guide
ئىلى تاتارلىرىنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
955 قىتىم

     تاتار مىللىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، شۇنىڭدەك پەسىل پەرقى، ياش قۇرامى، جىنس ئايرىمىسى بويىچە تۈرلۈك رەڭلەردە، كۆپ خىل پاسوندىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. دۆلىتىمىزدە تاتارلار شىنجاڭنىڭ شىمال قىسمىدىكى رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 5000 ئەتراپىدا.
    ئومۇمەن ئالغاندا، تاتار ئەرلىرى ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىدە بېشىغا قارا، كۆك، يېشىل، بېغىر رەڭ دۇخاۋىدا تىكىلگەن، گۈل ئىشلەنگەن ياكى سىيدام ئېگىزرەك دوپپىلارنى كىيىدۇ؛ قىش كۈنلىرى ئەلتېرە، قاما، سۇلەيسۇندىن تىكىلگەن قۇلاقچىلارنى كىيىدۇ (چارۋىچىلىق رايونىدىكى بەزى ئەرلەر تۈلكە تېرىسىدىن تىكىلگەن قۇلاقچىلارنىمۇ كىيىدۇ). تۈرلۈك رەڭلەردىكى تىك ياقىلىق كۆڭلەك كىيىپ، سىرتىغا پىنجەك كىيىدۇ، بېلىگە پوتا باغلايدۇ. ياشلار ئاق، ﻫاۋارەڭ كۆك قايرىما ياقىلىق، تىك ياقىلىق كانۋا ئىشلەنگەن كۆڭلەك كىيىدۇ؛ كۆك، قارا ۋە باشقا رەڭدىكى بۇرۇلكا، شىبلىت كىيىدۇ. قىشتا تۈرلۈك تېرىلەردىن تىكىلگەن پاختىلىق پىنجەك، تېرە پىنجەك، جۇۋا، پاختىلىق چاپان، تون قاتارلىقلارنى كىيىدۇ.
    تاتار خانىم-قىزلىرى بېشىغا مەرۋايىت، زەر ۋە تۈرلۈك رەڭلىك يىپلاردىن گۈل چېكىلگەن دوپپا، نەقىشلەنگەن قالپاق كىيىدۇ؛ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار دوپپا ئۈستىگە ياغلىق سالىدۇ. ياش خانىم-قىزلار ئالدىغا ۋە يېڭىگە گۈل كەشتىلەنگەن كەڭ ئېتەكلىك كۆڭلەكلەرنى ياكى يوپكا-كوپتا، پىلاتى، كاستۇم-يوپكا قاتارلىقلارنى كىيىدۇ. ئائىلىدە ئىش قىلغاندا، ئالدىغا كانۋا ئىشلەنگەن پەرتۇق تارتىدۇ. تاتار خانىم-قىزلىرى بوينىغا ئالتۇن مېدالىيون، ياقۇت، مەرۋايىت ۋە تۈرلۈك ئېسىل تاشلاردىن قىلىنغان مارجان تاقايدۇ. قۇلىقىغا ﻫالقا سالىدۇ، قولىغا ئۈزۈك، بىلەيزۈك سالىدۇ.
    ﻫازىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى تاتارلار ﻫەر مىللەت خەلقىگە ئوخشاش، دۇنياۋى ئورتاق كىيىملەرنى كىيىدىغان بولدى. شۇنداقتىمۇ، نۇرغۇن تاتار ئۆيلىرىدە ئەنئەنىۋى، مىللىي كىيىم-كېچەكلەر تىكتۈرۈلگەن ياكى ساقلانغان بولۇپ، كىشىلەر سابان تويى، نورۇز بايرىمى، يېڭى يىل كېچىلىكى قاتارلىق بايراملاردا ۋە تۈرلۈك سەنئەت كۆرەكلىرىدە، مەرىكە-مۇراسىملاردا ئۇنى كىيىپ، پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.