Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى Android ئەپلىرىنى قوللامدۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-07
- كۆرۈلۈشى:
- 1775 قىتىم

2015-يىلنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، Windows 10 نىڭ ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى بارغانچە يېقىنلاشتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 1-ئاينىڭ 21-كۈنلىرى ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،Windows 10 نىڭ ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسىنى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، شۇ كۈنى مىكروسوفتWindows 10 نىڭ ئىستېمالچىلار چوڭ يىغىنىنى ئاچىدىكەن.
Windows 10 ئىستېمالچىلار چوڭ يىغىنىدا، مىكروسوفت 10 Windows نىڭ Android ئەپلىرىنى قوللايدىغانلىقىدەك ناﻫايىتى مۇﻫىم بىر ئۇچۇرنى ئاشكارىلايدىكەن. بىراق تېخىمۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.
ﻫەممىمىزگە مەلۇمكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى پەقەت تەقلىدلىگۈچ ئارقىلىقلا Android ئەپلىرىنى قوللىيالايدۇ. ئەگەر ئىگە تەرەپ تەقلىدلىگۈچ بىلەن تەمىنلىمىسە Windows 10 نىڭ Android نى قوللىشى ناﻫايىتى قىيىنغا توختايدۇ.
Android ئەپلىرىنى قوللايدىغىنى Windows 10 بولماستىن بەلكى Windows Phone 10 بولۇشى مۇمكىن.