ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىش زادى ياخشىمۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 734 قىتىم

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي ئىچىدە گۈل بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ ﻫەمدە دېرىزە تەكچىسىگە ياكى ئۈستەر ئۈستىگە بىر قانچە تەشتەك گۈل قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە نەچچە ئۈلۈش ﻫاياتى كۈچى قوشۇلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا گۈل باققاندا يەنە ﻫاۋانى ساپلاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئوسمانتۇس گۈلى، شەپەقگۈل قاتارلىقلارنىڭ تارقاتقان خۇش پۇرىقى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە باكتىرىيە يوقىتىش رولىغا ئىگە. ئۇنچە گۈل، نورۇز گۈل قاتارلىقلار زىيانلىق بولغان سىماب پارىنى، جۇخارگۈل ﻫاۋادىكى گۇڭگۇرتنى ئۆي قاﻫازلىرى، پول قاتارلىقلارنىڭ سىرىدىن تارقىلىدىغان فورماكدېگىد دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل زىيانلىق گازنى ۋە كاربون چالا ئوكسىدىنى سۈمۈرۋالالايدۇ.
يېشىل ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرۇى ئاستىدا فوتوسىنتېز ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا، يەنە ﻫاۋادىكى كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرۋالىدۇ.
ئادەتتە بىرى كۋادرات جايدىكى يېشىل يوپۇرماق 1.5 گرام كاربۇن تۆت ئوكسىدنى سۇمۇرۋالالايدۇ ﻫەمدە ئوكسىگېن قويۇپ بىرىدۇ. شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن گۈللەر ئۆسۈش چىچىپ ئادەملەرنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەپ، روﻫىنى ئۇرغۇتۇپ، كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
بىراق بەزى گۈللەرنىڭ تەركىبىدە، مەسىلەن، سۆگەتگۈل، كۆركۈم گۈلى، قىزىل ئېچىلىدىغان سالۋىيە گۈلى، كاككۇكگۈلى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقدارى توكسىن بولىدۇ. نەرگىنگۈلى ۋە ياپين رودىيەسىنىڭ غۇل ۋە يوپۇرماقلىرى تەركىبىدىمۇ توكسىن بار. بۇ خىل گۈللەرنى ئۆستۈرگەندە ئالاﻫىدە ئېﻬتىيات قىلىش لازىم، زەﻫەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولۇپمۇ كىچىك بالىلا ئۇلارنى خالىغانچە ئۈزسە بولمايدۇ، ئېغىزىغا سالسا تېخىمۇ بولمايدۇ. يەنە يېشىل ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى ئاستىدا كاربون تۆت ئوكسىدنى ئكسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى ئاستىدا كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرۋېلىپ، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ، لېكىن كىچىسى بۇنىڭ ئەكسىچە ئوكسىگېننى سۈمۈرۈپ، كاربون تۆت ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ، لېكىن كىچىسى بۇنىڭ ئەكسىچە ئوكسىگېننى سۈمۈرۈپ، كاربون تۆت ئوكسىدى چىقىرىدۇ.
شۇڭا ئۆي ئىچى ﻫاۋاسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساىلاش ئۈچۈن، كەچقۇرۇقى گۈللەرنى سىرتقا ئاچىقىۋېتىش كېرەك.