guide
سەپەردە ئاپتوموبىلنى تېز رېمۇنىت قىلىش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
1001 قىتىم
سەپەرگە چىققاندا ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلسە، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇلنى قوللىنىپ كۆرۈڭ.
   ماي باكى تېشىلسە: سەپەردە باكتىن ماي ئاقسا، تېشىلگەن ئورۇننى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، سوپۇن ياكى سېغىزنى تېشىلگەن ئورۇنغا چاپلىسا، ماي ۋاقتىنچە ئاقمايدۇ، ئېپوكسى سىمۇلا يېلىملىق يېپىشتۇرغۇچ بىلەن چاپلىسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
   ماي تۇرۇبىسى يېرىلسا: يېرىلغان ئورۇننى پاكىز سۈرتۈپ، سوپۇن سۈرۈپ، پىلاستېر ياكى رەخت بىلەن يۆگەپ، ئۈستىگە يەنە سوپۇن سۈرۈۋەتسەك بولىدۇ.
   ماي تۇرۇبىسى ئۈزۈلسە: ماي تۇرۇبىسىنىڭ دىيامېتىرىغا ماس كېلىدىغان رېزىنكە ۋە سۇلياۋ تۇرۇبىنى تېپىپ ئۇلىساق بولىدۇ، ئەگەر ئىككى ئۇچىنىڭ ﻫىملىشىشى ياخشى بولمىسا، سۇلياۋ يالتىراقنى تۇرۇبا ئۇچىغا يۆگەپ ئۇلىساق ياكى سىرتىدىن يۆگىسەك بولىدۇ.
   سىلىندىر قاپقىقىدىن سۇ ياكى ماي ئاقسا: تېشىلگەن ئورۇنغا باراۋەر كېلىدىغان توكچىلار ئىشلىتىدىغان بىخەتەرلىك سىمىنى تۆشۈككە نىقتاپ تىققاندا، ماي ۋە سۇنىڭ ئېقىشىنى ۋاقتىنچە توختاتقىلى بولىدۇ.
   ماي تۇرۇبىسى ئۇلانغان ئورۇندىن ماي ئاقسا: بۇنداق ئەﻫۋالنى ئادەتتە تۇرۇبا كانايچە ئېغىزى بىلەن تۇرۇبا گايكىسىنىڭ ﻫىم بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. داكىنى كانايچە ئېغىزى ئاستىغا ئوراپ، ئاندىن گايكىغا تۇرۇبا بېشىنى كېرگۈزسەك بولىدۇ.
   سۇ كېرىش – چىقىش يۇمشاق تۇرۇبىسى يېرىلسا: يېرىلغان ئورۇن زىيادە چوڭ بولمىسا يېرىلغان ئورۇنغا سوپۇن سۈرتىلگەن رەختنى چىڭ ئورىساق بولىدۇ، يېرىلغان ئورۇن چوڭراق بولسا ئۇ يەرنى كېسىۋېتىپ سۇلياۋ تۇرۇبا ياكى تۆمۈر تۇرۇبا ئۇلاپ تېڭىۋەتسەك بولىدۇ.
   شامالدۇرغۇچ تاسمىسى ئۈزۈلۈپ كەتسە: ئۈزۈلگەن تاسما (لېنتا) ئۇچىنى چىڭ باغلاپ ياكى قايتا – قايتا قوزغىتىپ تەدرىجىي تېزلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.
   ۋېنتا تۆشۈكى سىلىقلىنىپ رولىنى يوقاتسا: بۇنداق ئەﻫۋال كۆرۈلگەندە ماي ئېقىش ياكى شاتۇن بوشاپ خىزمەت قىلىش نورمال بولمايدۇ، بۇنداق ئەﻫۋالدا شاتوننى بولقا بىلەن يېنىك ئۇرۇپ، سوقىچاق ﻫالەتكە كەلتۈرۈپ سالساق بولىدۇ. پەردە (دىئافراگما) ياكى ماي يوللاش پومپا (ناسوس) پەردىسى يېرىلسا ياكى ئۈزۈلسە: ماي پومپا پەردىسىنى چىقىرىپ پاكىلىت تاختا، توكچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىزولياتسىيە تاختىسى ياكى سۇلياۋ رەختنى ئەسلىدىكى پەردە شەكلىدە ياساپ، پاكىز سۈرتۈۋېتىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
   ۋېنتىل (چاققا يەل ئۇرۇش تۆشۈكى) نىڭ پۇرژىنىسى سۇنۇپ كەتسە: بۇنداق ئەﻫۋالدا سۇنغان پۇرژىنىنى ئېلىپ، ئۈستۈنكى ئۇچىنى ئاستىغا (تەتۈر) قىلىپ سېلىپ قايتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قېلىنلىقى بىر مىللىمېتىر كېلىدىغان قەلەينى پۇرژىنىنىڭ دىيامېتىرىدىن بىر مىللىمېتىر چوڭلۇقتا يۇمىلاق قىلىپ كېسىپ، ئوتتۇرىسىدىن يۇمىلاق قىلىپ تۆشۈك ئېچىپ دىيامېتىرى پۇرژىنا دىيامېتىرىدىن تۆت مىللىمېتىر كىچىك، سىرتقى بۇرجەكلىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئالتە مىللىمېتىر، يېرىلىش ئېغىزىنى تۆت مىللىمېتىر قىلىپ كېسىپ، ﻫەر بىر قاتلامنى بىر ئورام قىلىپ تىزىپ، قوش يۈزلۈك پۇرژىنا ئوقۇرى شەكلىگە كەلتۈرۈپ، پۇرژىنا تەڭشەش بېشىنى قەلەي ئوقۇرى ئىچىگە سېلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.