guide
F1 دىن F12 غىچە كۇنۇپكىلارنىڭ رۇلىنى بىلىۋېل
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
999 قىتىم
                  F1 دىن F12 غىچە كۇنۇپكىلارنىڭ رۇلىنى بىلىۋېلىڭ

     F1: ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كىرەك بولسا ، F1نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ﻫېچقانداق پروگىراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ F1نى باسسىڭىز Windowsقا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم ﻫۆججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگىراممىدا بولۇپ Windowsقا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كېرەك بولسا WinKey+F1نى باسىمىز.     
F2: ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ﻫۆججەت تالىغانغان ﻫالەتتە ، F2نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ﻫۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
F3: مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3نى باسسىڭىز ، ﻫۆججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ ، ئوخشاشلا WindowsMedia Playerدا تۇرۇپ F3نى باسسىڭىز «ئىزدەش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ﻫۆججەتلەرنى قويۇش ئامبىرىغا قوشۇش» كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.
F4: بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IEدىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز Alt+F4نى باسسىڭىز بولىدۇ.
F5: بۇ كونۇپكا ئارقىلق IEدا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.
F6: تىز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IEنىڭ ئادرىس سىتونىغا يۆتكەپ بىرىدۇ.
F7: بۇ كونۇپكىنىڭ Windowsمەنبە باشقۇرغۇچىسدا ﻫېچقانداق رولى يوق ، لىكىن DOSكۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىلىرڭىزنى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
F8: كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا ، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. (يۇمشاق دىسكا ، ئوپتىك دىسكا ياكى قاتتىق دىسكىدىن قوزغۇلۇش قاتارلىقلارنى BIOSقا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ.)
F9: بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windowsمەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ﻫېچقانداق رولى يوق ، بىراق Windows Media Playerدا تىز سۈرئەتتە ناخشا ئاۋازنى پەسەيىتكىلى بولىدۇ.
F10: بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windowsكۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ﻫالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . Shift+F10نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكلىرى چىقىدۇ . Windows Media Playerدا ئاۋازنى يۇقۇرلىتىش رولى بار.
F11: مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IEكۆزنىكىنى پۈتۈن ئىكران ﻫالىتىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
F12: بۇ كونۇپكىنىڭ Windowsمەنبە باشقۇرغۇچىدا ﻫېچقانداق رولى يوق ، لىكىن Wordتا مەزكۇر ﻫۆججەتنى باشقا ئىسىمدا ساقلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ.

مەنبەسى : روﻫلان