guide
ساغلام نىكاﻫنى ساقلاشنىڭ بەش تەدبىرى
يوللانغان ۋاقتى :
12-05
كۆرۈلۈشى:
1841 قىتىم
ئەركىن پىكىر بايان قىلىش : ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئوچۇق – يۇرۇق ، ئەركىن ﻫالدا ئۆز ﻫىسسىياتىنى ، كۆز قارىشىنى ، نارازىلىقلىرىنى بايان قىلالىشى ساغلام نىكاﻫ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇﻫىم ئىپادىسى .
  ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش : ئەر – خوتۇن بىرلىكتە تىرىشىپ ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . بۇنداق ئىقتىدار بولمىسا ، نىكاﻫ ﻫامان بىر كۈنى بۇزۇلىدۇ .
  قارشى تەرەپنىڭ پىكرىگە ﻫۆرمەت قىلىش : نىكاﻫ مۇناسىۋىتىنى ئەر – خوتۇن ئورتاق بەرپا قىلىدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرىگە ئەر – خوتۇن ئىككىسىلا ئەمەس ، بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق ئۇچرايدۇ . شۇڭا ، ئەر – خوتۇن ئىككىسى بىر – بىرىنىڭ پىكىرىگە ﻫۆرمەت قىلىشى ، ئورتاقلىقلىرىنى ساقلاپ ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا ماﻫىر بولۇشى كېرەك .
  قەرەللىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش : ئۆز - ئارا يول قويغان ئاساستا دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىناق ئائىلە مۇﻫىتىنى يارىتىشقا پايدىلىق .
  نىكاﻫنى قەدىرلەش : ئەر – خوتۇنلار ئۆز - ئارا ﻫۆرمەت قىلىشىپ ، ئۆز - ئارا كۆيۈنۈپ ، كۆڭۈلنىڭ ئازار يەپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ ، ئىناق ئائىلە قورۇشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك