guide
ئۈزەكلىك قاتتىق دىسكا (固态硬盘) ﻫەققىدە چۈشەنچە
يوللانغان ۋاقتى :
12-05
كۆرۈلۈشى:
1520 قىتىم
ئېنىقلىما:
ئۈزەكلىك قاتتىق دىسكا(Solid State Drive) كونتىروللىغۇچ  ۋە ساقلىغۇچتىن تەركىپ تاپىدۇ.ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ساقلىغۇچ ئۈزەكلەرنى(FLASH芯片) تىزىپ رەتلەپ ياسالغان قاتتىق دىسكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈزەكلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزى، ئىقتىدارى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا بىلەن ئوخشاش.قىسقارتىپ  ssdدەپمۇ ئاتايمىز.
ئالاﻫىدىلىكى:ئۈزەكلىك قاتتىق دىسكىنى ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا بىلەن سېلىشتۇرساق تۆۋەندىكىدەك ئالاﻫىدىكلەرگە ئىگە.
قوزغىلىشى تېز

246cca2a43dee7d0023bf613副本.jpg
7aad4ae7af3afc65b838201c副本.jpg


718e25c746d52b97d0006011副本.jpg




c2bce20377a905c3d53f7c1d副本.jpg



0dd7912397dda144108df6f0b2b7d0a20df486e8.jpg

چۇنكى ئۇنىڭ ئىچىدە ئايلىنىدىغان تەخسىسى يوق بولغانلىقتىن قوزغىلىشى تىز.
ئۇنىڭ ئوقىيدىغان كۆزى بولمىغان سەۋەب ئوقىشنى كېچىكتۈرۈش ۋاقتى تىخىمۇ كىچىك . مەسىلەن ئوخشاش سەپلىمىدىكى ئىككى كومپيوتېر بولسا بىرىگە ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا يەنە بىرىگە ئۈزەكلىق قاتتىق دىسكا سالساق، ﻫەمدە تەكلا ياندۇرساق، ئۈزەكلىق قاتتىق دىسكا سالغىنى 18سىكونت ئىچىدە يېنىپ بولغان بولسا ، ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا سالغىنىغا ئادەتتە 30نەچچە سىكونت ۋاقىت كېتىدۇ.
ئادرىس ئىزدەش ۋاقتى بىلەن ساقلانغان ئۇچۇر ئورنىنىڭ مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا(خالىغان يەرنى بىمالال ئوقىيالايدۇ)، پارچە ﻫۆججەت(碎片) قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇقۇش يېزىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
سىلكىنىشكە چىدامچانلىقى يۇقىرى، توكنى تىجەيدۇ.
مەسىلەن مەن بىر تەكشى يۈزلۈك كومپيوتېر ئالغان. ئۇنىڭغا 16گېگابايىتلىق ssd سېلىنغان . قولۇمدىن نەچچە رەت چۈشۈپ كەتتى، ﻫىچقانداق بولمىدى . ئەگەر ئادەتتىكى قاتتىق دىسكا بولسا، ...:
مېنىڭ بىر ئاغىنەممۇ مۇشۇنىڭغا ئوخسايدىغان بىر كومپيوتېر ئالغان ئۇنىڭغا 80گېگابايىتلىق ئادەتتىكى 1.8 دىئوملۇق قاتتىق دىسكا سېلىنغان . ئۇنىڭ باتارىيەسى تولۇق توشقان سشارائىتتا توت يېرىم سائەت يېتىدۇ. مېنىڭ تولۇق توشقان شارائىتتا، ئالتا سائەت 40مىنوت يېتىدۇ.
شاۋقۇن يوق، بەك قىزىپ كەتمەيدۇ. خىزمەت تىمپۇراتورىسى تىخىمۇ كەڭ مەسىلەن:ئادەتتىكى ئۈزەكلىك قاتتىق دىسكىلار 10- سېلسىيەدىن 70 سېلسىيەگىچە تىمپۇراتورىدا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. سانائەت دەرىجىلىك ئۈزەكلىق قاتتىق دىسكا بولسا، 40- سېلسىيەدىن 85سېلسىيەگىچە تىمپۇراتورىدا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. ﻫەربىي سانائەت دەرىجىلىك ئۈزەكلىق قاتتىق دىسكىلار بولسا، 55-سېلسىيە گىرادۇستىن 135سېلسيىگىچە تىمپۇراتورىدا نورمال خىزمەت قىلىدۇ.
ئەمدى ﻫەممە ئىشنىڭ ياخشى تەرەپى بولغىنىدەك ئۈزۈكلىك قاتتىق دىسكىنىڭمۇ كەمچىلىكلىرى بار
تەننەرخى يۇقىرى ، سىغىمى كىچىك.سىرتىقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچراشدىگندەك مەسىلەن : ماگنىت مەيدانى ، زەرەت دىگەندەك.
يوقالغان ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر قەدەر تەسرەك. يەنە winsowsxpشارائىتىدا يالغان قېتىۋىلىش ئەﻫۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مىكروسوفت winsows7 شارائىتىدا بۇ خىل شارائىتنى ياخشىلىدى.
مېنىڭچە نۇرغۇن كومپيوتېر ﻫەۋەسكارلىرى كومپيوتېرىنىڭ ئاستىلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. قارىسا كومپيوتېر سەپلىمىسى ناﻫايىتى يۇقىرى . مەن بۇ خىل ئەﻫۋالدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم سېستىما دىسكىسىغا ssdدىسكا ئىشلىتىپ ، ئۇچۇر ساقلاشقا ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىنى ئىشلىتىپ كۆراپ بېقىڭلار .
يېزىقچىلىق ۋە سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇش سەۋەبلىك تىمامدا سەۋەنلىكلەر ئۆتكەن بولۇشى مۇنكىن . ئەيىپكە بويرۇماي ، ئورتاقلشارسىلەر .