ئوڭاي تالاغا قاراپ قالىدىغان مەزگىل قايسى؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-12
- كۆرۈلۈشى:
- 2294 قىتىم
سىنگاپوردىكى بىر ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 40، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 37 گە يەتكەندە مەسىلە كۆرۈلۈپ، ﻫەر ئىككى تەرەپ ئېﻬتىيات قىلمىسا، ناﻫايىتى ئاسانلا «رېلىس» تىن چىقىپ كېتىدىكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تالاغا قاراپ قالىدىغان، ﻫەتتا ئاجرىشىدىغان ئىشلار كۆرۈلىدىكەن. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئون يىلدىن ئاشقان شېرىن تۇرمۇشنىڭ تەمى قالمايدىغان بولۇپ، ئاسانلا ﻫېسسىيات جەﻫەتتە مەسىلە كۆرۈلىدىكەن. بۇنداق ۋاقىتتا، ئەر-ئاياللار كەلگۈسىنى ئويلىمىغاندا، سەبىي بالىلارنى يېتىم قېلىشتەك يامان ئەﻫۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن.

شاڭخەي شەﻫەرلىك 10- دوختۇرخانىنىڭ جىنس پىسىخولوگىيەسى دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر 40 ياشتا، ئاياللار 37 ياشتا خۇددى كۆرۈنۈشتە ناﻫايىتى ئامراقتەك تەسىر بەرگەن بىلەن ئىچكى جەﻫەتتىن بىر خىل بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللىنىدىكەن.
تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئۆز ئارا سۈركىلىش مەزگىلى، يەتتىنچى يىلى كىرىزىس مەزگىلى، 10-يىلى بولسا بۇرۇقتۇرما بولۇش مەزگىلى ئىكەن. تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ﻫەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشى، كىچىك ئىشلارنى تەگەپ يۈرمەسلىكى كېرەك ئىكەن. يەتتىنچى يىلدىكى كىرىزىس مەزگىلىدە بولسا، ﻫەر ئىككى بىر-بىرىگە ئېﻬتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، گەپ-سۆز ۋە ﻫەرىكەتكە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ﻫەر ئىككى تەرەپ مۇﻫەببەتنىڭ ئەڭ مۇﻫىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئائىلىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشى كېرەك ئىكەن.
دېمەك، مۇشۇ ئارىدىكى خەتەرلىك مەزگىلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن، نىكاﻫ تۇرمۇشىدا غەيرىي ئەﻫۋاللار ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدىكەن.