كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېسىكىسدا نازارەت قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇشى مۇمكىن
- يوللانغان ۋاقتى :
 - 02-17
 - كۆرۈلۈشى:
 - 2168 قىتىم
 
- بۇ جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئاخبارات ئورگانلىرى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق قولغا چۈشۈرەلمىگەن سانلىق مەلۇمات ۋە تور ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرەلەيدىكەن . ئىشلەتكۈچىلەر بۇنى بىلمىگەن ئەﻫۋال ئاستىدا كومپيۇتېرىنى تورغا ئۇلىغان ﻫامان بۇ پروگرامما ئىجرا بولۇپ ، كومپيۇتېردىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە شۇنداقلا نۇر دېسكا ، بارماق دىسكا قاتارلىقلاردىكى ئۇچۇرلار ئوغۇرلىنىدىكەن . بۇ يۇمشاق دېتال ئادەتتىكى ساقلاش رايۇنىدا بولىغانلىقى ئۈچۈن ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇنى بايقىشى ۋە چىقىرىپ تاشلىشى بىرقەدەر قىيىن ئىكەن . 
 - Kaspersky Lab بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق كۆرسەتمىدى ، بىراق ئامېرىكا ﻫۆكۈمەت تەرەپتىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى . بۇ شىركەتنىڭ كۆرسىتىشىچە ، بۇ يۇمشاق دېتال پايدىلانغان يوچۇق ئامېرىكا ﻫەربىي تەرەپ ئۇچۇر جېڭىدە ئىشلەتكەن Stuxnet ۋىرۇسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، بەزى بۆلەكلىرىگە مۇشۇ ۋىرۇسىنىڭ كود رايۇنىنى بىۋاسىتە ئىشلەتكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، كۆپ قىسىم بۇ يۇمشاق دېتالىدىن يۇقۇملانغان رايۇنلار ئاساسلىقى ئامېرىكا ﻫۆكۈمىتى جاسۇسلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان رايۇنلاردا بايقالغان ، مەسىلەن ئىراق ، پاكىستان ، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر .
 
بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، Kaspersky Lab نىڭ تەجرىبىخانىسى ئامېرىكا ﻫۆكىمەت ئورگانلىرى ئاچقان ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ، نازارەت قىلىش يۇمشاق دېتالى شىيجىي ، Toshiba ، Western Digital قاتارلىق قاتتىق دېسكىلارنىڭ قوزغاتقۇچ پىروگىراممىلىرىغا يوشۇرۋىتىلگەنلىكىنى بايقىغان .

