كومپىيوتىرىڭىز تولا قېتىپ قالسا مۇنداق ﻫە
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1054 قىتىم
كومپىيوتىرىڭىز تولا قېتىپ قالسا مۇنداق ﻫەل قىلىڭ
كومپيۇتېرنىڭ قېتىپ قېلىش ﻫادىسىسى كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ﻫادىسە ، قېتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر كۆپ خىل بولۇپ ، سەۋەپنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ﻫەل قىلىش چارىسىمۇ ئوخشىمايدۇ ، .ئادەتتە مەسىلىلەرنى ئاۋال يۇمشاق دېتالدىن .ئاندىن قاتتىق دېتالدىن ئىزدەيمىز .
بۇ ماقالىمىزدا قېتىپ قېلىشنى قوزغىلىش جەريانىدىكى قېتىپ قېلىش ، مەشخۇلات قىلىش جەريانىدىكى ۋە تاقاش جەريانىدىكى قېتىپ قىلىش قاتارلىق باسقۇچلار بويىچە ئايرىپ - ئايرىم چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتىمىز .
كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش جەريانىدىكى قېتىپ قېلىش ﻫادىسىسىنى مۇلاﻫىزە قىلىشتا ئالدى بىلەن سېستىمىنىڭ قوزغىلىش تەرتىپىنى ئېنىق قىلىش كىرەك ، ئاندىن سەۋەپنىڭ يۇمشاق دېتال ياكى قاتتىق دېتال سەۋەبلىك بولغانلىقىنى ئانالىز قىلىش كىرەك .
ئاۋال بىز كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش تەرتىپىنى تونۇشتۇرۇپ چىقايلى . توك مەنبەسىنى ئۇلاش >>>كۆرسىتىش كارتىسىنى تەكشۈرۈش>>>ئىچكى ساقلىغۇچنى كۆرسىتىش>>>BIOS نى ئىجرا قىلىش >>> مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ دەسلىپىگە كەلتۈرۈش ﻫۆججىتىنى ئىجرا قىلىش . ئەمەلىيەتتە سېستىمىنىڭ قوزغىلىش جەريانى بۇنداق ئاددى ئەمەس ، ئاۋال rom (ئوقۇش تىپىدىكى ساقلىغۇچ 只读存储器) دىكى bootstrap laoder پروگراممىسى ۋە ئۆزى دىئاگنوز قويۇش پروگراممىسىنى ram غا يوللاپ بېرىدۇ . ئارقىدىنلا bootstrap laoder نى ئىجرا قىلىدۇ ، مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ سېستىما ﻫۆججىتىمۇ ram غا ساقلىنىدۇ ، ئۇلاپلا io.sys ۋە msdos.sys سېستىما ﻫۆججىتى ئىجرا قىلىنىدۇ ، مۇشۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېر ئىكرانىدا «statring windows » كۆرۈنىدۇ ، ئاخىرىدا io.sys ۋە msdos.sys نى دەسلەپكى ﻫالىتىگە قايتۇرۇپ ئاندىن تىزىملىك جەدىۋىلى ئۇچۇرلىرنى ئوقۇيدۇ ، مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە ﻫەر قانداق مەسىلە كۆرۈلمىسە سېستىمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك قوزغتىشقا بولىدۇ ، تۆۋەندە مۇشۇ جەرياندا كۆرۈلگەن قېتىۋېلىش ﻫادىسىلىرىنى چۈشەندۈرىمىز .
كومپيۇتېر ئاچقاندىن كىيىن ﻫىچقانداق ئىنكاس بولمىسا : ئەگەر توك مەنبەسى قوزغىتىلمىسا توك مەنبەسى سىملىرىنىڭ ياخشى ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىغا قارايمىز ، مەنبە سىمى ياخشى ئۇلانغان لىكىن ﻫىچقاندان ئۆزگىرىش بولمىسا بەلكىم توك مەنبەسىدە مەسىلە بولىشى مۇمكىن ، توك مەنبەسىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىش كىرەك .
كومپيۇتېر ئېچىلغاندىن كىيىن ئىكراندا ﻫىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىسا ﻫەمدە بىر ئۇزۇن ئىككى قىسقا سىگنال ئاۋازىدىن كىيىن قېتىۋالسا : ئاۋال ئىكران مەسىلىسىنى ﻫەل قىلىمىز ، چۈنكى گەرچە ئىكران مەسىلسى سېستىمىنىڭ قوزغىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ بۇ خىل ئەﻫۋال كۆپىنچە كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئورنىغا كىرگۈزۈلمەسلىكىدىن ياكى مىدىراپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بولىشىمۇ مۇمكىن ، بۇ چاغدا كورسىتىش كارتىسىنى چىڭىتىش ، قايتىدىن قاچىلاش ياكى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىش كېرەك .
ئېكراندا ۋاقىتلىق كۆرسىتىس ماسلاشتۇرغۇچ ئۇچۇرى كۆرۈلسە ﻫەمدە بىر ئۇزۇن بىر قىسقا ئاۋاز سىگنال ئاۋازىدىن كىيىن قېتىۋالسا : كۆرسىىتىش ماسلاشتۇرغۇچ ئۇچۇرى چىققانكەن كۆرسىتىش ماسلاشتۇرغۇچ ( كۆرسىتىش كارتىسى) دا مەسىلە يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ، بۇنداق ئەﻫۋالدىكى مەسىلە كۆپىنچە ئىچكى ساقلىغۇچتىن چىقىدۇ ، ﻫەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا ماشىنا قېپىنى ئېچىپ ئىچكى ساقلىغۇچنى چىڭىتىپ مۇقىملاشتۇرىمىز، ئەگەر يەنە بولمىسا ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىش كىرەك ، ئەلۋەتتە ئىچكى ساقلىغۇچ ئوقۇرىدا مەسىلە بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشىمىز كىرەك .
BIOS نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سەۋەبلىك قېتىۋىلىش : بۇ ئەﻫۋالدا BIOS تىپى ئوخشاش بولغان ئاساسى تاختىلىق كومپيۇتېرنىڭ BIOS پروگراممىسىنى ئايرىپ چىقىپ ، BIOS يېڭىلاش پروگراممىسى ئارقىلىق يېڭىلاپ چىقساقلا بولىدۇ ، ئالدىنقى شەرت ، BIOS پروگراممىسىنى نى يېڭىلىغىنى بولىدىغان بولىشى كىرەك .
CMOS بەلگىلىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەپلىك قېتىپ قېلىش : بۇ خىل كاشىلىمۇ كۆپ ئۇچىرايدۇ ، مەسلەن ، قاتتىق دېسكا پارامىتىرلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىنىڭ نامۇۋاپىق بولىشى سەۋەپلىك قوزغاتلىقى بولماسلىق ، ئىچكى ساقلىغۇچ پارامىتىرلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىنىڭ نامۇۋاپىق بولىشى ، ناۋادا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ecc بولمىسا ecc ئىقتىدارى بار قىلىپ بەلگىلەش سەۋەپلىك ئىچكى ساقلىغۇچ خاتالىقى كېلىپ چىقىپ قېتىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ، بۇ مەسىلىلەرگە قارتا پارامىتىر خاتالىقى تۈزىتىلسىلا مەسىلە ﻫەل بولىدۇ .
سېستىما ﻫۆججىتىنىڭ خاتا ﻫالدا چىقىرىپ تاشلىنىشى ياكى خاتالىق تۈپەيلىدىن سېستىما قوزغىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش سەۋەپلىك قېتىۋېلىش : windows نى قوزغىتىش command.com , io.sys , msdos.sys ۋە drvspace.bin قاتارلىق تۆت ﻫۆججەتكە ئىﻬتىياجلىق بولغانلىقتىن ، ئەگەر مۇشۇ ﻫۆججەتلەر چىقىرپ تاشلانسا ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرسا ، CMOS تىكى ﻫەر قايسى قاتتىق دېتال پارامىتىرلىرى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ ، يەنىلا سېستىما قوزغىلالمايدۇ . مەسىلىنى ﻫەل قىلىش ئۇسۇلى پەقەت يۇمشاق دېسكىدىن پايدىلىنىپ قوزغىتىشتىن ئىبارەت ، ئەلۋەتتە ئوخشاش نەشىردىكى سېستىما يۇمشاق دېسكىسىنى قوللىنىمىز ، ئاندىن كىيىن : sys C غا كىرسەكلا بولىدۇ .
ئەسلىگە كەلتۈرۈش ﻫۆججىتى (初始化文件) بۇزلغانلىقتىن سېستىمىنى قوزغىتالماسلىق سەۋەپلىك قېتىپ قېلىش : windows قوزغىلىشتىن بۇرۇن system.ini , win.ini ۋە تىزىملىتىش ﻫۆججىتىنى ئوقۇشى كىرەك ، ئەگەر confing.sys ۋە outoexec.bat ﻫۆججىتى بولسىمۇ ئوقۇيدۇ ، مۇشۇ ﻫۆججەتلار ئىچىدە خاتا ئۇچۇر بولسلا قېتىپ قېلىش ﻫادىسىسى كىلىپ چىقىدۇ . بولۇپمۇ system.ini , win.ini , user.ini ۋە system.bat قاتارلىق بۇ تۆت ﻫۆججەت ئىنتايىن مۇﻫىم ، ئازراقلا خاتالىق كۆرۈلسە سېستىما قوزغالمايدۇ ، شۇڭا ئادەتتە بۇ ﻫۆججەتلەرنى زاپاسلىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز .
ئىجرا بولۇش جەريانىدىكى قېتىۋىلىش بولسا بىز windows نى ئىشلىتىش جەريانىدا قېتىپ قېلىش جەريانىنى شۇنداقلا windows مەشخۇلات سېستىمىسىدا بىر قىسىم قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكەن چاغدىكى سەۋەپسىز قېتىۋىلىش ﻫادىسىلىرىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ خىل ئەﻫۋالنىڭ بەزىلىرى قوللىنىشچان پىروگرامما ۋە مەشخۇلات سېستىمىسىدا توقۇنۇش بولغانلىقتىن ، يەنە بەزىلىرى بولسا قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بولغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ . تۆۋەندە بۇ ﻫەقتە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشەنچە بېرىمىز .
بەزى قوللىنىشچان پروگراممىلىرىنى ئىشلەتكەندىكى قېتىۋىلىش ﻫادىسىسى : بۇ خىل كاشىلىنى سەۋەپ تۆۋەندىكىلەر بولىشى مۇمكىن ، بىرى بۇ پروگراممىلار ۋىرۇس تەرىپىدىن يۇقۇملانغان ياكى ئۆزىدە ئەسلىدىنلا مەسىلە مەۋجۇت ، ئۇندىن باشقا بۇ پروگراممىلار بىلەن مەشخۇلات سېستىمىسىدا توقۇنۇش كىلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن .
بايلىق مەنبەسى يىتىشمىگەنلىكتىن كىلىپ چىققان قېتىۋىلىش : ئىشلىتىش جەريانىدا بىر قېتىمدا ئىجرا بولىۋاتقان پروگراممىلار بەك كۆپ بولسا ، كۆپ مىقداردا سېستىما بايلىق مەنبەسىنى ئىگەللەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بايلىق مەنبەسى يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇڭا بىر قەدەر چوڭ يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكەندە نۆۋەتتىكى مەشخۇلات بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولغان پروگراممىلارنى قوزغاتماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز .
زاپاس بوشلۇقنىڭ بەك ئاز بولىشى ياكى پارچە رايۇنلارنىڭ (碎片) بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى سەۋەپلىك قېتىپ قېلىش ﻫادىسىسى : ئەگەر قاتتىق دېسكىنىڭ زاپاس بوشلۇقى بەك ئاز بولسا بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ئشلىتىش كۆپ مىقداردىكى ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقىغا ئىﻬتىياجلىق بولغانلىقتىن مەۋﻫۇم ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقى لازىم بولىدۇ ، مەۋﻫۇم ئىچكى ساقلىغۇچ قاتتىق دېسكا تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ . شۇڭا قاتتىق دېسكىدا يىتەرلىك بوشلۇقنىڭ بولىشى مەۋﻫۇم يۇمشاق دېسكىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدۇ ، قاتتىق دېسكىنى پات - پات رەتلەپ تۇرۇش ئارقىلىق بوشلۇق ئىسراپىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
بەزى ﻫۆججەتلەرنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىدىن كىلىپ چىققان قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭ قېتىۋىلىش ﻫادىسىسى : بەزى قوللىنىشچان پروگراممىلارغا قارتا ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرگەن ۋاقتىمىزدا كۆپىنچە ﻫالدا مەلۇم ﻫۆججەتكە قارتا ئۆچۈرۈش مەشخۇلاتى يۇرگۈزۈش يۇرگۈزمەسلىك ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر سىز بۇ ﻫۆججەت بىلەن باشقا پروگراممىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلمىسىڭىز ئەڭ ياخسىشى ئۇنى ئۆچۈرمەڭ ، بولمىسا سېستىما قوللىنىشچان ﻫۆججەتلىرىنىڭ ئۆچۈپ كېتىشى سەۋەپلىك قېتىپ قېلىش ﻫەتتا سېستىما بۇزۇلۇش ﻫادىسىسى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن .
پروگرامما ئىجرا بولغاندىن كىيىن مائۇس ياكى كونۇپكا تاختىسىدا ئىنكاس بولماسلىق : بۇ خىل ﻫادىسى ئىيتىلىۋاتقان پروگراممىنىڭ نۇرمال قوزغالمىغانلىقىنى ، سېستىما بايلىق مەنبەسىنى ئىگەللىۋىلىپ سېستىمىنىڭ نۇرمال مەشخۇلات قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا مەجبۇرى ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ پروگراممىنى تاقايمىز ، يەنى ctrl+alt+delete كونۇپكىسى ئارقىلىق ۋەزىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بۇيرۇقى بېرىمىز .
توك تىجەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشتىن كىلىپ چىققان قارا ئىكران ﻫادىسىسى : bios تىكى توك تىجەش ۋاقتىنىڭ ﻫەدىدىن زىيادە قىسقا بولۇپ قېلىشى ياكى ئىكران قوغداش پروگراممىسىنىڭ ۋاقتىنىڭ بەك قىسقا بولۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن .
قاتتىق دېتالنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق بولۇپ قېلىشى سەۋەپلىك قېتىپ قېلىش ﻫادىسىسى : سېستىمىنىڭ نۇرمال قوزغالغانلىقى يۇقىرى چاستوتىلىق ﻫالەتتە ئىشلىتىشنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ، ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئىجرا مۇﻫتىدا قېتىپ قالىدۇ ؟ سەۋەبى ، قاتتىق دېتاللار يۇقىرى چاستوتىلىق بولغاندا كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ ، ناۋادا بۇ ئىسسسقلىق ۋاقتىدا تارلىقىپ كېتەلمىسە ، قاتتىق دېتاللارنىڭ قىزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ سېستىما قېتىپ قېلىشى مۇمكىن ، بۇنىڭ ئۈچۈن ماشىنا قېپىنىڭ ﻫاۋا ئۆتۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ، ياكى سوۋۇتۇش ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلىتىش كىرەك .
قاتتىق دېتال جەﻫەتتە : كومپىيۇتېر قاتتىق دېتال سەپلىمىسى بەك تۆۋەن ، ئىچكى ساقلىغۇچ سۈرىتى ماسلاشماسلىق ، ﻫەر خىل قوزغىتىش پروگراممىلىرىنىڭ ماشلاشماسلىقى سەۋەپلىكمۇ سېستىما قېتىپ قېلىشى مۇمكىن .
سېستىمىنى تاقاش جەريانىدىكى قېتىۋىلىش windows تىن چىكىنىپ چىقىش ياكى dos ﻫالىتىگە ئۆتۈش جەريانىدىكى قېتىپ قېلىش ﻫادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ .
ئەگەر windows نى ئۈزۈل - كىسىل تاقىغىلى بولمىسا ، ماگىنىتلىق دېسكا رايۇنىدىكى سانلىق مەلۇماتلار قاتتىق دېسكىغا يېزىلىدۇ ، ئاندىن بىر ئۆلۈك ئايلىنىش (死循环) ﻫالىتىگە كىرىدۇ ، پەقەت كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش كىرەك ، بولمىسا سېستىمىنى تاقىغىلى بولمايدۇ ، بۇ سەۋەپنىڭ كىلىپ چىقىشى بەلكىم مەشخۇلات سېستىمىسى ياكى بەزى قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنىڭ مۇۋاپىق بەلگىلەنمىگەنلىكىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن ، ئادەتتە windows تىن چىكىنگەندە ياكى dos ﻫالىتىگە ئۆتكەندە نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان پروگرامما تاقىلىپ قالىدۇ ﻫەمدە مۇشۇ پروگراممىلار شۇ ۋاقىتتىكى ئەﻫۋالغا ئاساسلىنىپ بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى قايتۇرۇپ يېزىش مەشخۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ . لىكىن ئەگەر قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنىڭ بەلگىلىنىشى مۇۋاپىق بولمىسا ، ماس ئۈسكىنىنى تاپالمايدۇ ، شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئۈسكىنىنى ئىزدەش خىزمىتى تەكرار ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلۈك ئايلىنىش ﻫادىسىسى كىلىپ چىقىپ ، ساختا قېتىۋېلىش پەيدا بولىدۇ .
ئومومەن ئېيىتقاندا قېتىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر بەك كۆپ ، قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، بىزنىڭ قېتىۋېلىش مەسىلىسىنى ﻫەل قىلىدىغان ئادەتتىكى ئۇسۇلىمىز ئالدى بىلەن يۇمشاق دېتال مەسىلىلىرىنى ئويلىشىپ ئاندىن قاتتىق دېتالنى ئويلىشىمىز ، مۇﻫىم نۇقتىنى يۇمغاق دېتال تەرەپكە قويۇش ، كونكىرىت ئېيىتقاندا مەسىلىنى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ۋە قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنىڭ قاچىلىنىشى ، بەلگىلىنىشى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئىزدەيمىز . ئەڭ ئاخىرىدا قاتتىق دېتال مەسىلىلىرىنى ئويلىشىمىز ، ئادەتتە قاتتىق دېتال تەرەپتىكى مەسىلىلەرنى سېستىما بەلگىلىنىشىدىكى ئۈسكىنە باشقۇرۇش ياكى windows مەشخۇلات سېستىمىسى قوشۇمچە دېتالىدىكى (附件) سېستىما ئۇچۇرىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ .
1. بىر قاتتىق دىسكىغا قاچىلانغان مەشخۇلات سىستىمېسىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى، سىستىمېنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. CPU، كۆرسېتىش كارتېسى قاتارلىقلارنىڭ چاستوتېسىنى بەك يۇقۇرى قىلىۋەتمەسلىك، تىمپېراتۇرېسىغا دىققەت قىلىش كىرەك، بولمىسا، كومپىيۇتېر
قوزغالغاندا ياكى بىرەر پىروگراممېنى قوزغاتقاندا، ئۆزلېكىدىن قايتا قوزغېلىپ كېتىش ياكى قېتىپ قېلىش ﻫادىسېلىرى كۆرۈلىدۇ.
3. كومپىيۇتېر زاپچاسلېرىنى ئالماشتۇرغاندا چوقۇم چىڭ سېلىش كىرەك، بولمىسا، زاپچاسلار ياخشى تىگىشمەي، سىستىمېنىڭ قوزغىلالماي قېتىپ قىلىشىنى
كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. بىئوسنىڭ پارامېتېرلېرى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك. گەرچە بىئوس پارامېتېرلېرىنى ئەڭ ياخشى ﻫالەتتە تەڭشەش تەشەببۇس قىلىنسىمۇ، بەزىدە ئەڭ ياخشى
تەڭشەشنىڭمۇ ياخشى ئەمەس تەرەپلېرى بولىدۇ. بەزىدە ئەڭ ياخشى تەڭشەشمۇ سىستىمېنىڭ قوزغېلالماسلىقىنى ياكى قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئەڭ ياخشىسى بىسىم تۇراقلاشتۇرغۇچ ئىشلېتىش كىرەك. توك بىسىمىنىڭ نورمالسىزلىقىمۇ كومپىيۇتېرنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. شارائىت بولسا، UPS ئىشلېتىش، بۇنىڭدا توك كەتسىمۇ كومپىيۇتېر مەلۇم ۋاقىت نورمال خىزمەت قىلىپ، سىز ئۈچۈن كومپىيۇتېرنىڭ نورمال ئۆچۈرۈشكە
شارائىت ﻫازىرلاپ بېرىدۇ.
7. كىلىش مەنبەسى ۋە ئىشلېتىلگەن ئورۇنلېرى ئىنىق بولمىغان يۇمشاق ۋە ئوپتىك دىسكېنى، ئاسانلىقچە ئىشلەتمەسلىك. ئېلخەتلەرگە ۋە ئېلخەت
بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىلگەن ﻫۆججەتلەرگە قارىتا، جاڭمىن، رۇيشىڭ قاتارلىق ۋىرۇس تازىلاش قوراللېرىنى ئىشلېتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئاندىن
ئىشلېتىش كىرەك. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملېنىشمۇ سىستىمېنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. ئىشلەش ﻫالېتىدىكى يۇمشاق دىتاللارنى تولۇق ئەتمەي تۇرۇپ، توك مەنبەسىنى ئۈزمەسلىك، بولمسا، مۇﻫىم سىستىما ﻫۆججەتلېرى بۇزۇلۇپ ياكى يوقاپ
كېتىدۇ-دە سىستىمېنىڭ نورمال قوزغېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ، Windows98/ME/2000 ئىشلەتكۈچىلېرى بۇنىڭغا ئالاﻫىدە دىققەت قىلىشى
كىرەك، چۈنكى بۇ سىستىمېلارغا سىستىما ﻫۆججەتلېرىنى قوغداش ئىقتىدارى قوشۇلمىغان.
9. پىروگراممېلارنى قاچىلىغاندا، "ﻫۆججەتنى قاپلامسىز؟" دىگەن سۇئالغا ئالاﻫىدە دىققەت قىلىش كىرەك. ئەڭ ياخشىسى بۇرۇنقى ﻫۆججەتلەرنى
قاپلېۋەتمەسلىك كىرەك. چۈنكى سىستىمېغا نىسبەتەن، سىستىما ئۆزى كۆچۈرگەن ﻫۆججەتلەر ئەڭ ياخشى بولىدۇ. (ئۆزىڭىزنىڭ ﻫۆججەتلېرىڭىز بۇنىڭ
سىرتىدا.)
10. چۈشۈرۈش قورالى ئارقىلىق كومپىيۇتېردىكى بەزى يۇمشاق دىتالنى ئۆچۈرگەندە، ئەڭ ياخشىسى ئۆچۈرۈش قورالىنىڭ ئاپتوماتىك ئۆچۈرىشىگە قويۇش
كىرەك. بۇنداق بولغاندا، بەزى يۇمشاق دىتاللار ئورتاق ئىشلېتىدىغان بەزى DLL, OCX ﻫۆججەتلەرنى بىلمەي ئۆچۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانغېلى بولىدۇ.
ئورتاق ئىشلېتىدىغان ﻫۆججەتلەر ئۆچۈپ كەتسە، يۇمشاق دىتاللارنىڭ، جۈملېدىن سىستىمېنىڭ نورمال قوزغېلالماسلىقىنى ۋە قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
11. قاتتىق دىتاللارنى بەلگېلىگەن ۋاقىتتا، ئۈزۈلۈش نۇمۇرى( IRQ) قالدۇرۇلغان ياكى قالدۇرۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كىرەك. قاتتىق دىتاللارنىڭ ئۈزۈلۈش
نۇمۇرى قالدۇرۇپ قويۇشىغا يول قويماسلىق. بولمىسا ئۈزۈلۈش نۇمۇرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر قاتتىق دىتالنى قاچىلىغاندا يەنە بىرسىنىڭ
ئىشلىمەس بولۇپ قېلىشى، قاتتىق دىتاللارنىڭ توقۇنۇشى سەۋەبلىك سىستىمېنىڭ قېتىپ قىلىشى قاتارلىق ئەﻫۋاللار كۆرۈلىدۇ.
12. يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلىغاندا تەرتىپكە دىققەت قىلىش كىرەك. ئەگەر ئەڭ ئاۋۋال قاچىلىنىدىغان پىروگرامما ئەڭ ئاخىرىغا بېرىپ قالسا، سسىتىما
قوزغالغاندا قالايمىقانلېشىپ كېتىپ، نورمال قوزغىلالماسلىقنى ياكى قوزغالغاندىن كىيىن، قېتىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
13. چوڭ تىپتىكى پىروگراممېلارنى (يەنى: Office, Phtoshop) قوزغاتقاندا، قوزغېلىپ بولۇشتىن ئاۋۋال، بۇرۇن قوزغېتلىغان پىروگراممېلارنى
ئېتىۋېتىشكە ئالدىرىماسلىق كىرەك. بولمىسا، سىستىمېنىڭ قالايمىقانلېشىپ، قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
14. ئىچكى ساقلىغۇچ كىچىك بولغان ئەﻫۋالدا، ئىچكى ساقلىغۇچنى كۆپ ئىگەللەيدىغان پىروگراممېلارنى بىرلا ۋاقىتتا كۆپ قوزغاتماسلىق كىرەك. بولمىسا،
سىستىمېنىڭ ئاسانلا قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
15. مۇﻫىم ﻫۆججەرلەر ۋە سىستىما ﻫۆججەتلېرىگە "يوشۇرۇن"،"ئوقۇشقىلا بولىدىغان" خاسلىقىنى قوشۇپ قويۇش كىرەك. بۇندان بولغاندا بۇ ﻫۆججەتلەرنى
ئۆچۈپ ياكى قاپلېنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
16. قاتتىق دىسكېنىڭ ئاساسى رايۇنىدىكى خاتېرىلەرگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماسلىق كىرەك. بولمىسا، سىستىما ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
بولغاندا، خاتېرىلەرنى تاپالماي قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
17. يۇمشاق دىتاللارنىڭ سىناق نۇسقېسىنى ئازراق ئىشلېتىش كىرەك. چۈنكى سىناق نۇسقدىكى، سىستىمېغا قوشۇلىدىغان ﻫۆججەتلەر ئىشەنچىلىك ۋە مۇقىم
بولمايدۇ. بۇ سىستىمېنىڭ قوزغېلالماس بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
18. Windows95/98 ئامالنىڭ بېرىچە 16خانىلىق پىروگراممېلارنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك. بۇنداق بولغاندا، 16خانىلىق پىروگراممېلار بىلەن
سىستىمېدىكى 32خانىلىق پىروگراممېلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، سىستىمېنىڭ قوزغىلالماسلىقىنى ياكى قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
19. بىئوس نەشىرىنى يىڭىلىغاندا، بۇرۇنقى نەشىرى ۋە يىڭىلىماقچى بولغان نەشىرىنى تولۇق بىلىش كىرەك. بولمسا نەشىرى مۇۋاپىق يىڭىلانماي،
سىستىمېنىڭ قوزغېلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
20. ئوغۇرلانغان نەشىردىكى پىروگراممېلارنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىك كىرەك. چۈنكى بۇنداق پىروگراممېلاردا نۇرغۇن ۋىرۇسلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بۇ
ۋىرۇسلار تىزلىكتە سىستىمېغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، سىستىمېنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
21. كومپىيۇتېرنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندە ئاپپارات ساندۇقى ئىچىگە نۇرغۇن چاڭ-توزانلار كىرىۋالىدۇ. بۇ چاڭ-توزانلار زاپچاسلارنىڭ نورمال
تىگىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، كومپىيۇتېرنىڭ قېتىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
22. "دىسكا پارچېلىرىنى رەتلەش پىروگراممېسى"نى قوزغاتقاندا، باشقا پىروگراممېلارنى ئېتىۋېتىش كىرەك. بولمىسا، ئاسانلا سىستىمېنىڭ قالايمىقان
بولۇپ، قېتىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
23. ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دىتالىدا ۋىرۇسلارنى تەكشۈرگەندە، باشقا پىروگراممېلارنى قوزغاتماسلىق كىرەك. بۇمۇ سىستىمېنىڭ قېتىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
24. تورغا چىققان ۋاقىتتا، تور بەتلەرنى بەك كۆپ ئىچىۋەتمەسلىك، كۆزنەك سانىنى كونتىرول قىلىش كىرەك. بولمىسا سىستىما يىتەشەلمەي ئاسانلا قېتىپ
قالىدۇ.
25. كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرگەندە توك مەنبەسىنى بىۋاستە بېسىپ ئۆچۈرمەسلىك كىرەك. بولمىسا قايتا قوزغاتقاندا سىستىمېنىڭ قوزغىلالماي قىتىپ قىلىشىنى
كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كومپيۇتېرىڭىز بەزىدە قېتىۋېلىپ سىزنىڭ تور بەت كۈرۈش ياكى نورمال مەشغۇلات قىلىش سۈرئىتىڭىزنى بەك ئاستا قىلىۋېتىدۇ،پەقەت ياخشى ئىزدەنسىڭىزلا بۇنىڭ ئۆلچەملىك ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالايسىز
مەنبە: دوستذم