دوستىڭىزغا پۇل ﻫىسابات يۆتكىمەكچى سىز  ئالدى بىلەن ﻫىسابات يۆتكەش تورغا كىرىپ ئاشۇ دوستىڭىزنىڭ كارتا نۇمۇرى ، ئىسىم فامىلە قاتارلىق مەزمۇنلارنى توغرا يازغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك بىر مەزمۇن چىقىپ قالىدۇ :

ئەنە ئاشۇ كۆك كاتەكچە ئىچىگە ئىلىپ قويغان نۇقتدىدىكى A3 B2 دىگەن دەل كوردىنات سىستىمىسىدىكى ئۇرۇن بەلگىسى سىز ئۇنى ﻫەرگىزمۇ 验 证 码 ئوخشايدۇ دەپ ئاشۇ ﻫەرىپ بىلەن ساننى قايتىلاپ يىزىپ قويماڭ ، مۇنداق خاتالىق ناﻫايىتى ئاسانلام يۈز بىرىدۇ ، شۇڭا سىز كوردىنات سىستىمىسىدىكى A بىلەن 3 كىسىشكەن ئۇرۇننى سويۇپ ئاشۇ ئۇرۇندىكى 3 خانىلىق ساننى بىسىپ ﻫەمدە يەنە بىر  B بىلەن 2 كىسىشكەن ئۇرۇننى سويۇپ ئاشۇ ئۇرۇندىكى 3 خانىلىق ساننى بىسىپ جەمىي 6 خانىلىق سان تەشكىل بولىدۇ ، ئەلۋەتتە كوردىنات سىستىمىسىدىكى ئۇرۇن بەلگىسىنى ئىنگىلىز تىلى تەرتىپى بويىنچە سولدىن ئوڭغا قاراپ ئوقۇيمىز ، ئەگەر سىز A3 B2 مۇنۇ ئۇرۇن بەلگىسىنى ئەكىسچە ئوڭدىن سولغا قىلىپ B2 A3 قىلىپ يىزىۋالسىڭىز خاتا دەپ چىقىۋالىدۇ خالاس .
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

A3 دىگەن ئۇرۇن بەلگىسىدە 136 ، B2 دىگەن ئۇرۇن بەلگىسىدە 135 دىگەن ساننى بىر لەشتۈرۈپ 136135 قىلىپ يازىمىز ..  ئەلۋەتتە تولدۇرغان سانىڭىز * شەكلىدە چىقىدۇ ..ئەسكەرتىش :ئوتتۇرىغا بوشلۇق قويۇلمايدۇ ...
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

ئاخىرىدا سىزنىڭ بۇ قىتىملىق ﻫىسابات يۆتكىشىڭىز ئوڭۇشلۇق بولدى دەپ كۆزنەك چىقىدۇ ..
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :



<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نىڭ كۈندە ئۆزگىرەپ تۇرىشى :
<تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡) نى سىز پەقەت 1000 قىتىملا ئىشلىتەلەيسىز ، ئەگەر سىز 1000 قىتىم ئىشلىتىپ بولغان بولسىڭىز  بانكىغا بىرىپ يۈرۈشىڭىز ﻫاجەتسىز ، سىز  (تور بانكا كارتا ) تور بىتىگە كىرىپ تىزىملىتىپلام 客户服务 دىگەن كۆزنەككە كىرىپ 客户信息管理 دىگەن كۆزنەكنى ئىچىپ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇپ قىلىۋالسىڭىز باشقىلارنىڭ سىزنىڭ بۇ كارتىڭىزنى ئىشلىتىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز  ﻫەمدە ۋاقتىدا 95588 غا تىلىفۇن قىلىپ ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ .
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ...



ئەگەر سىز توردا كارتىڭىزدا نەچچە پۇل بارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىسقا كىرىپ تىزىملىتىپ (查询余额) دىگەن كۆزنەكنى چەكسىڭىز بولىدۇ .
https://mybank.icbc.com.cn/icbc/perbank/index.jsp
ئەگەر سىز توردا دوستىڭىزنىڭ ﻫىساباتىغا پۇل يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بانكىغا بىرىپ يۈرۈشنىڭ ﻫاجىتى يوق پەقەت تۆۋەندىكى ئادىرىسقا كىرىپ تىزىملىتىپ 注 册 账 户 转 账دىگەن كۆزنەكنى چىكىپ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇپ بىجىرگەندىن كىيىن قارشى تەرەپنىڭ كارتا نۇمۇرى ﻫەمدە ئىسىم فامىلە قاتارلىق مەزمۇنلارنى چوقۇم ياخشى تولدۇرۇشىڭىز كىرەك ...  
https://mybank.icbc.com.cn/icbc/perbank/index.jsp


ئەمدى بىز سۆزلىمەكچى بولغان 淘宝 تورىدىن مال سىتىۋىلىشغا كەلسەك :
ئالدى بىلەن سىز www.taobao.com تورىدىن ئۆزىڭىزگە بىر نۇمۇر تەلەپ قىلىسىز تۆۋەندىكى ئادىرىس بويىنچە :
http://member1.taobao.com/member/register.jhtml?_lang=default
مەخپى نۇمۇر ، كىملىك نۇمۇر ئىسىم فامىلە، ئادىرىس ، مۇقىم تىلىفۇن ، يانىفۇن نۇمۇرى ، پوچتا نۇمۇر ، QQ نۇمۇر قاتارلىق بارلىق نۇقتىلارنى چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن تولدۇرىشىڭىز ﻫەمدە شۇ ماتىرياللارنى ئىسىڭىزدە چوقۇم ساقلاڭ ئەگەر ساقلىيالمىگىدەك تۇرسىڭىز خاتىرە قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ ، سىز مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى توغرا تولدۇرغاندىن كىيىن سىزگە ئوڭۇشلۇق بولدى دىگەن كۆزنەك چىقىدۇ شۇنىڭ بىلەن سىز 阿 里 旺 旺دىگەن ﻫۆججەتنى توردىن تۆۋەندىكى ئادىرىس بويىنچە چۈشۈرۈسىز ، 阿 里 旺 旺 دىگىنىمىز 淘宝 تورىدا مال ساتقۇچى بىلەن مال ئالغۇچىنى ئالاقە قىلدۇرىدىغان QQ غا ئوخشاش بىر خىل پاراڭلاشقۇچ ...
阿 里 旺 旺 چۈشۈرۈش ئادىرىس :
http://download.taobaocdn.com/wangwang/AliWW(5.70.05)_tb.exe?t=1212572969&n=AliWW(5.70.05)_tb.exe
سىز بۇ دىتالنى چۈشۈرگەندىن كىيىن بايا تەلەپ قىلغان نۇمۇرنى تىزىملىتىپ كىرىسىز ، ئەلۋەتتە تىزىملاتقاندىن كىيىن سىز چوقۇم بىر EMAIL ئادىرسىڭىز ئارقىلىق ئاشۇ نۇمۇرنى مۇقىملايسىز ، ئەگەر مۇقىملىمىسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ ... بىر نۇمۇرغا پەقەت بىر EMAIL ئادىرسىلام ئىناۋەتلىك بولىدۇ ..
EMAIL ئادىرسىنى مۇقىملاپ بولغاندىن كىيىن سىز ئەمدى ئاشۇ 淘宝 نۇمۇرىڭىزغا بىر تور بانكا كارتىسىنى مۇقىملايسىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز 支付宝 تەلەپ قىلىسىز ، 支付宝 دىگىنىمىز سىزنىڭ توردىن مال سىتىۋىلىشىڭىزغا پۇل تۆلەيدىغان لاﻫىيە ... سىز 淘宝 تورىدىن پايدىلىنىپ مال تاللاپ ئالغۇچى ساتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىسىز ، 支付宝 ئارقىلىق ئاشۇ مال ساتقۇچىلارغا پۇلىڭىزنى بىرەلەيسىز مال ئالغۇچىلاردىن مىلىڭىزنى سىتىپ پۇل ئالالايسىز دىگەنلىك ....  ئوتتۇرىدا تەمىنلەيدىغان قول دىسەكمۇ بولىدۇ ....
https://www.alipay.com/user/user_register.htm
يۇقىرىقى ئادىرىسقا كىرىپ 支付宝 نۇمۇر تەلەپ قىلىسىز ، 账户名: دىگەن يىرىگە سىز 淘宝 نۇمۇرىڭىزنى مۇقىملىغان EMAIL ئادىرسىڭىزنى يازىسىز ، 登录密码: دىگەن يىرىگە تىزىملىتىش مەخپى نۇمۇرىنى يازىسىز، 支付密码: دىگەن يىرىگە مال سىتىۋىلىش مەخپى نۇمۇرىنى يازىسىز ، قالغان مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىمۇ ناﻫايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تولدۇرۇڭ ، كىملىك نۇمۇرى شۇنداقلا ئىسىم فامىلە دىگەندەك يەرلەرگىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ماتىريالىنى توشتۇرۇڭ ....
يۇقارىقى مەزمۇنلار توردىن مال سىتىۋىلىش شۇنداقلا مال سىتىش ئۈچۈن ناﻫايىتى مۇﻫىم بولغان مەزمۇنلار شۇڭا تۇنجى قىتىم قىلغان دوسلار ئالدىرماي ﻫەمدە تەمتىرمەي قىلىڭ ...... شۇنداقلا ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ .....
سىز 支付宝 نۇمۇر تەلەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەمدى توردا مال سىتىۋىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدىڭىز ،
ئەمدى بىز 淘宝 تورىدىن مال سىتىۋىلىشنى باشلايلى :
ئالدى بىلەن بايا سۆزلەپ ئۆتكەن 阿 里 旺 旺 ﻫۆججىىتى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ نۇمۇرىنى تىزىملىتىپ ،  
http://www.taobao.com/
ئاندىن يۇقىرىقى ئادىرىس  淘宝 تورىغا كىرىپ 搜 素 宝 贝 دىگەن يەرگە ئۆزىڭىز ئالماقچى بولغان مالنىڭ خەنزۇچە نامىنى يازىسىز ، مەسىلەن سىز QQ会员 ئالماقچى بولۇڭ ئاشۇ يەرگە QQ会员 دەپ بىسىپ 搜 素 نى بىسىپ ئىزدىسىڭىز  نۇرغۇن نەتىجىلەر كۆرىنىدۇ ، ئەنە ئاشۇلار ﻫەممىسى  淘宝 دا QQ会员 ساتىدىغانلار  سىز تاللاپ مۇۋاپىق كۆرگەن مالنىڭ ساتقۇچىسى بىلەن مۇنۇ كۆزنەكنى بىسىش ئارقىلىق ئالاقىلشىسىز  和 我 联 系 ئەلۋەتتە بۇ بىر QQ سىدا يوق بىر دوس ئارقىلىق QQ دا پاراڭلاشقانداك بىر ئەﻫۋال ، ئەلۋەتتە سىز 阿 里 旺 旺 نى قوزغاتقاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايسىز دىگەنلىك ..
سىز 和 我 联 系 دىگەن كۆزنەكنى باسسىڭىز بىر پاراڭلىشىش كۆزنىكى ﻫاسىل بولىدۇ خۇددى QQ دا پاراڭلاشقاندەك سىز خەنزۇچە قارشى تەرەپ بىلەن  مال ئىلىش توغۇرلۇق پاراڭلىشىسىز  ئەگەر مال بولسا قارشى تەرەپنىڭ مىلىنى بىۋاستە پاراڭلىشىۋاتقان كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 立 刻 购 买 دىگەن قىزىل رەڭلىك خەتنى بىسىپ ئىچىلغان تور بەتنى تولدۇرىسىز  مەسىلەن :
ئادەتتە 确 认 购 买 数 量 دىگەن خەتنىڭ تۆۋىنىنى تولدۇرىسىز ، 购 买 数 量 بۇ يەرگە سىز ئاشۇ مالدىن نەچچىنى ئالىسىز شۇ ساننى يازىسىز ، 检 验 代 码 بۇ يەرگە ئوڭ تەرەپتە چىقىپ تۇرغان مەزمۇننى تولدۇرىسىز .
确认您的充值信息 دىكى QQ号码: ئورۇنغا  ئۆزىڭىزنىڭ QQ نۇمرىنى يازىسىز ، باشقا يەرلەرنى تولدۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ  تولۇق تولدۇرغاندىن كىيىن 确认无误,购买 دىگەن كونۇپكىنى بىسىپ ئىچىلغان كۆزنەككە كىرىپ سىز تور بانكىنى تاللايسىز مەسىلەن : سىزنىڭ كارتىڭىز قايسى بانكىنىڭ شۇ بانكىنى تاللايسىز دىگەنلىك ....
تاللاپ بولغاندىن كىيىن بانكىغا بىرىپ كارتا نۇمۇرىنى ۋە مەخپى نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ ئاندىن ﻫىلىقى كوردىنات سىستىمىسىدىكى سانلارنى بىسىپ دىگەندەك پۇل تۆلەيسىز ... ئەگەر سىز توردا كۆپ قىتىمدا مال ئالسىڭىز مەن يۇقىرىقى سۆزلىگەندەك قىلسىڭىز بەك ئاۋارىچىلىق شۇڭا سىز تور بانكا كارتىڭىزدىكى مەلۇم مىقتاردىكى پۇلنى 支付宝 نۇمۇرىڭىزغا يۆتكەپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ...
كارتىدىكى نەق پۇلنى 支付宝 غا يۆتكەش ئۇسۇلى :
http://www.taobao.com/  
يۇقارىقى تور بەتكە كىرىپ 我的淘宝 دىگەن كۆزنەكنى چىكىپ چىققان تور بەتتىن سول تەرەپ پەسىرەك ئورۇندىكى 支付宝专区 دىگەننىڭ 账户充值 دىگەن كۆزنەككە كىرىپ بانكا تۈرىنى تاللاپ 充值金额 دىگەن يەرگە 支付宝 غا يۆتكەيدىغان پۇل سانىنى يازىسىز ئاندىن 下一步 قىلىپ مال سىتىۋالغانغا ئوخشاشلا كارتا نۇمۇرى ۋە مەخپى نۇمۇر يەنە <تور بانكا بۇيرۇق كارتىسى>(电子银行口令卡)  كوردىنات سىستىمىسىدىكى سانلارنى تولدۇرۇپ قىلىسىزى ئاندىن ئوڭۇشلۇق بولىدۇ .. يۆتكىگەن پۇل 支付宝 دا ساقلىنىپ قالىدۇ كارتىڭىزدىن شۇنچىلىك پۇل يوقايدۇ دىگەن گەپ ......

سىز يۇقارقىدا مالنى ئىلىش ئۈچۈن تالون كەستۈردىڭىز لىكىن پۇلنى تىخى ﻫەقىقى ﻫالدا تۆلىمىدىڭىز سىزنىڭ تۆلىگەن پۇلىڭىز تىخى 淘宝سىستىمىسىدا ساقلىنىپ قالىدۇ ، تىخى قارشى تەرەپ مال ساتقۇچى تەرەپنىڭ ﻫىساباتىغا كىرىپ كەتمەيدۇ دىگەنلىك ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ بىلەن 阿 里 旺 旺 ﻫۆججىىتى ئارقىلىق ئالاقىلىشىسىپ تالون كەستۈرۈپ بولدۇم دەپ خەنزۇچە :我 拍 好 了 دىسىڭىز قارشى تەرەپ سىزگە مالنى تاپشۇرىدۇ ، ئەلۋەتتە مالنى سىز تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئاندىن سىز قارشى تەرەپنىڭ مىلىغا مەن مالنى تاپشۇرۇپ ئالدىم دىگەن كۆزنەكنى بىسىپ قارشى تەرەپكە پۇل تۆلىسىڭىز بولىدۇ ..
مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە ﻫەقىقى ﻫالدا پۇل تاپشۇرۇش تەرتىپى :
http://www.taobao.com/
يۇقارىقى تور بەتكە كىرىپ 我的淘宝 دىگەن كۆزنەكنى چىكىپ چىققان تور بەتتىن نۇمۇرىڭىزنى تىزىملىتىپ كىرىپ ئاندىن 支付宝专区 دىگەن يەردە 您有 1个交易,卖家已经发货,等待您确认收货 دىگەن كۆزنەك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ، سىز        等 待 您 确 认 收 货 دىگەب كۆزنەككە كىرىپ 交易管理 دىگەن ئۇرۇندىكى 确认收货 دىگەن كۆزنەككە كىرىپ 支付宝 پۇل تۆلەش مەخپى نۇمۇرىنى باسسىڭىز  淘宝 سىستىمىسىدا ساقلىنىپ تۇرغان پۇل ﻫەقىقى تۈردە قارشى تەرەپنىڭ ﻫىساباتىغا كىرىپ كىتىدۇ ، ﻫەمدە سىزنىڭ ﻫىساباتىڭىزدىن يوقايدۇ ، شۇنداق قىلىپ بۇ قىتىملىق سودىلىشىش مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇپ چىقتى .. ئەلۋەتتە مۇنۇ قىتىملىق سودىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغان ئىكەن سىز قارشى تەرەپكنى باﻫالايسىز ، 给对方评价 ئارقىلىق قارشى تەرەپكە مال سىتىش دەرىجىسىگە 1 نۇمۇر قوشسىز ، قارشى تەرەپمۇ سىزگە مال سىتىۋىلىشىڭىزنى باﻫالاپ سىزگىمۇ مال سىتىۋىلىش دەرىجىڭىزگە 1 نۇمۇر قوشۇپ بىرىدۇ ....
ئەگەر مەلۇم سەۋەپلىك تۈپەيلىدىن توردا قارشى تەرەپ سىزنى ئالداپ سىزنى پۇل تۆلەتكۈزۈپ قويۇپ ئۆزى سىزگە مال بەرمەي قالسا سىز ئالدى بىلەن قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ ئۆزىڭىزنىڭ 退款 قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئىيتىپ كۆرۈڭ ، ئەگەر قارشى تەرەپ 退款 قىلىشقا ئۇنىماي قەستەن سىزنى قويىماقچى بولسا سىز مالغا تالون كەستۈرگەندىن كىيىنكى 24 سائەت ئىچىدە مالنى 退款 قىلالمايسىز ، بۇنداق چاغدا سىز تەمتىرمەي 24 سائەت ئۆتۈشىنى ساقلايسىز ئەلۋەتتە 淘宝 توردا مال ئالسىڭىز تۆۋەندىكى تۈرلەردەك پۇلىڭىز قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتمەيدۇ :
1.ئاپتوماتىك مال تارقىتىش رايونى :بۇ رايوندا سىز قارشى تەرەپنىڭ مىلىغا تالون كەستۈرسىڭىزلام 淘宝 سىستىمىسى مالنى سىزگە ئاپتوماتىك ﻫالدا تارقىتىدۇ .... بۇنىڭ ۋاقتى 24 سائەت 1 كۈن ، بۇنىڭدا سىز 100% ئىشەنچىلىك ﻫالدا مالغا ئىرىشەلەيسىز .
2. 淘宝 تورى ئىچىدىلام سودا قىلىش رايونى: بۇ تۈردە سىز مالغا تالون كەستۈرگەندىن كىيىن ئەڭ تۆۋەن ۋاقىت 3 كۈن يەنى 72 سائەتگىچە ئەگەر سىز مالنى تاپشۇرۇپ ئالدىم دەپ ﻫەقىقى تۈردە پۇل تۆلىمىسىڭىز سىزنىڭ پۇلىڭىز قارشى تەرەپنىڭ ﻫىساباتىغا ئۆتۈپ كەتمەيدۇ . ئەگەر سودا قىلىش ۋاقتىنى  3 كۈندىن ئاشۇرۇشقا توغرا كەلسە سىز قارشى تەرەپ بىلەن مەسلىﻬەتلىشىپ سودا قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارىتسىڭىز بولىدۇ ...  
3.EMS تىز يوللامىدا توشۇش رايونى : بۇنىڭ ۋاقتى 10 كۈن بولۇپ ئادەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ﻫەر قايسى شەﻫەرلەرگە 7 كۈن ئىچىدە توشۇلۇپ بولىدۇ . بۇنىڭدىمۇ ئوخشاش 10 كۈن ئىچىدە سىز مالغا ﻫەقىقى تۈردە پۇل تۆلىمىسىڭىز پۇل يەنىلام 淘宝 سىستىمىسىدا ...
4. ئاستا يوللانمىدا توشۇش رايونى :ۋاقتى 30 كۈن ..
شۇڭا سىز ئالدامچىلارغا ئۇچىرسىڭىز قورقۇپ كەتمەڭ ، چۈنكى سىز مالنى تاپشۇرۇپ ئالدىم دەپ ﻫەقىقى تۈردە پۇلنى قارشى تەرەپكە تۆلىمىسىڭىزلام پۇل يەنىلام سىزنىڭ ئىلىكىڭىزدە .... ئەگەر قارشى تەرەپ  退款 قىلىشقا ئۇنىمىسا سىز 24 سائەت ساقلاڭ 24سائەتتىن كىيىن 淘宝 سىستىمىسى ئاپتوماتىك ﻫالدا سىزنىڭ 退款 قىلىشىڭىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىدۇ ، سىز شۇ چاغدا  退款 قىلسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىشىنى كۈتىدۇ ، ئەگەر قارشى تەرەپ يەنە  退款 قىلىشقا ئۇنىماي تۇرىۋالسا سىز ئەنسىرىمەي ساقلاڭ قارشى تەرەپ ئىككىڭلارنىڭ سودا ﻫالىتى 等 待 卖 家 同 意 退 款 协 议 بولسىلام  淘宝 سىستىمىسى 15 كۈن ئىچىدە سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ﻫىساباتىغا  قايتۇرۇپ بىرىدۇ ...ئەگەر قارشى تەرەپ سىزگە مال بەردىم دەپ چىڭ تۇرىۋىلىپ  退款 قىلىشنى رەت قىلسا مۇنداق ۋاقىتتا سىز تەمتىرىمەي يەنە قارشى تەرەپكە 退款 قىلىسىز ، ئەگەر قارشى تەرەپ ئىزچىل سىزنىڭ 退款 ڭىزنى رەت قىلىۋەرسە ئۇنداقتا سىز قارشى تەرەپ سىزگە مال بەرمىگەنلىك توغۇرلۇق ئىسپات تىپىپ كىلىپ قارشى تەرەپنى ئەرىز قىلسىڭىز  淘宝 سىستىمىسى ئىسپاتىڭىز كۈچگە ئىگە بولسا سىزگە شۇ كۈنىلام پۇلىڭىزنى ﻫىساباتىڭىزغا قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بىرىدۇ دىگەنلىك ...
ئەگەر سىز توردا ﻫەقىقى تۇرمۇشتا مەۋجۇت نەرسىنى سىتىۋالماقچى بولسىڭىز مەسىلەن : تىلىفۇن ، MP3,MP4 ، ئۇندىن باشقا بارلىق نەرسىلەرنىڭ ﻫەممىسى دىگۈدەك 淘宝 تورىدا بار دوسلار شۇڭا تۇرمۇشتا بىر قەدەر قىممەترەك بولغان نەرسىلەرنى توردا سىتىۋالسىڭىز ئەزەنراق توختايدۇ ، مۇشۇنداق نەرسىلەرنى سىتىۋالسىڭىزمۇ ئالدى بىلەن تالون كەستۈرۈپ بولغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكا سىزنىڭ ئادىرسىڭىزنى ئىيتىپ بەرسىڭىز قارشى تەرەپ سىزگە مالنى ئىۋەتىپ بىرىدۇ ئەلۋەتتە پوچتا پۇلىنى سىز چىقىرىسىز ، ئادەتتە EMS ﻫەققى جوڭگۇنىڭ ئەڭ يىراق يىرىدىن يۇرتىىمىز شىنجاڭغا 30 يۈەن بىلەن كىلىدۇ ، ئادەتتە 深圳 دىن يۇرتىمىزغا تىلىفۇن ، MP3,MP4  تۈرىدىكى نەرسىلەر پوچتا ﻫەققى 25 يۈەن بولۇپ كىلىدۇ ..  سىز مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن سىز مالنىڭ سۈپىتىگە قاراپ ياخشى بولسا ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ مىلىغا ﻫەقىقى تۈردە پۇل تۆلىسىڭىز بولىدۇ دىگەنلىك ، ئەگەر مالدىن چاتاق چىقىپ قالسا سىز قارشى تەرەپكە مالدىن چاتاق چىققانلىقىنى ئىيىتسىڭىز قارشى تەرەپ ئۆزىگە مالنى ئەۋەتىپ بىرىشىڭىزنى ئىيتىدۇ ، سىز ئىۋەتىپ بەرسىڭىز سىزگە پىچىتىنى ئالماشتۇرۇپ بىرىشى مۇمكىن ، دىققەت قىلىڭ : قارشى تەرەپكە مال ئىۋەتىپ بىرىش توغرا كەلسە ئەلۋەتتە پوچتا پۇلىنى سىز چىقىرىسىز ، شۇڭا سىز قارشى تەرەپكە ئەﻫۋالنى ئىيتىپ ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ پوچتا پۇلنى تۆلەيدىغانلىقىڭىزغا بىر ئىسپات يارىتىپ بىرىشىنى ئۆتۈنىسىز مەسىلەن : قارشى تەرەپ سىزگە مەن قارشى تەرەپگە مەل تارقاتقان لىكىن مالنىڭ سۈپىتىدىن چاتاق چىقىپ قىلدى شۇڭا قارشى تەرەپ ماڭا مالنى ئۆزى يىنىدىن پۇل چىقىرىپ پوچتا ئارقىلىق مانچە پۇلغا ئىۋەتىپ بەرمەكچى دىگەندەك خەتلەرنى سىزگە يىزىشى كىرەك ﻫەمدە مۇشۇ خەتلەرنى سىز دەل ۋاقتىدا رەسىمگە تارتىۋىلىپ ساقلاپ قويىسىز ، مۇنداق قىلغاندا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز دىگەنلىك ،  يەنە بىر ئۇسۇل : سىز ئەگەر توردا دۇككان ئاچالىسىڭىز قارشى تەرەپكە ئاشۇ سىز پوچتا پۇلى قىلىپ تۆلىگەن پۇلىڭىز نەرىقىسىدە مال كەستۈرسىڭىز يەنە ئوخشاشلا بولىدۇ ؟ ئەڭ ياخشىسى 2- ئۇسۇلنى قوللىنىڭ .....
مۇشۇنداق قىلىپ بۇ قىتىملىق توردا مال سىتىۋىلىش دەرىسىمىز ئاياغلاشتى ....

قەدىرلىك ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم سىز ئۆزىڭىزنى ناﻫايىتى چوڭ ئادەم دەپمۇ چاغلىماي بەك ئەرزىمەس دەپچۇ ئويلىماي ، نورمال بىر ئادەم دەپ ئويلاپ قىلالمىغان ئىشلىرىڭىزنى كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ خەقتىن ئۇنى قانداق قىلىدۇ بۇنى قانداق قىلىدۇ ؟  دەپ سوراپ يۈرمەي  ئۆزىڭىزنى ئاشۇ خەق قىلالىغاننى مەن نىمە ئۈچۈن قىلالمايمەن ... مەنمۇ بىر شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىنسانغۇ ؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن قىلالايدۇ مەن نىمە ئۈچۈن قىلالمايمەن دىگەننى ئويلاپ ئۆزىڭىز بىر ئەمىلىيەتتە تىرىشىپ-تىرمىشىپ قىلىپ كۆرۈڭ ئەگەر پەقەت قىلالمىسىڭىز ئۇستازلارنى ئىزدەپ ئۈگۈنىڭ ئەگەر پەقەت قىلالمىسىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا مەلۇم بىر ئادەمدىن سورىسىڭىز سىزگە ئىنىق جاۋابىنى دەپ بىرەلمىسىمۇ سىزگە لايىقىدا بىر جاۋاپ بىرىدۇ ، لىكىن سىز مەلۇم بىر ئىشنى ئاڭلاپلام: ئاپلا مەن قىلالمايتىم دەپ ئويلاپ ئۆزىڭىز شۇنى قانداق قىلىدۇ ؟ شۇ توغۇرلۇق بىر تەجىرىبە ئىلىپ بارمايلام خەقلەدىن ماڭا ئۇنى قىلىپ بىرە ئاداش ماڭا بۇنى قىلىپ بىرە ئاداش  دىگەندەك سوئاللارنى سورىسىڭىز : مەن سىزگە شۇنداق دەپ ﻫۆكۈم چىقىرىمەنكى : سىز بىر يارىماس ئادەمكەنسىز ، سىز كەلگۈسىدە ﻫىچ قانداق بىر ئىشنى تەۋرىتىپ قىلالمايسىز ، مەڭگۈ خەقلەرگە ئۇنى قىلىپ بەر بۇنى قىلىپ بىر دەپ يالۋۇرۇپ ئۆتۈپ كىتىسىز  خالاس بۇنداق ياشىغاننىڭ نىمە پايدىسى .....
قەدىرلىك ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم : مەن قىلالىغاننى سىزمۇ قىلالايسىز ، ئىنسان قىلغاننى ئىنسان قىلالايدۇ ، پەقەت سىزدە ئىشەنچ ﻫەمدە ئىرادە بولۇش بىلەن بىرگە تىرىشسىڭىز بەلكىم دۇنيادا تىخى يىشىلمىگەن نۇرغۇن سىرلار سىزنىڭ قولىڭىزدا يىشىلىشى مۇمكىن دوستۇم،بىرلىكتە تىرىشايلى ....  ئۇيغۇر مىللىتى شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تىرىشايلى .
كەلگۈسىدە مۇشۇنداق بىر ئادەم بولۇش ئۈچۈن تىرىشش كىرەك ، مەن دەل مۇشۇ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ Hacker لىقنى ئۈگىنىۋاتىمەن ..... ئاللاﻫ بۇرىسا كەلگۈسىدە ئاشۇنىڭدا بار بىلىم مەندە بولۇپ قالسا ..... مەندە باشقا ئارمان يوق ئىدى ... ئۇلۇغ ئاللاﻫ شۇ كۈنلەرگە نىسىپ قىلار ....

Kevin mitnick نامى : دوزاخ خاككىرى


بىلەلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ QQ يەنىلام شۇ 100515126


__ئۇيغۇر چچ