guide
توي-تۆكۈن توغرىسىدا
يوللانغان ۋاقتى :
09-30
كۆرۈلۈشى:
1312 قىتىم
 بۈگۈن سىڭلىم زۇمرەتنىڭ ئۈن دىداردا يوللىغان خەلقىمىزنىڭ توي مۇراسىمى توغرىسىدىكى يازمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ،بىرئاز ئويلۇنۇپ قالدىم.ئېسىمدە قېلىشىچە،بۇ تېما  توغرىسىدىكى مۇنازىرە ۋە پىكىر-سۆﻫبەتلەر مەتبۇئات ۋە گېزىت-ژورناللاردا ئاز تىلغا ئېلىنمىدى.توي-تۆكۈنلەر(بۆشۈك توي،خەتمە توي،قىز-يىگىت تويى قاتارلىقلار)نىڭ ﻫەددىدىن زىيادە ﻫەشەمەتلىك ۋە ئىسراپچىلىق تۈسىنى ئېلىپ كېتىشى،ئۆزئارا بەسلىشىشلەر،ئۆز مىللىتىنىڭ مەدىنىيەت،ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،باشقا ئەللەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ﻫەددىدىن زىيادە چوقۇنۇشتەك ئىللەتلەر بىر قىسىم كىشىلەردە بەكمۇ ئەۋج ئالدى.بۇ خىل ئەﻫۋال بىزنى قاتتىق ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.شۇڭا،سىڭلىمنىڭ ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاددىي تىلىدا يازغان بۇ يازمىسىنى تور بەتتە ئېلان قىلىپ،كۆپچىلىكنىڭ بۇ توغرىسىدىكى قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى خوپ كۆردۈم.
   يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قىز-يىگىت تويلىرىمىزنىڭ مەسلىﻬەت چايلىرىدا باشقىچە يېڭىلىقلار يۈز بېرىشكە باشلىدى.بىلمىدىم،بۇ يېڭىلىقلار بىزنىڭ ئىدىيىمىزنى ئازات قىلغانلىقتىن بولىۋاتقانمىدۇ ياكى تېخىمۇ خۇنۈكلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكتىنمىدۇ،راستلا بىلەلمەي قالدىم.
   توغرا،مەسلىﻬەت چاي قىلىش كېرەك،تويدا سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دوست-بۇرادەرلەرگە ياخشى داستىخان سېلىپ،قىلىدىغان خىزمەتلىرىنى لايىغىدا بۆلۈپ بېرىپ،توينى ئاددى ۋە رەتلىك ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىدى.لېكىن ﻫازىرقى مەسلىﻬەت چايلارنىڭ كۆلىمى ۋە ﻫەشەمىتى بەكمۇ ئېشىپ كەتتى.ئايرىمخانىلار ياۋروپاچە بىزەلدى،تاماق شىرەلەرنىڭ ئۈستى چاي پىيالىسىمۇ پاتمىغۇدەك دەرىجىدە نازۇ-نىمەتلەر بىلەن لىق توشقۇزىۋېتىلدى،توي قىلماقچى بۇلغان قىز بولسا خۇددى ﻫوللىۋود ئايال چولپانلىرىدەك(يېرىم يالىڭاچ ﻫالەتتە) ياسىنىپ مەسلىﻬەت چاي ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.بۇنداق ﻫەشەمەتلىك كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۈچۈن ئاز پۇل خەجلەنمەيدۇ.ﻫازىرقى مودا كىيىم ۋە يىمەك-ئىچمەكلەر ئادەتتىكى ئاۋام خەلق ئىستىمال قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ئۇنچىۋالا ئەرزانمۇ ئەمەس.
   مەنمۇ يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى قۇرغان ئىدىم.ئۇ ۋاقىتتا، مەسلىﻬەت چېيىمنى ئاپامنىڭ تەييارلىغان بىر نەچچە خىل مىزىلىك  تاماقلىرى بىلەن ئۈيدە ئاددىغىنە قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئىدىم،لېكىن تولىمۇ مەنىلىك ۋە ئەﻫمىيەتلىك بولغان ئىدى.تويلىرىممۇ ئاق كۆڭۈل دوستلىرىم ۋە كۆيۈمچان ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ يار-يۆلەكتە بولۇشى،جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىشى نەتىجىسىدە،شول مۇبارەك قۇتلۇق كۈنىمىز تولۇمۇ ئاددى ئەمما تولۇمۇ ئېسىل ۋە شات-خۇراملىق ئىچىدە  ئۆتكەن ئىدى.
   مەن سىزنى مەسلىﻬەت چاينى ئۈيدە قىلىڭ دېگىنىم ئەمەس ئەلۋەتتە،مەيلى نەدە قىلسىڭىزمۇ،سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بۇلغان دوست-يارەنلىرىڭىزگە لايىغىدا داستىخان سېلىڭ،لىكىن چەكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن،چۈنكى ﻫەممە نەرسىنىڭ ئالمىقى ۋە بەرمىكى بولىدۇ.شۇنچىلىك نازۇ-نىمەتلەرنى دۆۋىلىۋەتكىنىڭىزگە،ﻫازىرقى قىزلېرىمىز سەمىرىپ كېتىشىدىن قورقۇپ ﻫىچنىمە يىمەيدۇ،ياكى ئانچە-مۇنچە يەپ قويىدۇ.شىرەگە تىزىۋالغان نەرسىلىرىڭىز شۇ پېتى ئېشىپ قالىدۇ ﻫەم تۆكۈلىدۇ.خەقنىڭ نېمە دەپ قېلىشىدىن قورقۇپ مەنمەنچىلىك،يوغانچىلىق قىلسىزيۇ،شۇ قىلمىشلىرىڭىزنىڭ قىساسى تۇتىشىدىن قورقۇپ كەتمەيسىز.
    ئەمدى سىزنىڭ غەربچە كىيىنىۋېلىشىڭىزغا كەلسەك،مېنىڭچە ﻫەر بىر ئەلنىڭ،ﻫەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كىيىم-كېچەك مەدىنىيىتى بولىدۇ.ئەلۋەتتە،بىزنىڭمۇ نەچچە مىڭ يىللىق كىيىم-كېچەك مەدىنىيىتىمىز بولغان.بەلكىم سىز بۇ كىيىملىرىمىزنى تولىمۇ كونا،مودىدىن قالغان دەپ قارىشىڭىز مۈمكىن.ئەمما سىز بىلمىسىڭىز كېرەك،يېقىندا،بىزنىڭ كىيىم-كېچەك مەدىنىيىتىمىز غەرب ئەللىرىدە قەدىرلىنىپ،مودا كىيىم كۆرىكىدە تونۇتىلىۋاتىدۇ.مېنىڭچە ئۆزىڭىزنىڭ مەدىنىيىتىدىن،ئېسىل ئەنئەنىسىدىن يىرگەنسىڭىز،مەن پەقەت ئەپسۇسلۇق ئىچىدە سىزگە ئىچىم ئاغرىپ خۇرسىنىپ قويىمەن خالاس.لېكىن سىزگە دەيدىغىنىم«ئادەم ﻫۆسنى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئەقلى بىلەن گۈزەل»كۆرىنىدۇ. 
   ﻫەددىدىن زىيادە ئىسراپچىلىق ۋە ﻫەشەمەتچىلىك ئەزەلدىن بىزگە تەئەللۇق بىر قىلىق ئەمەس ئىدى.ئەجداتلىرىمىز ناننى قەدىرلەپ كەلدى،ئىسلام ئەقىدىسىدىمۇ بۇ توغرۇلۇق دېيىلگەن تەربىيىلەر ئاز ئەمەس.بىز ﻫەممىنى بىلىپ قىلىۋاتىمىزمۇ ياكى يەنە شۇ خەقلەرنىڭ غەيۋەت قىلىشىدىن قورققانلىقتىن شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟مانا بۇلار بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىز ۋە قىممەت قارشىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىن يۈز بەرگەن قىلمىشلاردۇر.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى«ئىللەت تۈزەلمىگىچە،مىللەت تۈزەلمەيدۇ».
    قىز-يىگىتلەر! بۇ ئۆمۈرلۈك توي ئىشىڭىزدا،مەنمەنچىلىك ،يۇغانچىلىق قىلماڭ،بىر كۈندە ئۈتۈپ كىتىدىغان تويىڭىز ئۈچۈن،5-10يىللىق شۇ تويىڭىزنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشڭىزدىن ساقلىنىڭ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلىشنى ئەڭ مۇﻫىم ئورۇنغا قويۇڭ،شۇندىلا ئۆزىڭىزنىڭ بىردىنلا بۇ دۇنيادا شۇنچىلىك مەنىلىك ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى ﻫېس قىلىپ قالىسىز...
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى

http://bbs.misranim.com/thread-142897-1-1.html