guide
ئۈندىداردا سودا قىلىش قولايلىق ئەمما بىخەتەرلىك جەﻫەتتە يوچۇق كۆپ
يوللانغان ۋاقتى :
02-06
كۆرۈلۈشى:
1741 قىتىم

        باﻫار بايرىمى مەزگىلىدە مۇخبر ئۈندىداردا نۇرغۇن ئۈندىدار دۇككىنى تىجارەتچىلىرىنىڭ ئۈندىدار سالونىدىن پايدىلىنىىپ مەﻫسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرگەن، شەخىسلەر ئالبومىدىن ئبارەت بۇ كىچىك قورالدىن پايدىلىنىپ مەﻫسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرغان. مۇتەخەسىسلەر تەﻫلىل قىلىپ بۇ خىل ئۈندىدار سودىسى قولايلىق تېز، بىراق يەنە نۇرغۇن يوچۇقلار بار دېگەن .
      خېبىي شەﻫەر ئاﻫالىسى ۋاڭ سەننىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستلىرى ئۈندىدار سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ دۇكان ئاچقان، چۈنكى كۆپچىلىك ﻫەممىسى تونۇش بولغاچقا كۆرۈپ ياقتۇرغان نەرسىسىگە پۇل تاپشۇرغان، ئەتىسى نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ناﻫايىتى يېڭىچە تۇيغۇغا ئىگە بولغان، ئەمما بەزىلەر يەنە باشقا ئەﻫۋاللارغىمۇ يولۇققان، ئۇنىڭ بىر دوستى بىر تال كىيىم سېتىۋالغاندا ئۈندىداردا تونۇشتۇرغان بىلەن ئوخشاش چىقمىغان شۇنىڭ بىلەن ئۆزى خۇددى ئالدانغاندەك تۇيغۇدا بولغان.
     خىبىي ئۆلكىسى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى ۋاڭ فىڭ مۇنداق قارىغان ،ئۈندىدار نىمىلا دىگەن بىلەن بىر خىل پاراڭلىشىش قورالى پەقەت ئۆزئارا ئالماشتۇرىدىغان ﻫىسىيات ئىزﻫار قىلىشىدىغان سۇپا خالاس ،ئۇنى سېتىشنى تېزلىتىدىغان مەﻫسۇلات تەشۋىق قىلىدىغان ۋاستە قىلىۋېلىش تازا قاملاشمايدۇ. مۇبادا ئۈندىداردا تېخىمۇ كۆپ مەﻫسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلساق ۋە تەمىنلەش ئۇچۇرلىرىنى يوللىغاندا ئېنىقكى دوستلارنىڭ ئەپسۇسلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈندىدار مال سېتۋېلىش سۇپۇسىغا تايانغاندا باﻫالاش مىخانىزىمى يوق بولۇش، ئىشەنچىلىك كېپىل يوق بولۇش، ئۈچىنچى ئالماشتۇرۇش سۇپىسى يوق بولۇش قاتارلىق بىرقاتار يوچۇقلار سېتىۋالغۇچىلارغا پۇل تۆلەپ بولغاندىن كىيىن مال يوللاش كېچىكىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى كاپالەتكە ئىگە بولماسلىق قاتارلىق زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن ئىكەن . شۇڭلاشقا ئىستىمالچىلار چوقۇم كۆزىنى چوڭ ئېچىپ ئېﻬتىياتچان بولۇشى ،ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن .