كۈندە قەۋزىيەتتىن ساقلىنىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 1614 قىتىم

قەۋزىيەت ئادەمنى ئازابلايدىغان، بىراق ئېيىتقىلى بولمايدىغان سىر. كۈندە ﻫاۋا قۇرغاق بولغاچقا، قەۋزىيەت كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا قەۋزىيەتنى يەڭگىللىتىدىغان بىر نەچچە خىل ئوزۇقلۇقنى ئېلان قىلدى. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
شىرنىلىك مېۋە:
بۆلجۈرگەن، كۆك بۆلجۈرگەن ۋە قارا بۆلجۈرگەن قاتارلىق شىرنىلىك مېۋىلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، سۇ مىقدارى ۋە يېمەكلىك تالا تەركىبى كۆپ. يېمەكلىك تالا ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ. ئۈچەينىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇپ، چىقىرىندى ماددىلارنى يۇمشىتىش ئارقىلىق قەۋزىيەتنى يەڭگىللىتىدۇ.
قاتتىق پوستلۇق مېۋە:
يەر ياڭىقى، كۈنجت ۋە ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىمۇ يېمەكلىك تالا تەركىبى مول. مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە تەرەتنى ﻫەيدەيدۇ. بىراق قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، شۇڭا بىر قېتىمدا بەك كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ.