guide
CMOS تا ۋاقىت بەلگىلەپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىش
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
951 قىتىم
[CMOS تا ۋاقىت بەلگىلەپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىش


سىز ئىشخانىڭىزغا كىرىپ بولغىچە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئېچىلىپ بولۇشىنى ئويلامسىز ، مىنىڭچە بۇنى ئويلايدىغانلار يالغۇز مەنلا ئەمەس ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئانچە تەسمۇ ئەمەس ، توردا ۋاقىت بەلگىلەپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىدىغان ، ئۆچۈرىدىغان كىچىك - كىچىك پروگراممىلار نۇرغۇن ، تېخى ئەسلى كودىمۇ ئېچىۋىتىلگەن ، لېكىن سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئاساسىي تاختىسىنىڭ شۇنداق ئىقتىدارى بارمۇ ؟ ئەگەر بار بولسا بۇنى ئاساسىي تاختىڭىزنىڭ  Bios ئىقتىدارى ئارقىلىق ﻫىچقانداق دىتالنىڭ ياردىمىسىزمۇ ﻫەل قىلالايسىز.

مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىچە :

كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ Del كونۇپكىسىنى بىسىپ CMOS قا كىرىڭ .
Power Management Setup  تۈرىگە كىرىپ قىسمىي تىزىملىكتىكى Resume by Alarm نىڭ قىممىتىنى Enabled قىلىپ تەڭشەڭ ﻫەمدە Date(of Month)Alarm غا كومپيۇتىرىڭىزنىڭ ئاپتوماتىك قوزغىلىش ۋاقتىنى توغرىلاڭ : بۇنىڭدا 0 ﻫەر كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ ،  1 ﻫەر ئاينىڭ 1 - كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ ،  2 ﻫەر ئاينىڭ 2 - كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ ، 3  . . . . . . . . توغرىلاپ بولغاندىن كىيىن ساقلاپ چىكىنىمىز .ئەمدى بىز توغرىلاپ قويغان ۋاقىتتا كومپيۇتېر ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ .
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي تاختىڭىز Resume by Alarm ئىقتىدارى بولۇشى كىرەك ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىڭىز كىرەك ﻫەمدە  CMOS قا  مەخپىي نومۇر ئورنىتىپ قويمىغان بولىشڭىز كىرەك .