ئەي ئەر،ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدىكى ئايالىڭىزغا قاراپ بېقىڭ!
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-27
- كۆرۈلۈشى:
- 1771 قىتىم
ئەي ئەر،ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدىكى ئايالىڭىزغا قاراپ بېقىڭ!ئۇ خاتىرجەم ئۇخلاۋېتىپتىمۇ،يۈزىدە بەخت شولىسى جۇلالىنىپ تۇرۇپتىمۇ،ياكى قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ،كۆز جىيەكلىرى نەملىشىپ قاپتىمۇ؟بەلكىم سىزنىڭ مۇشۇ بىر قارىشىڭىز بەزى ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن.
ئەگەر ئايالىڭىز سىزگە دۈمبىسىنى قىلىپ ياتقان بولسا،ئۇنى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ،تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىنى تۈزلەپ قويۇڭ.سىز پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۇخلاپ قالسىڭىز بەلكىم ئايالىڭىز بىر كېچە ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزىشى ، ياشلىرى ياستۇقنى نەملىشى مۇمكىن.بەلكىم ئۇ بىر كېچە قالايمىقان خىيال قىلىپ،ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى ئويلاپ ياتقاندۇر.سىز ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا،بەلكىم ئۇنىڭ قەلبى ئاللىقاچان مۇزلاپ كەتكەندۇر.
ئاياللار گۇمانخور كېلىدۇ،سىزدىن سەللا ئىللىقلىق ﻫېس قىلالمىسا، كېچىلەرنى ئەنسىزلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.
ئايالىڭىز ﻫەرۋاقىت سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزگە مۇﻫتاج،بەلكىم ﻫارغىنلىق ﻫېس قىلىشىڭىز مۇمكىن،ئەمما بۇ ئۇنىڭ سىزنى سۆيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.ئۇنىڭغا ﻫەرگىز بىزار بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەڭ،ئۇنداقتا ئۇنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ قالىدۇ.
ئاياللار ئاجىز كېلىدۇ،ئۇلار ئەنسىزلىك ئىچىدىلا يۈرىدۇ،ئۇنىڭغا مېﻬىرلىك قولىڭىزنى سۇنسىڭىز ئۇ ئۆزىنى جەنەتتە تۇرغاندەك ﻫېس قىلىدۇ،ئىتتىرىۋەتسىڭىزلا دوۋزاققا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. i
ئەي ئەر، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدا ياتقان ئايالىڭىزغا يەنە بىر قېتىم قاراپ بېقىڭ!
ئۇيقىڭىزغا قېنىپ ئويغانغىنىڭىزدىمۇ يېنىڭىزدىكى جىمغۇرلىشىپ قالغان ئايالىڭىزغا سىنچىلاپ قاراپ بېقىڭ،سىز بەلكىم ئۇنىڭ بۈگۈن ئادەتتىكىدىن قىېنىقراق گىرىم قىلىۋالغان بولسىمۇ،ئىششىپ ساڭگىلاپ قالغان قاپاقلىرىنى يوشۇرالمىغانلىقىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن،مۇنداق چاغدا گومۇشلارچە،‹قىلغان گىرىمىڭىز ياراشماپتۇ› دېمەڭ،ئۇنى چوڭقۇر مىﻬرىڭىز بىلەن قۇچاغلاڭ،بۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭ مۇزلەپ كېتەي دەپ قالغان يۈرۈگى قايتىدىن ئىللىشى مۇمكىن،سىزدىن ﻫىچنىمە كەتمەيدۇ،پەقەت بىر قۇچاغلاشلا كۇپايە.
مەنبە:تەرجىمە ئەسەر