guide
كومپيۇتېرلاردا بىر خىل خەت نۇسقىسىدا بېسى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
857 قىتىم

ئادەتتە Word ئارقىلىق يازغان ماقالىلىرىمىزنى باشقا كومپيۇتېرلاردا بېسىشقا توغرا كەلگەندە، ماقالىمىزدا ئىشلىتىلگەن بەزىبىر خەت نۇسقىلىرى باشقا كومپيۇتېردا بولماسلىقى مۇمكىن. بولۇپمۇ بۇ خىل ئەﻫۋال Word دا ئۇيغۇرچە خەت باسقان چاغدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسقىسىدا يېزىلغان ﻫۆججەتنى باشقا شىركەتنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى قاچىلانغان كومپيۇتېرغا سېلىپ ﻫۆججەتنى ئاچساق خەت توغرا كۆرۈنمەيدۇ.
بۇ مەسىلىنى Word نىڭ خەت نۇسقىسىنى ﻫۆججەتكە سىڭدۈرۈش (嵌入) ئىقتىدارى ئارقىلىق ﻫەل قىلالايمىز. بۇنداق بولغاندا كومپيۇتېرىمىزدىكى خالىغان خەت نۇسقىسى ئارقىلىق يېزىلغان ﻫۆججەتنى قايسى كومپيۇتېرغا ئاپىرىپ ئاچساق ياكى پرىنتېردا باسساق توغرا كۆرۈنىۋېرىدۇ.
خەت نۇسقىسىنى سىڭدۈرۈش ئۇسۇلى:
خەت نۇسقىسىنى سىڭدۈرمەكچى بولغان ﻫۆججەتنى Word دا ئېچىپ قورال (工具) دىن تاللاش تۈرى (选项) نى باسقاندىن كېيىن كۆرۈنگەن كۆزنەك ئىچىدىن ساقلاش (保存) نى بېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خەت نۇسقىسىنى سىڭدۈرۈش (嵌入 True Type) نى تاللاپ جەزىملەشتۈرىمىز.
بۇ خىل ئۇسۇلدا خەت نۇسقىسىنىڭ ﻫەممىسىنى سىڭدۈرىدىغان بولۇپ، ﻫۆججەتنىڭ سىغىمى نىسبەتەن چوڭراق بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇرىدىكى تاللاش تۈرى ئاستىدىكى پەقەت ئىشلىتىلگەن ﻫەرپلەرنىلا سىڭدۈرۈش (只嵌入所用字体) نى تاللاپ قويساق، پەقەت ﻫۆججەت ئىچىدە ئىشلىتىلگەن ﻫەرپلەرنىلا سىڭدۈرگەچكە،  ﻫۆججەتنىڭ سىغىمى كىچىكرەك بولىدۇ.