guide
قاتتىق دىسكا ئاسراش بىلىملىرى
يوللانغان ۋاقتى :
12-13
كۆرۈلۈشى:
1878 قىتىم
1. CMOS دىن قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈلمىسە، قاتتىق دىسكىنى ئاۋازى يۇقىرى بولسا ئېلېكتر ماتورى، ماگنىت بېشى، دىسكا يۈزى، كونتروللاش توك يولى بۇزۇلغان. بۇ خىل كاشىلىنى ئاسان ﻫەل قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
2. نۆلىنچى ماگنىت يولى بۇزۇلغان بولسا DM ئارقىلىق نۆلىنچى ماگنىت يولىنى ئەسلىدىكى 1-ماگنىت يولىغا يۆتكەڭ. باشقا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، قاتتىق دىسكىنى قورال يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈڭ، ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ، فورماتلاڭ، تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاڭ.
3. قاتتىق دىسكىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
(1) سىلكىنىشتىن ساقلىنىڭ: قاتتىق دىسكا نازۇك ساقلاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، قاتتىق دىسكا ئىشلەتكەندە ماگنىت باش دىسكا يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ (دىسكا يۈزى بىلەن ماگنىت باش ئارىلىقى بىر نەچچە مىكرومېتىر كېلىدۇ). قاتتىق دىسكا ئىشلىمىگەندە ماگنىت باش دىسكا يۈزىگە تېگىپ تۇرىدۇ، قاتتىق دىسكا ئوقۇش-يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا سىلكىنىشكە ئۇچرىسا ماگنىت باش بىلەن دىسكا تېگىپ دىسكا بۇزۇلىدىغان، ئۇچۇر يوقاپ كېتىدىغان ئەﻫۋال شەكىللىنىدۇ، كومپيۇتېر ئۆچۈرۈۋېتىلگەن شارائىتىمۇ قاتتىق دىسكا سىلكىنمەسلىكى كېرەك.
(2) چاڭ-توزاندىن ساقلىنىڭ: چاڭ-توزان كۆپ، نەملىك مەۋجۇت شارائىتتا قاتتىق دىسكا نورمال ئىشلىمەيدىغان، قىسقا تۇتۇش ﻫاسىل بولۇپ، توك يولى بۇزۇلىدىغان ئەﻫۋال كۆرۈلىدۇ.
(3) قاتتىق دىسكا ئوقۇش-يېزىش مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا توكتىن ئۈزۈۋەتمەڭ. قاتتىق دىسكا ئوقۇش-يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا دىسكا يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان بولغاچقا، توساتتىن توك ئۈزۈلسە ماگنىت باش بىلەن دىسكا سۈركىلىش نەتىجىسىدە قاتتىق دىسكىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ.
(4) ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىڭ : كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلالايدۇ، شۇڭا يېڭى نەشردىكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق تازىلاپ تۇرۇڭ، كۆپ قېتىم فورماتلاشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى، كۆپ قېتىم فورماتلىغاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ.
(5) يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ساقلىنىڭ: مۇﻫىت شارائىتىدا نەملىك يۇقىرى بولسا ﻫاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ﻫەم ئارىلاپ - ئارىلاپ توكقا ئۇلاپ تۇرۇڭ، بۇنداق قىلغاندا كومپيۇتېردىن ﻫاسىل بولغان ئىسسىقلىق، نەملىكنى پارلاندۇرۇپ كومپيۇتېرنى قوغدايدۇ.
(6) كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىدىن ساقلىنىڭ: كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى قاتتىق دىسكىنىڭ دۈشمىنى، شۇڭا كۈچلۈك ماگنىت رادىئاتسىيىسىگە ئىگە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى قاتتىق دىسكىدىن يىراق بولۇشى كېرەك.
(7) بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق دىسكىنىن تازىلاڭ، رەتلەڭ