guide
Windows Xp نىڭ كىرىش شىفىرىنى ئۇنۇتسىڭىز
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
937 قىتىم
Windows XP
نىڭ Administrator مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، كۆپىنچە ئەﻫۋالدا سېستىمىنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ. لىكىن مەن بۇ يەردە سىزگە بىرنەچچە خىل ﻫەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي، ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ۋىندوۋس شىپ نىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ﻫەل قىلىش ئۇسۇللىرى:
1- خىل ئۇسۇل: ئەگەر سىز ۋىندوۋس نىڭ ئۆزىڭىز قۇرۇۋالغان ئابونت مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، بۇنى ﻫەل قىلىش ئاسان. كۆپىنچە كىشىلەر مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۇنجى قاچىلىغاندىن كىيىن ئۆزى يېڭىدىن ئابونت قۇرۇپ، Administrator بىلەن كارى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەشغۇلات سېستىمىسىدا بىر يوچۇق ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەﻫۋالدا ئۆزىڭىز قۇرغان مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز بۇنى ﻫەل قىلىش ناﻫايىتى ئاسان. يەنى سىز Windows نىڭ Dos ﻫالىتىدە Net بۇيرۇقىنى ئىشلىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن بۇ سەل ئاۋارىچىلىك، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىشلىتىش شەكلىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى سىز كومپىيوتىرىڭىزنى نورمال قوزغۇتۇپ، ئابونىت نامى چىقىپ مەخپى نۇمۇر سېلىش ﻫالىتىگە كەلگەن چاغدا، Ctrl+Alt+Del ئۈچ كونۇپكىنى باسسىڭىز، ئۆزىڭىز ئەركىن ئابونىت نامى سېلىش ﻫالىتىگە كىرىدۇ، سىز ئابونىت نامىغا Administrator نى سېلىپ، Enter نى بېسىپ سېستىمىغا كىرەلەيسىز، ئەشۇ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئابونت نامىڭىزنى ئۆچۈرۈپلاۋەتسىڭىز ئىش تامام.
ئەمدى ئەڭ چاتاق بولغىنى مۇشۇ Administrator دىگەن ئەبلەخنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىش. ﻫې ﻫې ﻫې. كومپىيوتىردا پەقەت Administrator دىگەن ئابونتلا بولۇپ ئۇنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، سېستىمىنى قايتا قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق ئاۋارە بولماڭ. مەخپى نۇمۇرنى تېپىشتا بىر نەچچە يۇمشاق دىتالنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: PasswareKit5.0 نىڭ ئىچىدىكى Windows Key 5.0، لىكىن بۇنى ئىشلىتىپ بولغۇچە كاللىڭىز ئېلىشىپ كىتىدۇ، مەنمۇ دەسلەپتە ناﻫايىتى تەستە ئۈگەنگەن.

ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى تەققەززا قىلىپ دىمەكچى بولغىنىم ئەڭ ئاسان ئۇسۇل. يەنى سىز كومپىيوتىرىڭىزنى Dos قوزغىتىش دىسكىسى ئارقىلىق قوزغۇتۇڭ (ئەلۋەتتە دېسكىڭىز Fat بويىچە فورماتلانغان بولسا قانداق Dos قوزغۇتۇش دىسكىسى ئارقىلىق قوزغاتسىڭىز بولىۋىرىدۇ، ئەگەر NTFS بويىچە فورماتلانغان بولسا چوقۇم NTFS نى قوللايدىغان Dos قوزغۇتۇش دىسكىسى بولسۇن)، ئاندىن سىز مەشغۇلات سېستىمىسى غول مۇندەرجىسى ئاستىدىكى system32config نىڭ ئاستىدىكى sam دىگەن ﻫۆججەتنى (بۇ ﻫۆججەتنىڭ ﻫېچقانداق كېڭەيتىلگەن ﻫۆججەت نامى يوق) قورقماي ئۆچۈرىۋىتىڭ، ياكى بولمىسا مەخپى شىفىر سېلىنمىغان بىرەر كومپىيوتېردىن يۇقارقى ﻫۆججەتنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىڭﮌ ئاندىن كومپىيىوتىرنى قايتا قوزغاتسىڭىز، Administrator نىڭ مەخپى نۇمۇرىنىڭ يوقالغانلىقىنى ﻫىس قىلىسز، ئەمدى ﻫاردۇغىڭىز چىققاندۇ.
system32config نىڭ ئاستىدىكى sam ﻫۆججىتى دەل ۋىندوۋس شىپ نىڭ ئابونت سانلىق ئامبار ﻫۆججىتى، بۇنىڭدا سېستىما ئىشلەتكۈچى ئابونتلىرىنىڭ بارلىق مەخپى ئۇچۇرى ساقلانغان، سىز ئۇنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كىيىن، ۋىندوۋس شىپ قايتا قوزغۇلۇش جەريانىدا، ﻫېچقانداق مەخپى نۇمۇرى بولمىغان sam ﻫۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېستىما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەخپى نۇمۇرى يوقايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرنەچچە خىل ئۇسۇل بار، ئەڭ ئاددى، قولايلىق ئۇسۇل يۇقارقىلار.


مەنبە : خاككىرلار تورى .