سۈت چىشنى قۇرت يېسە يۈز شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 1216 قىتىم

چىشنى قۇرت يېيىش بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەﻫۋال. سۈت چىشىنى ياخشى داۋالاتمىغاندا، بالىلاردا ئاسانلا چايناش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، سۈت چىشىنى قۇرت يېگەندە ئۇنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا، كېيىنكى ئۆسۈپ چىقىدىغان تۇراقلىق چىشلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، چىشنىڭ مايماق ئۆسۈپ قېلىشى، شۇنداقلا چىشنى يەنە ئاسان قۇرت يېيىش ئالامىتى كۆرۈلۈپ، بالىلارنىڭ يۈز شەكلىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.