قىش پەسلىدە ئۆي زىننەتلەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 1009 قىتىم
ماتېرىياللارنى يۆتكىگەندە، نەملىكتىن ساقلىنىش. قىش پەسلىنىڭ ﻫاۋاسى قۇرغاق بولۇپ، ماتېرىياللار تەركىبىدىكى نەملىك بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن مەزگىل، بۇ مەزگىلدە ئۆي زىننەتلىسە، يېرىلىش ۋە شەكلى ئۆزگىرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ قار – يامغۇرلۇق كۈنلەردە ماتېرىيالنىڭ ﻫۆل بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، يۆتكەپ كېلىنگەن ماتېرىياللارنى پاكىز سۈرتۈش، ئۆي ئىچىدىكى قۇرغاق، ﻫاۋا ئۆتىشىدىغان، سۇدىن يىراق بولغان ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان تاختاي ئۈستىگە تەكشى قويۇپ، ئۈستىگە بىر قەۋەت تاختاي يېيىتىپ قويۇش كېرەك، ﻫەرگىز تىكلەپ قويماسلىق لازىم.
تامغا زاماسكىنى بەك قېلىن بەرمەسلىك. قىش پەسلىدە ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى قۇرغاق بولغاچقا، نەملىكنى ئاسان يوقىتىدۇ، بۇنداق ئەﻫۋالدا زاماسكىنى بەك قېلىن بەرگەندە، ئاسانلا كاۋاك قېلىش، يېرىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زاماسكا بەرگەندە ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇشى لازىم.
ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ياغاچ ماتېرىيال ئىشلەتكەندە، چاك ئارىلىقىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغانلىقتىن، ياغاچ ماتېرىياللار تارىيىش ﻫالىتىدە تۇرىدۇ، ئەگەر ئارىلىقنى بەك زىچ قويۇۋەتكەندە، ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تاختايلار كۆپۈپ پول، ئۆي جاﻫازىلىرى، ئىشىك – دېرىزىلەر قىيىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ﻫەتتا يېرىلىپمۇ كېتىدۇ. شۇڭا تاختاي يېيىتقاندا، تامغا يېقىن تۆت ئەتراپىدىن ئۈچ مىللىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇش كېرەك.
سىرلىغاندا تېمپېراتۇرىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش. كاۋچوك سۈتى سىرى (رۇجاۋچى) بەرگەندە تېمپېراتۇرا ℃5تىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئادەتتە دائىم ئىشلىتىدىغان ئارىلاشما كاۋچوك سۈتى سىرىنى ئىشلەتكەندە، تېمپېراتۇرا ℃0 تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، لاك (چڭچى) بىلەن سىرلىغاندا، تېمپېراتۇرا ℃8 تىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ چوقۇم نۆلدىن يۇقىرى ℃5 تىن تۆۋەن بولماسلىقى، بولۇپمۇ سىرچىلىق قىلغاندا ئۆينى ئىسسىقراق تۇتۇش، سىر پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىپ ﻫاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
زىننەتلەش تۈگىگەندىن كېيىن ئۆيگە ئالدىراپ كۆچۈپ كىرمەسلىك كېرەك. ئۆينى قىش پەسلىدە زىننەتلىگەندە ماتېرىيال تەركىبىدىكى فورمالىن ئاسانلىقچە يوقالمايدۇ. ئەگەر زىيانلىق ﻫاۋا كۆپ مىقداردا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ قالسا، ﻫاۋا تەڭشىگۈچ، ئىسسىتىش ئەسۋابلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ پارلىنىپ، ئادەمگە، بولۇپمۇ بالىلارغا زىيىنى چوڭ بولىدۇ، ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا، ئۆينى تولۇق قۇرۇتۇپ، ﻫاۋا تولۇق ئالمىشىپ ساپلاشقاندىن كېيىن كىرىش، يېڭىدىن سېتىۋالغان ئۆي جاﻫازىلىرىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن ئۆيگە كىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
چاقچۇق چاپلاشتىن بۇرۇن چوقۇم سۇغا چىلاش كېرەك. قىش پەسلىدىمۇ چاقچۇقنى چاپلاشتىن بۇرۇن چوقۇم سۇغا چىلاپ سۇغا ئوبدان قاندۇرۇپ ئاندىن چاپلاش لازىم. بۇنداق قىلغاندا، چاقچۇق سېمونت لاينىڭ تەركىبىدىكى سۇنى سۈمۈرۈۋېلىپ، سېمونت لاي بىلەن چاپلاشماي قېلىشتىن، شۇنداقلا يېرىق قىلىش، ئاجىراپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
گېپىس تاختاينىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش. گېپىس تاختاينى ئاسقاندا، گېپىس تاختاي بىلەن تام ئارىسىدا بىر – ئىككى سانتىمېتىرغىچە چاك قويۇش كېرەك، ئاۋۋال ﻫاك بىلەن چاكنى ﻫېملاپ، زىننەتلەشتە ئىشلىتىلىدىغان رەخت بىلەن چاپلاپ، ئاندىن زاماسكىلاش كېرەك. دىققەت قىلىدىغان مۇﻫىم بىر ئىش گېپىس تاختاي ئاسىدىغان ياغاچ جازا مۇستەﻫكەم بولۇشى كېرەك، بولمىسا گېپىس تاختاي يېرىلىپ كېتىدۇ.
ئاۋۋالقى تەييارلىق
1.ماتېرىياللارغا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن، يېڭى ياسالغان ئۆي چوقۇم تولۇق قۇرۇغان بولۇشى؛
2.ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃5 تىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرا ℃10 تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
3.زىننەتلەشتە ئاۋۋال سۇدىن ساقلىنىش ئەسلىﻬەلىرىنى ياخشىلاپ، ئاندىن چاقچۇق چاپلاش ﻫەم ياتقۇزۇش، ئارقىدىن ياغاچچىلىق، زاماسكا بېرىش ئىشلىرىنى قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا سىرلاش؛
4. يېقىملىق زىننەتلەش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشكە ئەﻫمىيەت بېرىش كېرەك.