guide
قاتتىق كارىۋات ﻫەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
663 قىتىم

 
كىشلەر : ‹‹ قاتتىق كارىۋات ئۈستىخانغا پايدىلىق، كارىۋات قاتتىق بولسا، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا بەدەن ئاغرىمايدۇ ›› دەپ قارايدۇ. بىراق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى؛ ‹‹ كارىۋات زىيادە يۇمشاق بولسا، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئېگىلىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەل قىسنمىدىكى مۇسكۇل بىلەن پەينىڭ يىغىلىشى، قىسىلىشى ۋە تارتىشىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق بەك قاتتىق كارىۋاتمۇ بەدەنگە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇخلىغاندا ئۆرۈلۈش قېتىم سانىنى كۆپەيىتىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، كارىۋات بەك قاتتىق بولۇپ كەتسە، ئومۇرتقا نورمال ئېگىلمەي، سەﻫەردە ئورنىدىن تۇرغاندا بەل ئاغرىيىدۇ ››. مۇتەخەسىسىلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى؛ ‹‹ بېلى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى بارلار ﻫەم بېلى ئاغرىيدىغانلار، سۇنۇق ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغانلارغا قاتتىق كارىۋات ياقىدۇ. بىراق ساغلام كىشلەر، بالىلار، بوۋاقلار بەك قاتتىق كارىۋاتتا ياتسا بولمايدۇ. كارىۋاتنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىقىغا ﻫۆكۈم قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى كارىۋاتتا يېتىپ، ئىككى قولنى بەلنىڭ ئاستىغا قويۇش؛ ئەگەر قول چىڭ بېسىلسا ﻫەم قولنى ئىتتىك تارتىپ، چىقىرىۋالالمىسا، بۇ كارىۋاتنىڭ قاتتىقلىقى مۇۋاپىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‹‹