guide
ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئەرلەر
يوللانغان ۋاقتى :
02-12
كۆرۈلۈشى:
1937 قىتىم
 


1. پۇل تۆلەيدىغان چاغدا ئاياللارنىڭ كەينىدە قالىدىغان ئەرلەر.
2. قىزلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى ئوچۇقتىن - ئوچۇق سۆزلەيدىغان ئەرلەر.
3. ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان مەسىلەن: ئۆزىنى «مۇﻫەببەت ئىلاﻫى» چاغلايدىغان ئەرلەر.
4. ﻫەممە نەرسىنى يىپتىن-يىڭنىسىغىچە زىغىرلايدىغان، بولۇپمۇ ئايالىنىڭ كېيگىنى-يىگىنى بىلەن ﻫېسابلىشىدىغان ئەرلەر.
5. ئۆزىنىڭ سالاپىتىدىن پايدىلىنىپ قەستەن ياش قىزلارنى جەلىپ قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان «قېرى ئەرلەر».
6. ئۆزىنى ئىنتايىن كېلىشكەن، قالتىس چاغلايدىغان ئەرلەر.
7. جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالىدىغان ئەرلەر.
8. ئاياللار بىلەن بىر قېتىم تاماق يەپ قويۇپلا، ئۆزىنى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بار قىلىپ كۆرسىتىپ، قالايمىقان سۆزلەيدىغان ئەرلەر.
9. ئاغزى بېسىقماي «سېرىق يۇمۇر» سۆزلەيدىغان ئەرلەر.
10. « ئاياللارنى چۈشىنىمەن» دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەرلەر.
11. زورلۇق خاﻫىشى ئېغىر، ئاياللارنى ئۇرىدىغان ئەرلەر.
12. ئاياللارنى كۆرگەن ﻫامان «سىزنىڭ قەلبىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىرتقى قىياپىتىڭىز بىلەن كارىم يوق » دەيدىغان ئەرلەر.
13. قورسىقىدا بىلىمى يوق، ئەمما ئۆزىنى ئالىيجاناپ چاغلايدىغان ئەرلەر.
14. ساپاسى تۆۋەن، ئەمما ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئەرلەر.
15. شەﻫۋەتپەرەسلىك قىلىپ باشقىلارغا چېقىلىپ، ئارقىدىن ئايالىغا قەسەم قىلىپ يالۋۇرىدىغان يارىماس ئەرلەر.
16. بالىسى سوئال سورىسا، داۋاملىق «ئاپاڭدىن سورا» دەيدىغان ئەرلەر.
17. تاماكىنى تولا چېكىپ، چىشىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئەرلەر.
18. ﻫە دېسىلا ئاياللارغا «غورۇرۇمغا تەگدىڭ» دەيدىغان ئەرلەر.
19. ئاياللارنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان ئەرلەر.
20. ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئەرلەر.
21. سۆزلىگەندە گەپنى ئۇزارتىپ، بىر جۈملە سۆزنى ئۈچ جۈملە قىلىپ سۆزلەيدىغان ئەرلەر.
22.« ﻫاراق ئىچمەيدىغان ئەرلەر ئەر ﻫېسابلانمايدۇ» نى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەرلەر.
23. كىچىككىنە ﻫوقۇققا ئېرىشسە ئاغزى قۇلىقىغا يېتىدىغان ئەرلەر.
24. ئاۋۋال قىز تەرەپنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئاندىن قوغلىشىدىغان ئەرلەر.
25. تاماق يىگەندە غەيرىي ئاۋاز چىقىرىدىغان ئەرلەر.
26. ﻫاراقنى كۆپ ئىچىدىغان، قىمار ئوينايدىغان ئەرلەر.
27. ئاياللاردەك كېيىنىدىغان يەنى رەڭلىك كۆينەكلەرنى ۋە بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كېيىملەرنى كېيىۋالىدىغان ئەرلەر.
28. بىر خىل كېيىمنى ئالماشتۇرماي كېيىۋىرىدىغان، كېيىملەرنى پاكىز، رەتلىك كىيمەيدىغان ئەرلەر.
29. خىزمەتتە كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراپ ، ئۆيگە بارغاندا ئايالىدىن ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان ئەرلەر.
30. ﻫەر كۈنى ئۆزىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەرلەر.