guide
پۇت ۋە ئاياغ كىيىمدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
1534 قىتىم

 
1. كۈندە كەچتە ئاياغ ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاش تۇزى سېپىپ، ﻫاۋا ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇپ قويسا، سېسىق پۇراق يوقايدۇ. ئاياغ كىيىمنى كىيگەندە، ئىچىدىكى تۇزنى قېقىۋېتىپ كىيسىلا بولىدۇ. ﻫەر كۈنى كەچتە پۇتنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئازراق ئاش تۇزى سۈرۈۋالسىمۇ پۇتتىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ.
   2. قۇرۇتۇلغان چاي شامىسىنى لاتىغا يۆگەپ، ئاياغنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويسا، سېسىق پۇراق يوقايدۇ.
   3. 100 گىرام تۇرۇپنى توغراپ، 500 مىللىلىتىر سۇدا بەش مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، داسقا تۆكۈپ پۇت كۆيمىگىدەك بولغاندا، ئەتىگەن – كەچتە پۇتنى تاكى سۇ سوۋۇغىچە چىلىسا، بىر نەچچە كۈندە پۇت پۇراش ئاساسەن يوقايدۇ.
   4. بىر داس سۇغا ئون مىللىلىتىردىن 15 مىللىلىتىرغىچە ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ﻫەر كۈنى كەچتە پۇتنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلىسا، بىر نەچچە كۈندە ئۈنىمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
   5. كەچتە ئاياغ ئىچىگە قەغەز سېلىپ قويسىمۇ، سېسىق پۇراق يوقايدۇ.